جۇڭجىن تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى.ئىسلام دۆلىتى(isis)نىڭ بىر باياناتچىسى 11-ئاينىڭ 17-كۈنى ئىپادە بىلدۈرۈپ ،پاكىستان تالىبانلىرىنىڭ بىر تارماق تەشكىلاتىنىڭ ئىسلام دۆلىتىنى قوللاشقا ۋەدە بەرگەنلىكىنى ئېيتتى .ئەنئەنىۋى پاكىستاندىن ئىبارەت بۇ زېمىننى بولسا بازا تەشكىلاتى ۋە يەرلىكتىكى خائىن ھەربىي ئەمەلدارلار باشقۇرىدۇ ،بۇ خىل ۋەزىيەت ۋە ھەرىكەت ئىسلام دۆلىتىنىڭ بۇ رايونىدىمۇ تەسىر كۈچى كېڭەيگەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ .
ئىسلام دۆلىتىنىڭ باياناتچىسى فاخاد مەرۋەت مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بېرىپ ئىسلام قوشۇنى بىلەن :‹ ئەل زۇبەيىر ،ئەل قۇۋۋەتى قاتارلىق ئۈچ كىشى كېڭىشىپ مەسلىھەتلىشىش ئارقىلىق ئۈچ كىشىلىك ئىسلام دۆلىتى ۋەكىللەر ئۆمىكى مەسلىھەتلىشىش ئارقىلىق ئىسلام دۆلىتىنىڭ بارلىق ھەرىكىتىنى قوللاشنى قارار قىلدى ›.
ئىسلام قوشۇنى بولسا پاكىستانغا جايلاشقان ، ئىسلام دۆلىتىنىڭ قۇرۇلۇشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان بىر تەشكىلاتتىن ئىبارەت .ئۇلارنىڭ بىردەك مەقسىتى بولسا ئاز ساندىكى مەزھەپ گورۇھلارنى يوقىتىش ۋە ئۇنىىڭ ئەزالىرىنى ئۆلتۈرۈش ۋە شۇ ئارقىلىق كۈچلۈك بولغان بىر سۈنئىي مەزھەپ گورۇھىنى تەشكىللەش .تەھلىلچىلەر مۇنداق دېدى :‹ھازىرغا قەدەر ئىسلام دۆلىتى ئاساسلىقى دىنىي گۇرۇپپىدىكىلەرنى ئۆزىگە تارتقان بۇلۇپ ئۇلار پاكىستاندىكى دۆلەتكە ساتقىنلىق قىلىدىغان تالىبانلار بىلەن بىر ئاز پەرقلىنىدۇ ،چۈنكى پاكىستاننىڭ دۆلەت ئىچىدە ISISقا ئوخشاش كۈچلۈك رادىكال تەشكىلاتلار ۋە ئاسانلا دىنىي ئۆچمەنلىكى ئۆزىگە قوبۇل قىلىۋالىدىغان كىشلەر توپى مەۋجۇت .پاكىستان سۈنئىي مەزھىپىدىكىلەر بۇلتۇر ئۆلتۈرۈۋەتكەن شىئە مەزھىپىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ سانى يېڭى بىر تارىخى ساننى شەكىللەندۈردى .ئۇلار پارتلاتقان چېركاۋدىكى ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 80 خرىستىئان مۇرتىدىن ئاشتى .ئىسلام قوشۇنى )يەنى لۈيى (نىڭ باياناتچىسى ئىپادە بىلدۈرۈپ :‹ئىسلام دۆلىتىدىكىلەر بىزنىڭ قېرىندىشىمىز ،بىز ئۇلارنىڭ ھەرقانداق بىر پىلانىنى قوللايمىز ›دېدى .
ئالدىنقى ئايدا بەش نەپەر پاكىستانلىق تالىبان قوماندانى سىن لېنتىسى ئېلان قىلىپ ئىسلام دۆلىتىنى قوللايدىغانلىقىغا ۋەدە بەردى .ئىسلام دۆلىتىنىڭ يەنە پاكىستاندا چەكلەنگەن ساداقەت ئارمىيىسى بىلەن مۇناسىۋىتى بار ئىكەن ،بۇنى رادىكال تەشكىلاتى ۋە بىخەتەرلىك ئەمەلدارى سۆز قىلغاندا ئاشكارىلىغان .بىر نەپەر رادىكال تەشكىلاتىنىڭ ئەزاسى مۇنداق دېدى :‹ساداقەت )تەقۋالار (ئارمىيىسىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبىرى سەئۇدى ئەرەبىستاننىى زىيارەت قىلدى ،ھەمدە سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن سۇرىيەنىڭ چېگرىسىدىكى بىر مەخپى جايدا ئىسلام دۆلىتىنىڭ ئادىمى بىلەن كۆرۈشتى ›.ئۇ يەنە بۇ كۆرۈشۈشنىڭ بىر يىل بۇرۇنقى ئىش ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ ئۆتكەن . چەتئەل ئاخباراتچىلىرىنىڭ ئېيتىشىچە پاكىستاندىكى تالىبانلارنىڭ ئىچىدىمۇ داۋالغۇش با ئىكەن چۈنكى ئۇلار بىر تەرەپتىن ئافغانىستان تالىبانلىرىنىڭ رەھبىرى موللا ئۆمەرگە سادىق بۇلىشى كېرەك بۇلۇپ ،مولا ئۆمەرنىڭ بازا تەشكىلات بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى قۇيۇق ۋە چوڭقۇر ئىكەن .يەنە بىر تەرەپتىن ئىسلام دۆلىتى شۇ بازا تەشكىلاتىدىن بۆلۈنۈپ چىقىپ تەشكىللەنگەن ئىكەن .ئۇلارنىڭ ئىچىدە بىر ئىپادە بىلدۈرۈپ :‹پاكىستاندىكى بارلىق شىئە مەزھىپىگە قارشى تەشكىلاتلارنىڭ ھەممىسى ئىسلام دۆلىتىنى قوللايدۇ ،ھەمدە ئۇلارنىڭ كۆپ قىسمى ئافغانىستاندىكى موللا ئۆمەرگە سادىق ، ئۇلار ھەرگىزمۇ ئۇچۇق ئاشكارا ھالدا ئىسلام دۆلىتىنى قوللايدىغانلىقىنى ئاشكارىلىمايدۇ ›دېدى .
ئالدىنقى ئايدا ئاشكارىلىنىپ كەتكەن بىر ھۆكۈمەت ئاگاھلاندۇرۇش ئارخىپىدا دېيىلىشىچە ، ئىسلام دۆلىتى پاكىستاندىكى بازىدا قۇبۇل قىلغان قوراللىق ئەزالىرىنىڭ سانى 10 مىڭدىن ئېشىپ كەتكەن ، بۇ خەۋەر تارقالغاندىن كېيىن پاكىستانلىق بىر ئەمەلدار ھۆكۈمەت ئاگاھلاندۇرۇش ئارخىپىنىڭ سىرىتقا ئاشكارلىنىپ كېتىشى مۇمكىن ئەمەس ، بۇ يالغان خەۋەر دېگەن .بىر قىسىم رادىكال تەشكىلاتىنىڭ ئەزالىرى :‹پاكىستانلىق نەچچە يۈز ئادەم ھازىر سۈرىيەدىكى ئۇرۇشقا قاتنىشىۋاتىدۇ ،ئۇلارنىڭ بەزىلىرى شەخسى ئوتتۇرىغا چىققان بولسا يەنە بەزىلىرى تالىبان تەشكىلاتىنىڭ رۇخسىتى بىلەن چىققان ›دېدى .
لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قۇشىۋېلىڭ ئىزدەش نومۇرى :LEGLE
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved