جۇڭگو تەرەپ مالايسىيانىڭ ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالغان يولۇچىلار ئايروپىلانىنى ئاختۇرۇش دەرىجىسىنى زورايتىشنى تەلەپ قىلدى

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 17-مارت بېيجىڭ خەۋىرى:

 

مالايسىيا ئاۋىياتسىيە شېرىكىتىنىڭMH370 بەلگىلىك يولۇچىلار ئايروپىلانىنىڭ ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالغىنىغا 9 كۈن بولدى، بۈگۈنكىچە بۇ يولۇچىلار ئايروپىلانىنىڭ ئىز دېرىكى بولمىدى. جۇڭگو ھۆكۈمىتى بىرلەشمە خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى گو شاۋچۈن 16-مارت كۇئالالومپۇردا مۇنداق دېدى: بىز مالايسىيا تەرەپنىڭ ئاختۇرۇش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ ۋە ئېنىق بېكىتىپ ، ئاختۇرۇش كۈچىنى زورايتىشنى تەلەپ قىلدۇق. گۇ شاۋچۈن مۇنداق دېدى: خىزمەت گۇرۇپپىسى مالايسىيا ھۆكۈمىتى 15-مارت جاكارلىغان مالايسىيا ئاۋىياتسىيە شېرىكىتىنىڭ ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالغان يولۇچىلار ئايروپىلانىغا ئالاقىدار ئەڭ يېڭى خەۋىرىگە دىققەت قىلدۇق، ھەمدە مالايسىيا تەرەپدىن جۇڭگو تەرەپكە تېخىمۇ ئومۇميۈزلۈك، توغرا ئەھۋاللارنى يەتكۈزۈشىنى تەلەپ قىلدۇق، مالايسىيا تەرەپنى يېڭى ئەھۋاللارغا ئاساسەن ئاختۇرۇش دائىرىسىنى كېڭەيتىشكە ۋە ئاختۇرۇش كۈچىنى زورايتىشقا دەۋەت قىلىمىز. نۆۋەتتە، مەملىكەت ئىچىدىن ئەۋەتىلگەن ئاۋىياتسىيە مۇتەخەسسىسلىرى مالايسىيانىڭ تەكشۈرۈش خىزمىتىگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن كۇئالالۇمپۇرغا يېتىپ باردى.

مالايسىيانىڭ دۆلەت موداپىئە مىنىستىرى قوشۇمچە مۇۋەققەت قاتناش مىنىستىرى ھېسامىدىن 16-مارت ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلار يىغىنىدا، نۆۋەتتە ئاختۇرۇشقا قاتناشقان دۆلەتلەرنىڭ 14 دىن 25 كە كۆپەيگەنلىكىنى ئېيتتى. مالايسىيا ساقچى تەرەپنىڭ باشلىقى مۇخبىرلار يىغىنىدا مۇنداق دېدى: ئايروپىلانىنىڭ ئالاقىسىنىڭ ئۈزۈلۈپ قىلىشى ئادەم بىلەن مۇناسىۋەتلىك، مالايسىيا ئايروپىلان گۇرۇپپا خادىملىرى ۋە يولۇچىلارنى تەكشۈرۈشنى كۈچەيتتى. ساقچى تەرەپ كۇئالالومپۇر ئايرودرومىنىڭ يەر يۈزى خىزمەتچى خادىملىرىنى تەكشۈرمەكتە، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالغان ئايروپىلاندىكى ئىككى ئۇچقۇچىنى ۋە ئايروپىلان گۇرۇپپا باشلىقىنىڭ ئويىنى ئاختۇرۇش داۋامىدا بايقىغان ئۇچۇش تەقلىدلەشتۈرگۈچنى تەكشۈرمەكتە.

ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: بۇ ئىككى ئۇچقۇچى بۇ نۆۋەتچى ئايروپىلاندا بىرگە ئۇچۇشنى تەلەپ قىلمىغان، مالايسىيا ئاۋىياتسىيە ئىدارىسىنىڭ باش نازارەتچىسى مۇنداق دېدى: ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالغان يولۇچىلار ئايروپىلانى سۈنئىي ھەمراھ ئارقىلىق سىگنال بەرگەندە قۇرۇقلۇققا چۈشكەن ۋاقىت بولۇشى مۇمكىن. مالايسىيا قاتناش مىنىستىرلىقى 16-مارت بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالغان يولۇچىلار ئايروپىلانىنى ئاختۇرۇش خىزمىتىنى مالايسىيانىڭ يېتەكچىلىكىدە كۆپ دۆلەتلەر ئىلىپ بارماقتا، مالايسىيا ھۆكۈمەت ئەمەلدارى ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالغان يولۇچىلار ئايروپىلانىنىڭ ئەڭ ئاخىردا سۇنى ھەمراھ بىلەن بولغان ئالاقىسىنىڭ ئۈزۈلۈپ قىلغان ئىككى رايونىدىكى دۆلەتلەر بىلەن ئالاقىلاشقان ۋە ئۇلارنىڭ ياردەم بېرىشنى تەلەپ قىلغان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئېيتتى.

 

 

‏لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قوشىۋېلىڭ ـــــــــــــــــــ ئىزدەش نامى LEGLEK



خەتكۈچلەر:
18-03-2014
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
30-05-2016
شىنخۇا تورى 23- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     سەئۇدى ئەرەبىستان دۆلەتلىك نېفىت شىركىتى نەچچە كۈن ئىلگىرى يىللىق دوكلات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېگەن: 2015- يىلى سەئۇدى ئەرەبسىتان ئاسىيا قىتئەسىدىكى دۆلەتلە...
30-05-2016
     شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 28-كۈنى، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى كىشىلەر كوچىلارغا چىقىپ، <ئاتلانتىك ئوكيان ھالقىغان سودا ۋە مەبلەغ سېلىش شېرىكلىك مۇناسىۋەت كېلىشىمى> (TTIP) شۇنداقلا ھۆكۈمەتنىڭ مالىي...
28-05-2016
    شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ئوباما تىك ئۇچارغا ئولتۇرۇپ ياپونىيە خىروشىما تىنچلىق باغچىسىغا يېتىپ بېرىپ، تىنچلىق باغچىسىنى زىيارەت قىلدى ۋە گۈل چەمبىرەك تەقدىم قىلدى.
28-05-2016
    رۇسىيە NTV تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئەنگلىيە، گېرمانىيە، ئىتالىيە، كانادا، ئامېرىكا، فرانسىيە ۋە ياپونىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يەتتە دۆلەت گۇرۇھىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ باشلىقلىرى پەقەت رۇسىيە مىنسكى كېلىشىمىنى تولۇق ئىجرا قى...
28-05-2016
   شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، گىرېتسىيە ئافىنا، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن گىرېتسىيەدە زىيارەتتە بولدى.
28-05-2016
      شۇ يەر ۋاقتى 27-ماي، ئامېرىكا كالفورنىيە شىتاتى سانتىياگو، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ زۇڭتۇڭ نامزاتى ترامپ سانتىياگودا سايلام يىغىلىشى ئۆتكۈزگەن بولۇپ، شۇ جايدىكى خەلق ئاممىسى قولىدا تاختىلارنى كۆت...
28-05-2016
شىنخۇا تورى 28- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     چاۋشيەن مەركىزى ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، چاۋشيەن خەلق ئارمىيەسىنىڭ ئەڭ ئالىي قوماندانى مۇنداق دېگەن: شۇ كۈنى كورىيە ئارمىيەسى چاۋشيەننى...
28-05-2016
يەر شارى تورى 28- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     ۋېيتنام تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ۋېيتنام ھۆكۈمىتى نەچچە كۈن ئىلگىرى 22 دۆلەت ۋە رايوندا تۇرۇشلۇق 80 دىن ئارتۇق ۋېيتناملىقىنى نەنشا تاقىم ئارى...
28-05-2016
ۋاڭيى تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:     فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنىتلىقىنىڭ 27-ماي ئېيتىشىچە، جەنۇبىي ئوسېتىيەنىڭ رەھبىرى تىبىلوۋ ۋە پارلامېنىت رەئىسى بىبىلوۋ 26-ماي جەنۇبىي ئوسېتىيە 2017-يىلى رۇسىيەگە قوشۇلۇشقا ئوم...
27-05-2016
     5-ئاينىڭ 26-كۈنى، گىرېتسىيە بىلەن ماكېدونىيەنىڭ چېگرىسىدىكى كىچىك كەنت ئىدومېنى. مۇساپىرلار بۇ يەردىن ئايرىلىش ئۈچۈن ئاپتوبۇسنىڭ كېلىشىنى كۈتمەكتە. 24-مايدىن باشلاپ، گىرېتسىيە ساقچى تەرەپ، رەسمىي ھالدا گىرېتسىيە-...
Powered by Leglek