گوگۇل Project Ara يانفۇنى بولسا دۇنيا بويىچە تۇنجى پارچىلىغىلى بولىدىغان يانفۇن ، ئىشلەتكۈچىلەر پۈتۈنلەي ئۆزىنىڭ قىزىقىشى بويىچە يانفۇننىڭ بۆلەكلىرىنى ئالماشتۇرۇپ ئىشلىتەلەيدۇ. بۇ خىل يانفۇننىڭ بارلىق سىرتقى زاپچاسلىرىنى خۇددى باتارىيەنى ئالماشتۇرغاندەك چىقىرىپ ئالماشتۇرغىلى بولىدۇ . مەسىلەن ، ئاپىرات بېشى، ياڭراتقۇ، زەرەتلەش ئېغىزى ، ھەتتاكى ئاساسىي ئېكراننىمۇ ئالماشتۇرۇپ ئىشلەتكىلى بولىدۇ.