دىڭ شىياڭ تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى .دەسلەپكى تەتقىقاتلاردىن ئىسپاتلىنىشچە، تورغا خۇمار بولۇش، خۇددى زەھەرگە ياكى ھاراققا خۇمار بولۇشقا ئوخشاش چوڭ مىڭىنىڭ تۇزۇلىشىنى مەلۇم دەرىجىدە ئۆزگەرتىۋىتىدىكەن.
تەتقىقاتچىلىرىمىز تورخۇمارى بولۇپ قالغان 17 نەپەر ئۆسمۇرىنىڭ مىڭىسىنى ساۋمىياۋ قىلغاندا چوڭ مىڭە ئارلىقلىرىدىكى باغلاملاردا ئۇزىكچىلىك بارلىقىنى ئىسپاتلاپ چىققان. بۇنىڭدىن تورغا خۇمار بولۇپ قىلىشنى داۋالاشنىڭ يىڭى ئۇسۇلىنىڭ مەيدانغا كىلىشىگە ئىلھامغا ئىرىشكەن. تورغا خۇمار بولۇپ قىلىش كىلنىكىدا بىرخىل تورغا چىقمىغىچە خۇمارى بىسىقمايدىغان، داۋاملىق تورغا چىقىشنى ئادەتكە ئايلاندۇرۋالدىغان بىرخىل كېسەللىك بولۇپ ، 14 ياشتىن 21 ياشقىچە بولغان ئارلىقتىكى 35 نەپەر قىز ئوغۇللارغا بۇ تەكشۇرۇشنى قىلغاندىمۇ بۇ نەتىجىگە ئىرىشكەن.
لوندۇن خان جەمەتى پەنلەر ئاكادىمىسىدىكى دوختۇر ھېنرىت جوڭگۇنىڭ بۇ تەتقىقات نەتىجىسىگە باھابىرىپ بۇ بىر يىڭىلىق يارتىش خاراكتىردىكى تەتقىقات دىگەن. كىلىنكا دوختۇرلىرىمۇ بۇ مەسىلىگە قارىتا چوڭقۇر كۇزۇتۇش ئىلىپ بىرىپ، تور خۇمارىغا گىرىپتار بولغانلارنىڭمۇ پىشانە پوستىلاق قەۋىتى ۋە چوڭ مىڭىنىڭ بىرقىسىم ئىقتىدار رايۇنلىرىدىكى ئاق ماددىنىڭ تۇزۇلىشىدە مەلۇم نۇرمالسىزلىق پەيدا بولىدىغانلىقىنى ھىس قىلغان. بۇ جەھەتتىكى تەتقىقاتلارنى تېخىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا دەلىللەشكە ۋە تېخىمۇ چوڭقۇر ئىسپاتلاشقا توغرا كىلىدۇ.
ھازىر ياش ئۆسمۈرلەردىكى تورغا خۇمار بۇلۇپ قېلىش ئەھۋالى بىر قەدەر ئېغىر ھېسابلىندۇ ، ئەلۋەتتە چوڭلارمۇ بار ،تور ئۇيۇنلىرىغا بېرىلىپ ھەممىنى ئۇنتۇپ كېتىدىغانلارمۇ ئاز ئەمەس . جۇڭگو ھەم ئامېرىكا مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ تەكشۈرۈش دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ياشلار-ئۆسمۈرلەر تورغا ھەددىدىن زىيادە كۆپ چىقسا، مېڭە قۇرۇلمىسدا ئۆزگىرىش بولۇپ، چوڭ مېڭە پوستلاق قەۋىتىدىكى كەيپىيات، تىل، كۆرۈش، ئاڭلاش سەزگۈسى قاتارلىق سېنىرىيەنىڭ يىگىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن، بۇ خىل ھالەت ئۇزاق داۋاملاشسا، دىققىتىنى يىغالماسلىق، ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى تۆۋەنلەش، تەدبىر بەلگىلەش ھەم نىشان بەلگىلەش قاتارلىق ئىقتىدارىغا نۇقسان يېتىش ھەم ئۆزىنى تۇتۇۋېلىش ئىقتىدارى ئاجىزلاپ، تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدىغان يامان ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقرىشقا سەۋەب بولىدىكەن.
مۇتەخەسسىسلەرنىڭ مۆلچەرلىشىچە، جۇڭگودا 2 مىليون 400 مىڭ ياشلار-ئۆسمۈرلەر تورغا خۇمار بولۇپ قالغان بولۇپ، ئالاقىدار تەكشۈرۈشلەرمۇ جۇڭگو ئىستۇدېنتلارنى ئاساسىي ئوبيېكىت قىلغان. بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى، چېڭدۇ ئۇنىۋېرسىتېتى، سىچۇەن ئۇنىۋېرسىتېتى، جۇڭگو پەن-تېخنىكا تەتقىقات ئورنى ھەم ئامېرىكا فىلورىدا ئىشتاتى ئۇنىۋېرستېتى قاتارلىق ئورۇنلاردىكى مۇتەخەسسىسلەر بىرگۇرۇپپا سوئال تەييارلاپ، ئىككى گۇرۇپپدىكى 36 ئىستۇدېنتقا تارقىتىپ بەرگەن، بىر گۇرۇپپىدىكى 18 ئىستۇدېنت ھەپتىدە 3 كۈندىن 6 كۈنگىچە، كۈنلۈكى سەككىز سائەتتىن 13 سائەتكىچە تورغا چىىدىكەن، يەنە بىر گۇرۇپپىدىكى ئىستۇدېنتلار كۈنلۈكى پەقەت ئىككى سائەت تورغا چىقىدىكەن.
مۇتەخەسسىسلەر تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە تورغان كۆپ چىقىدىغان ئىستۇدېنتلارنىڭ چوڭ مېڭە سېنىرىيەنىڭ يىگىلىگەنلىكى، تورغا چىققان ۋاقتى قانچە ئۇزاق بولسا ، سېنىرىيەسىنىڭ يىگىلىشى شۇنچە ئېغىر بولدىغانلىقىنى، چوڭ مېڭىدىكى ئۇچۇر يەتكۈزىدىغان ئاق ماددىنىڭ ئۆزگەرگەنلىكىنى ئېنىقلىغان، مۇتەخەسسىسلەر ياشلار-ئۆسمۈرلەرنىڭ چوڭ مېڭە قۇرۇلمىسىدىكى ئۆزگىرىشلەرنىڭ تورغا خۇمار بولۇپ قالغانلىقىتىن كېلىپ چىققانلىقى، بۇ خىل ھالەت داۋاملاشسا، مېڭىنىڭ ئىقتىدارىغا زور تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى ئېيتقان.
شەندۇڭ ئۆلكىسى ۋېيفاڭ شەھىرىدىكى باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 5 – يىللىقىدا ئوقۇيدىغان يۈەنيۈەن قىشلىق تەتىلدە توردا ‹‹كارت›› ئاپتوموبىل ئويۇنى ئويناشقا خۇمار بولۇپ قېلىپ، ھېيتلىق پۇلىنىڭ ھەممىسىنى خەجلىۋەتكەندىن سىرت، ئاتا – ئانىسىنىڭ 300 يۈەن پۇلىنى ئوغرىلىغان. مائارىپ مۇتەخەسسىسلىرى ئائىلە باشلىقلىرىغا بالىلارنىڭ تورغا چىقىشقا خۇمار بولۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى نەچچە تۈرلۈك ئەپچىل چارىنى تونۇشتۇردى.
بىرىنچى، بالىلارنىڭ تور ئويۇنىغا ئامراق بولۇپ قېلىشىدىكى سەۋەبلەر ناھايىتى كۆپ، شۇڭا ئائىلە باشلىقلىرى بالىسى بىلەن پاراڭلىشىپ، ئۇلارنىڭ تور ئويۇنىغا بېرىلىپ كېتىشىنىڭ زادى ساددىلارچە قىزىقىش، خۇشاللىق ئىزدەش ئۈچۈنمۇ ياكى باشقا سەۋەبتىنمۇ؟ دېگەنلەرنى ئېنىقلىشى كېرەك.مەسىلەن:ئۆگىنىش بېسىمىنىڭ ئېغىرلىقى، ساۋاقداشلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ ياخشى بولماي، رېئاللىقتىن ئۆزىنى قاچۇرۇش قاتارلىقلارمۇ بالىلارنىڭ تور ئويۇنىغا زىيادە قىزىقىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.ئائىلە باشلىقلىرى قىشلىق تەتىلدە ۋاقىت چىقىرىپ بالىسى بىلەن كۆپرەك بىللە بولۇپ، ئۇلار بىلەن ئويناش جەريانىدا بالىسىنىڭ پسىخىك ئېھتىياجىنى ئىگىلەپ بېقىشى كېرەك.
ئىككىنچى، كومپيۇتېرنى بالىنىڭ ھۇجرىسىغا قويماسلىق كېرەك.ئەڭ ياخشىسى مېھمانخانا ياكى چوڭلار ياتىدىغان ياتاق ئۆيگە قويۇش كېرەك، بۇنداق قىلغاندا بالىنىڭ تورغا چىقىش مەزمۇنىنى ئۈنۈملۈك نازارەت قىلغىلى بولىدۇ.
كۈندىلىك تورغا چىقىش ۋاقتىنى مۇقىملاشتۇرۇۋەتمەسلىك كېرەك، مەسىلەن: بۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن تورغا چىققان بولسا، ئەتىسى چۈشتىن كېيىن تورغا چىقىشى كېرەك، شۇنداق قىلغاندا بالىلاردا ۋاقىت جەھەتتىكى رېفلېكسلىق پەيدا بولۇشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. ئامال بار سائەت 9 دىن 11 غىچە بولغان ۋاقىتتا بالىلارنى تورغا چىقارماسلىق كېرەك، بۇ ۋاقىتتا تورغا چىقمىغاندا، ‹‹خۇمار››بولۇپ قېلىشتىن ناھايىتى ياخشى ساقلانغىلى بولىدۇ.بۇنىڭدىن سىرت، كومپيۇتېر يېنىغا قوڭغۇراقلىق سائەت قويۇش ياكى تورغا چىقىش ۋاقتىنى ئەسكەرتىش كارتىسى چاپلاش ئارقىلىق بالىلارنىڭ تورغا چىقىش ۋاقتىنى ئەسكەرتسە بولىدۇ. تەتىل مەزگىلىدە ئائىلە باشلىقى بالىسى بىلەن تورغا چىقىش كېلىشىمى تۈزۈپ، بالىنىڭ تورغا چىقىش ھەرىكىتىنى ئۆزى تەرتىپلىك ئورۇنلاشتۇرالايدىغان بولۇشقا يېتەكلەش كېرەك.
لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قۇشىۋېلىڭ ئىزدەش نومۇرى :LEGLEK
![]() |
بالىلار نېمە سەۋەبتىن ‹‹ياغاچ قۇلاق›› بولۇپ قالىدۇ
مەريەمگۈل ئىمىت
بىر قىسىم ئاتا–ئانىلار بالىلىرىنى ‹‹گەپ ئاڭلىمايدىغان›› بولۇپ قالدى دەپ قاقشاپلا يۈرىدۇ. بەزى ئاتا–ئانىلار ئەتىدى...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved