2016-يىللىق چاغانلىق سەنئەت كېچىلىكى ئەڭ ئاخىرقى ۋاقىتنى تەتۈر ھېسابلاش باسقۇچىغا كىردى، يېقىندا «مايمۇن ئاغا چاغانلىق سەنئەت كېچىلىكىگە چىقامدۇ ياكى چىقمامدۇ» دېگەن تېمىنىڭ ئۈزلۈكسىز مۇلاھىزە قىلىنىشىغا ئەگىشىپ، 1986-يىلى ئىشلەنگەن «غەربكە ساياھەت» فىلىمىدە مايمۇن ئاغىنىڭ رولىنى ئالغان داڭلىق كىنو ئارتىسى ليۇشياۋلىڭتوڭنىڭ باھاسىمۇ ئۈزلۈكسىز ئۆسمەكتە، كەسىپ ساھەسىدىكى مەلۇم زاتنىڭ ئېيتىشىچە، ليۇشياۋلىڭتوڭنىڭ سەھنىگە چىقىش باھاسى ئەسلىدىكى 200 مىڭ يۈەندىن 600 مىڭ يۈەنگە ئۆرلىگەن، ئۇنىڭ ئوبراز ۋەكىلى بولۇش ھەققى ئەسلىدىكى 700-800 مىڭ يۈەندىن ئىككى يىل ئىچىدە نەچچە ھەسسە ئۆرلىگەن، «دۇنيانىڭ بۈيۈك باغچىسى، خۇنەندىكى مېۋە تېغى »دەپ نام ئالغان شياڭتەن شەھىرىدىكى داڭلىق 4A دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونى بولغان پەنلوڭ ساياھەت باغچىسى يېقىندا 7مىليون 200 مىڭ يۈەنلىك يۇقىرى باھا بىلەن مايمۇن ئاغىنى تۇنجى ئوبراز ۋەكىلى بولۇشقا تەكلىپ قىلغان، 7مىليون 200 مىڭ يۈەنلىك ئوبراز ۋەكىللىك ھەققى ليۇ دېخۇا، جوۋ جيېلۈن، ۋاڭ فېي، ليۇ شياڭ، لىن دەن، سۈن ياڭ، نىڭ زېتاۋ قاتارلىق ئەڭ داڭلىق ئارتىس ۋە تەنھەرىكەت چولپانلىرىنىڭ ھەققىدىن ئېشىپ كەتكەن.
ليۇشياۋلىڭتوڭنىڭ 7 مىليون 200 مىڭ يۈەنلىك ھەق بىلەن «خۇنەن مېۋە تېغى» مەنزىرە رايونىغا ئوبراز ۋەكىلى بولغانلىقىغا قارىتا، بىر قىسىم تورداشلار يۇقىرىقى ھەقنى ناھايىتى يۇقىرى بولۇپ كەتكەن دەپ قارىغان، ئۇلارنىڭ قارىشىچە ياشلىق مەزگىلى بىلەن ئاللىقاچان خوشلاشقان ليۇشياۋلىڭتوڭنىڭ داڭقى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ليۇ دېخۇا، جوۋ جيېلۈن، ۋاڭ فېي قاتارلىق داڭلىق ئارتىسلارغا يەتمىگەن، شۇنداقلا لىن دەن، سۈن ياڭ، نىڭ زېتاۋ قاتارلىق داڭلىق تەنھەرىكەت چولپانلىرىغا يەتمەيدىگەن، شۇڭلاشقا ئۇنىڭ ئوبراز ۋەكىللىك ھەققى ناھايىتى قىممەت بولۇپ قالغان ئىكەن. يەنە بىر قىسىم تورداشلارنىڭ قارىشىچە، ھەممە نەرسىنىڭ ئۆزىگە تۇشلۇق قىممىتى بولىدىكەن، جۇڭگودىكى تۆت چوڭ داڭلىق ئەسەرنىڭ بىرى بولغان «غەربكە ساياھەت» فىلىمى 1986-يىلى تېلېۋىزىيە تىياتىرى قىلىپ ئىشلەنگەندىن بۇيان نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنىڭ ياقتۇرۇپ كۆرۈشىگە ئېرىشىپ، 6 مىليارد قېتىمدىن ئارتۇق كۆرۈلۈش قېتىم سانىغا ئىگە بولغان، «مايمۇن شاھ» نەچچە ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ قەلبىدە ئۆچمەس خاتىرىلەرنى قالدۇرغان، ئۇنىڭ ھەقىقىي ئىقتىسادىي قىممىتىنى ھەرگىزمۇ بىر مەزگىل سەنئەت ساھەسىدە چاقنىغان ئارتىسلار ۋە تەنھەرىكەتچىلەر بىلەن سېلىشتۇرۇشقا بولمايدىكەن، ليۇشياۋلىڭتوڭنىڭ ئىقتىسادىي قىممىتى يېقىنقى بىر مەزگىلدە تۆۋەن مۆلچەرلىنىپ قالغان بولۇپ، مايمۇن يىلى يېتىپ كېلىش ھارپىسىدا جوۋ جيېلۈن، سۈنياڭ قاتارلىق ئارتىس ۋە تەنھەرىكەتچىلەردىن ھالقىپ كېتىشى ھەرگىزمۇ ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس ئىكەن. يەنە بىر قىسىم تورداشلار بىر يىلنىڭ تۆت پەسىلىدە گۈل-گىياھلار ئېچىلىپ تۇرىدىغان، مېۋە-چېۋە، سەي-كۆكتاتلار مول ھوسۇل بېرىپ تۇرىدىغان پەنلوڭ باغچىسىنىڭ ليۇشياۋلىڭتوڭنى ئوبراز ۋەكىلى قىلىپ تاللىشى ناھايىتى توغرا بولغان، گۈل-گۈلىگە كەلگەن، قالتىس ئاقىلانە تاللاش بولغان، ئۇنىڭدا باشقا مۇۋاپىق تاللاش يوق دەپ قارىغان.
![]() |
ئەنگىلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 3-فېۋرالدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، يېقىندا، ئەنگىلىيەلىك بىر جۈپ ئاشىق-مەشۇق بالىلار ئۈچۈن ھەقىقىي شاھزادە بىلەن مەلىكە رولىنى ئېلىپ، تويغا كېرەكلىك ...
|
![]() |
2-ئاينىڭ 5-كۈنى، سەنشى ئۆلكىسى شىئەن شەھىرى شۇيۇەنمېن، بىلىكى يوق خەتتات-جىيا ۋېيجۈن موي قەلەمنى ئۈزۈلۈپ كەتكەن بىلىكىگە باغلىۋىلىپ <مايمۇن يىلى قۇتلۇق بولسۇن!>، <يېڭى باھار كۆڭۈلدىكىدەك بولسۇن...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved