سىنا تورى خەۋىرى، لەگلەك تورى تەرجىمىسى:
جۇڭشىن تورى 4-ئاينىڭ 29-كۈنى تېلىگىراممىسى : «مەركىزى ئاگنېتلىقى»نىڭ 29-ئاپرېلدىكى خەۋرىگە ئاساسلانغاندا، بۇ يىلنىڭ بېشىدىن باشلاپ، نىيۇيورك ساقچى ئىدارىسى نىيۇيوركتا كەم دېگەندە 5 يەرلىك بۆرە كۆرۈنگەنلىك خەۋرىنى تاپشۇرۇۋالغان بولۇپ، بۇ خەۋەر ساقچىلارنى چۆچۈتۈپلا قالماستىن، تاراتقۇلارنى ئۆزىگە جەلپ قىلدى.
خەۋەر دېيىشىچە تەن تۈزۈلۈشى بۆرىدىن كىچىك، ئىت ئائىلىسىدىكى ھايۋانلار تىپىغا تەۋە بولغان يەرلىك بۆرە دائىم مەيخانىنىڭ ئۆگزىسىدە، باغچىلاردا، ھەتتا كىشىلەرنىڭ تۇرالغۇ ئۆيى ئەتراپىدا گاھ پەيدا بولۇپ، گاھ يوقاپ كەتكەن.
شۇ جاي ۋاقتى 4-ئاينىڭ 28-كۈنى «خانىش » ئولتۇراق رايونى ئاھالىسى Joe Petito بىر يەرلىك بۆرىنىڭ ئۇنىڭ ئۆيىنىڭ ئىشىكى ئالدىدا پاكار دەرەخزارلىقنىڭ كەينىگە مۈكۈۋىلىپ ئارام ئالغانلىقنى سۈرەتكە تارتىۋالغان.ئۇ ئىجتىمائىي ئالاقە تور بېكىتدە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: « يەرلىك بۆرە مىنىڭ ئۆيۈمنىڭ ئالدىغا كەلدى»
ئامېرىكا قىتئەسى ئوتتۇرا قىسىمى ، غەربىي جەنۇبىدىكى يايلاق ۋە قۇملۇقلاردا ياشايدىغان يەرلىك بۆرىنىڭ سىرتقى قىياپىتى گېرمانىيە پادىچى ئىتىغا ئوخشايدىغان بولۇپ، ئەمما بەدەن ئېغىرلىقى گېرمانىيە پادىچى ئىتنىڭ يېرىمى تەڭ، بەدەن ئۇزۇنلۇقى 1.5 مېتىر.
ئۈچىنچى ئايدىن بويان نىيۇيورك ئاھالىسى يەرلىك بۆرىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن بۇلۇپ، ئادەمنىڭ دىققىتىنى قوزغايدىغان جاي مانخاتىن ئالىي ئولتۇراق رايونى، دۇنيا سودا مەركىزىگە يېقىن باتىرىي باغچە شەھەرچىسى بولۇپ، 25-ئاپرېل يەرلىك بۆرىنىڭ ئىزى بايقالغان.
ساقچى تەرەپ 1 سائەتلىك قوغلاپ تۇتۇشتىن كىيىن، بىر قەھۋەخانا ئەتراپىدا ناركوز قىلىش تاپانچىسىنى ئىشلىتىپ يەرلىك بۆرىنى تۇتقان.نىيۇيورك ساقچى ئىدارىسى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «نۆۋەتتە بۇ يەرلىك بۆرىنى ھايۋانات بېقىش ۋە باشقۇرۇش مەركىزىگە ئورۇنلاشتۇرۇپ قويدۇق.»
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved