دۆلەتلىك تاماكا ئىدارىسى 15-يانۋار مەملىكەتلىك تاماكا خىزمىتى يىغىنى ئېچىپ، 2015-يىللىق تاماكا كەسپىنىڭ ئىقتىسادىي ھەرىكەت ئەھۋالىنى ئېلان قىلدى. 2015-يىلى تاماكا كەسپىدە يۇقىرىغا بىر تىرىليون يۈەنلىك مالىيە ئومۇمىي سوممىسى تاپشۇرۇش يىللىق نىشانى نورمىدىن ئاشۇرۇپ ئورۇنلاندى. قىسمەن جايلاردا ئۆي ئىچىدە تاماكا چېكىش چەكلەنگەندىن كېيىن، بۇنىڭ بازارغا بولغان تەسىرى يەنىلا مەۋجۇت بولدى. بۇلتۇر پۈتۈن يىلدا سېتىلغان تاماكا 49 مىليون 790 مىڭ يەشىك بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن بىر مىليون 200 مىڭ يەشىك ئازىيىپ، %2.36 تۆۋەنلىدى. تاماكا كەسپىنىڭ ئومۇمىي باج ۋە پايدىسى بىر تىرىليون 143 مىليارد 600 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 91 مىليارد 900 مىليون يۈەن، يەنى %8.37 ئاشتى. يۇقىرىغا تاپشۇرۇلغان مالىيە ئومۇمىي سوممىسى بىر تىرىليون 95 مىليارد يۈەن بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 184 مىليارد يۈەن، يەنى %20.2 ئاشتى.
نېمە ئۈچۈن سېتىلغان يەشىك سانى ئازىيىدۇ، ئەمما مالىيە ئومۇمىي سوممىسى، جۈملىدىن باج ئومۇمىي سوممىسى سەل ئاشىدۇ؟ تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بۇ-تاماكا ئىسېتمال بېجىنى تەڭشەشكە ئوخشاش قۇرۇلمىنى تەڭشەشنىڭ نەتىجىسىدىن بولغان.
![]() |
بالىلار نېمە سەۋەبتىن ‹‹ياغاچ قۇلاق›› بولۇپ قالىدۇ
مەريەمگۈل ئىمىت
بىر قىسىم ئاتا–ئانىلار بالىلىرىنى ‹‹گەپ ئاڭلىمايدىغان›› بولۇپ قالدى دەپ قاقشاپلا يۈرىدۇ. بەزى ئاتا–ئانىلار ئەتىدى...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved