دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى 1-فېۋرال، يېڭى تۇغۇلغان بالىلاردىكى كىچىك باش كېسىلى ۋە باشقا نېرۋا سېستىمىسى كېسەللىك ئۆزگىرىشلىرىنىڭ جەنۇبىي ئامېرىكىدا مەركەزلىك پەيدا بولىشىنىڭ «خەلقئارا دىققەت قىلىدىغان تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن ئاممىۋى سەھىيە ۋەقەسى»نى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى، بۇ كېسەللىكلەرنىڭ پەيدا بولىشىنىڭ زىكا ۋىرۇسىنىڭ تارقىلىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئېلان قىلدى. رەسىمدە: شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 30-يانۋار برازىلىيەنىڭ پېرنامبۇكا شىتاتىدىكى Bonito، ئېلنىلسون يىغلاۋاتقان ئىنىسى جوسې ۋېسلېينى بەزلىمەكتە. جوسې ۋېسلېي تۇغۇلغاندا كىچىك باش غەيرىيلىك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان، ئۇ ھەمىشە توختىماستىن قاتتىق يىغلاپ نەپسى قىسىلىپ يۈزلىرى پوكاندەك قىزىرىپ كېتىدۇ.
رەسىمدە: شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 30-يانۋار برازىلىيەنىڭ پېرنامبۇكا شىتاتىدىكى Bonito، سولانگې فېررېرا ئوغلى جوس ۋېسلېينى يۇيماقتا. ھەمىشە قاتتىق يىغلاپ غەلۋە قىلىدىغان جوسېنى چېلەككە سېلىپ يۇيغاندىلا تىنچلىنىدۇ. بۇنى ئۇنىڭ ئانىسى دوختۇرخانىدىكى بىر سېستىرادىن ئۆگىنىۋالغان.
رەسىمدە: شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 30-يانۋار برازىلىيەنىڭ پېرنامبۇكا شىتاتىدىكى Bonito، جوسې ۋېسلېينىڭ ئاكىسى ئېلنىلسون دېرىزىگە چىقىۋېلىپ ئوينىماقتا، ئۇنىڭ ئانىسى سولانگې فېررېرا كىچىك ئوغلى جوسې ۋېسلېينىڭ كىچىك باش غەيرىيلىك كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلىقىنى ھېس قىلغانلىقىنى، باشقا ئىككى بالىسىغا ئوخشاش نورمال سەكرەپ-تاقلاپ ئوينىيالماسلىقى مۇمكىنلىكىنى ئېيتىپ يىغلاپ كەتتى. ئۇ يەنە يېرىم چاقچاق ئارىلاش مۇنداق دېدى: «ھازىر، مەن باشقا ئىككى بالامنىڭ بېشى بەكلا چوڭدەك، جوسېنىڭ بولسا نورمال بالىلارنىڭكىدەك كۆرىنىدىغانلىقىغا ئىشىنىشكە باشلىدىم.»
رەسىمدە: شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 30-يانۋار برازىلىيەنىڭ پېرنامبۇكا شىتاتىدىكى Bonito، جوسې ۋېسلېي بىر چوڭ ياستۇقنىڭ ئۈستىدە يېتىپ ئۇخلىماقتا. ئۇنىڭ ئېغىرلىقى يەتتە كىلوگرامدىن بەش كىلوگرامغا چۈشۈپ قالدى، ئۆسۈۋاتقان بىر بوۋاق ئۈچۈن بۇ بىر ئىنتايىن نورمالسىزلىق.
رەسىمدە: شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 30-يانۋار برازىلىيەنىڭ پېرنامبۇكا شىتاتىدىكى Bonito، سولانگې فېررېرا ئۆيىدە ئوغلى جوسې ۋېسلېينى كۆتۈرىۋالدى، جوسېنىڭ بىر كۆزى ھەمىشە ئىختىيارسىز تارتىشىپ قالىدۇ، فېررېرا ئۇنىڭ قارىغۇ ياكى مېيىپ بولۇپ قېلىشىدىن ئەندىشە قىلماقتا.
![]() |
ئەنگىلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 3-فېۋرالدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، يېقىندا، ئەنگىلىيەلىك بىر جۈپ ئاشىق-مەشۇق بالىلار ئۈچۈن ھەقىقىي شاھزادە بىلەن مەلىكە رولىنى ئېلىپ، تويغا كېرەكلىك ...
|
![]() |
2-ئاينىڭ 5-كۈنى، سەنشى ئۆلكىسى شىئەن شەھىرى شۇيۇەنمېن، بىلىكى يوق خەتتات-جىيا ۋېيجۈن موي قەلەمنى ئۈزۈلۈپ كەتكەن بىلىكىگە باغلىۋىلىپ <مايمۇن يىلى قۇتلۇق بولسۇن!>، <يېڭى باھار كۆڭۈلدىكىدەك بولسۇن...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved