جوڭشىن تورى 9-ئاينىڭ 23-كۈنىدىكى تېلىگراممىسى: يېقىندا ۋەزىپىسىنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئالدىدا تۇرغان ئاففانىستان ئەلبېشى كارزايى سەيشەنبە (23-چېسلا) كۈنى ئامېرىكىنىڭ ئاففانىستاننى ئۇزۇن ۋاقتلىق ئۇرۇش قالايمىقانچىلىقىغا سۆرەپ كىرگەنلىكىنى ئەيىبلىدى.
كارزايى ئۆزىنىڭ خىزمەتتىن ئايرىلىش نۇتۇقىدا ، ئۇزۇن يىلدىن بېرىقى تالىبان رەھبەرلىكىدىكى قوراللىق كۈچلەر بىلەن بولغان ئۈزلۈكسىز توقۇنۇشقا ئامېرىكىنىڭ سەۋەبچى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى ۋە ئافانىستان يېڭى ھۆكۈمىتىنىڭ ئامېرىكا ۋە باشقا غەرب ئەللىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتە قاتىق دېققەت قىلىشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتتى.
كارزايى مۇنداق دېدى:ئۇرۇشنىڭ توختىماسلىقىدىكى سەۋەبلەرنىڭ بىرى شۇكى ئامېرىكىغا تىنچلىق كېرەك ئەمەس ، چۈنكى ئۇلار ئۆزىنىڭ پىلانى ۋە مەقسىتى ئۈچۈن ئىش قىلىدۇ . ئاففانىستان ئۇرۇشى ئۇ بىزنىڭ ئۇرۇشىمىز ئەمەس ، بەلكى بىزگە زورلاپ تېڭىلغان ئۇرۇش .
بىز زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى .ئامېرىكا تىنچلىقنى مەقسەت قىلمايدىكەن ، ئافانىستانغا مەڭگۈ تىنچلىق بولمايدۇ.… ئاففانىستاندىكى توقۇنۇش ھەريىلى نەچچە مىڭلىغان ئاففانىستان پۇقراسى ۋە 2200گە يېقىن ئامېرىكىلىق ۋە چەتئەل قوراللىق كۈچلىرىنىڭ ئۆلۈشىگە سەۋەپ بولماقتا
![]() |
چاۋشيەن مەركىزى ئاگېنتلىقىنىڭ 7-ماي خەۋەر قىلىشىچە: كىم جوڭئۇن 6-ماي ئېچىلغان چاۋشيەن ئەمگەكچىلەر پارتىيەسىنىڭ 7- قۇرۇلتىيىدا ئىچىلىش نۇتقى سۆزلىگەن.
كىم جوڭئۇن مۇنداق دې...
|
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 5-ئاينىڭ 7-كۈنى، مېكسىكا، كولۇمبىيە، ئىسپانىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىكى پۇقرالار يىغىلىشقا قاتنىشىپ، نەشە چېكىشنىڭ قانۇنلاشتۇرۇلۇشىنى تەلەپ قىلدى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved