مۇستاپا ئاكىنجى 1947-يىلى 28-دىكابىردا شىمالى سىرۇس تۈرك جۇمھۇرىيتىنىڭ لىماسول رايۇنىدا تۇغۇلغان. ئوتتۇرا شەرق تېخنىكا ئۇنىۋېرستىتى بىناكارلىق پاكۇلتىتىنى پۈتتۈرگەن. ئۇ 1975-يىلى سىپرۇس پارلامېنت ئەزاسى بولۇپ سايلانغان. ئاكىنجى 1976-يىلى 28 يېشىدا لەفكوشا شەھەر باشلىقى بولۇپ سايلىنىپ 1990-يىلىغا قەدەر داۋاملاشتۇرغان. ئاكىنجى نۇرغۇن بىناكارلىق تۈرلىرى ۋە ھەمكارلىق خىزمەتلىرىدە نەتىجە يارىتىپ 1989-يىلىدا «دۇنيا خابىتات مۇكاپاتى» غا، 2007-يىلىدا «ئاغاخان بىناكارلىق مۇكاپاتى» غا ئېرىشكەن. ئاكىنجى 1987-يىلىدىن 2001-يىلىغىچە سوتسىيالىستىك ئازادلىق پارتىيىسى باشلىقى بولۇپ ۋەزىپە ئۆتىگەن، 1993-2009-يىللىرى ئارىسىدا شىمالى سىپرۇس تۈرك جۇمھۇرىيتى جۇمھۇرىيەت پارلامېنتى خەلق ۋەكىلى بولۇپ ۋەزىپىسىنى داۋاملاشتۇرغان. ئاكىنجى 1999-2001-يىللىرى ئارىسىدا باش مىنىستىر ياردەمچىسى ۋە ساياھەت مىنىستىرى بولۇپ ۋەزىپە ئۆتىگەن. 2003-يىلىدىكى ئاننان پىلانى مەزگىلىدە تەشكىللەنگەن تىنچلىق ۋە دىموكراتىيە ھەرىكىتىنىڭ قۇرغۇچىلىرىدىن بىرى بولغان ۋە ھەرىكەتنىڭ بىر مەھەل باشلىقى بولۇپ ۋەزىپە ئۆتىگەن. ئاكىنجى 2015-يىلىدىكى پرېزىدېنت سايلىمىنىڭ ئىككىنجى باسقۇچىدا سابق پرېزىدېنت دەرۋىش ئەر ئوغلى بىلەن رىقابەتلىشىپ سايلامدا غەلبە قىلدى. ۋە دۆلەتنىڭ 4-نۆۋەتلىك پرېزىدېنتى بولۇپ سايلاندى. ئاكىنجى ئىنگىلىز تىلىنى پىششىق بىلىدۇ، ئۇ ئۆيلەنگەن ۋە ئۈچ بالىسى بار.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved