شى جىنپىڭ ھىندىستان دۇنيا ئىشلىرى كومىتېتىدا مۇھىم نۇتۇق سۆزلىدى

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 18-سېنتەبىر ھىندىستان دۇنيا ئىشلىرى كومىتېتىدا ‹‹قول تۇتۇشۇپ مىللىي گۈللىنىش ئارزۇسى ئۈستىدە ئىزدىنەيلى!›› دېگەن تېمىدا مۇھىم نۇتۇق سۆزلىدى. شى جىنپىڭ جۇڭگو-ھىندىستاننىڭ دوستانە ھەمكارلىقىنى شەرھىيەلىدى، جۇڭگو-ھىندىستان ئىككى دۆلەتنىڭ تېخىمۇ يېقىن تەرەققىيات شېرىكلىرى، ئېشىشقا باشلامچى بولۇشتىكى ھەمكارلىق شېرىكلىرى، ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقتىكى دۇنياۋى شېرىكلەردىن بولۇشنى تەكىتلىدى      

 

 شىنخۇا تورى، يېڭى دېھلى، 18-سېنتەبىر تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 18-سېنتەبىر ھىندىستان دۇنيا ئىشلىرى كومىتېتىدا ‹‹قول تۇتۇشۇپ مىللىي گۈللىنىش ئارزۇسى ئۈستىدە ئىزدىنەيلى!›› دېگەن تېمىدا مۇھىم نۇتۇق سۆزلىدى. شى جىنپىڭ جۇڭگو-ھىندىستاننىڭ دوستانە ھەمكارلىقىنى شەرھىيەلىدى، جۇڭگو-ھىندىستان ئىككى دۆلەتنىڭ تېخىمۇ يېقىن تەرەققىيات شېرىكلىرى، ئېشىشقا باشلامچى بولۇشتىكى ھەمكارلىق شېرىكلىرى، ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقتىكى دۇنياۋى شېرىكلەردىن بولۇشنى تەكىتلىدى. شى جىنپىڭ جۇڭگونىڭ تەرەققىيات نىشانىنى تونۇشتۇرۇپ، جۇڭگونىڭ تىنچ تەرەققىيات يولىنى شەرھىيەلىدى، جۇڭگونىڭ جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى بىلەن بولغان ھەمكارلىقىنىڭ ئىستىقبالىغا نەزەر سالدى، جۇڭگونىڭ جەنۇبىي ئاسىيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن ئىناق ئۆتۈپ، جەنۇبىي ئاسىيا رايونىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپىلەرنى قوشۇشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.    

 

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو بىلەن ھىندىستان تېخىمۇ يېقىن تەرەققىيات شېرىكى، ئىقتىسادنى ئاشۇرۇشقا يېتەكلەيدىغان ھەمكارلىق شېرىكى، ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقتىكى دۇنياۋى شېرىكلەردىن بولۇشى كېرەك. شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو-ھىندىستان خەلقى بىر-بىرىگە قوشنا، قەدىمدە قويۇق ئالاقە قىلغان، يېقىنقى دەۋردە جاپا-مۇشەققەتتە بىللە بولغان، ھازىر بولسا بىرلىكتە گۈللىنىۋاتىدۇ. ئۇ ئىككى تەرەپنىڭ دىققىتىنى تەرەققىياتقا مەركەزلەشتۈرۈشىنى تەشەببۇس قىلىپ مۇنداق دېدى: جۇڭگونىڭ «دۇنيا زاۋۇتى»، ھىندىستاننىڭ «دۇنيا ئىشخانىسى» دېگەن نامى بار، ئىككى تەرەپ ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، دۇنيادا ئەڭ رىقابەت كۈچىگە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش بازىسى، ئەڭ جەلپكارلىققا ئىگە ئىستېمال بازىرىنى بەرپا قىلىشى لازىم.   

 

ئۇ مۇنداق دېدى: جۇڭگونىڭ تەيجى گۇمپىسى بىلەن ھىندىستاننىڭ يوگا گۇمپىسى، جۇڭگو تېبابىتى بىلەن ھىندىستاننىڭ ئايۇرۋېداسى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان دەرىجىدە ئوخشىشىپ كېتىدۇ، ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ نەچچە مىڭ يىل ئەمەل قىلىپ كەلگەن كىشىلىك تۇرمۇش پەلسەپىسىمۇ بەك ئوخشاش كېتىدۇ. ئىككى تەرەپ ئىككى دۆلەتنىڭ قەدىمكى دەۋردىكى ئادىمىيەت روھىنى نۇرلاندۇرۇپ، بۇ ئىككى چوڭ مەدەنىيەتنى ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئەينەك قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىشى لازىم. ئىككى تەرەپ ياشلار، مەدەنىيەت، مائارىپ، ساياھەت، دىن، تاراتقۇلار ۋە رادىيو-كىنو-تېلېۋىزىيە، يەرلىك ئۆلكە، شەھەرلەر قاتارلىق ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقنى كېڭەيتىشكە قوشۇلدى. جۇڭگو ھىندىستان تاۋاپچىلىرىنىڭ جۇڭگو شىزاڭدىكى مۇقەددەس جايلارنى تاۋاپ قىلىشىغا قولايلىق يارىتىش ئۈچۈن، نىدۇلا تاغ ئېغىزىدىن ئۆتىدىغان تاۋاپ يولىنى كۆپەيتىپ ئېچىشنى قارار قىلدى.   

 

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭخۇا مىللەتلىرى ئەزەلدىن تىنچلىقنى سۆيۈپ، دوستلۇق، ئىناق قوشنىدارچىلىققا ئەھمىيەت بېرىپ كەلگەن. جۇڭخۇا مىللەتلىرى تەشەببۇس قىلىدىغان «ئالەم بىزگە ئورتاق» دېگەن قاراش بىلەن ھىندىستان خەلقى ئىنتىلىدىغان «دۇنيا بىر ئائىلە» دېگەن قاراش، جۇڭخۇا مىللەتلىرى ئىخلاس قىلىدىغان «شەپقەتلىك بولۇش» بىلەن ھىندىستان خەلقى تەشەببۇس قىلىدىغان «زىيان سالماسلىق» قارىشى ئوخشاپ كېتىدۇ، مەن ئىككى چوڭ قەدىمكى مەدەنىيەتلىك ئەللەر بولغان جۇڭگو بىلەن ھىندىستاننىڭ قوشنا چوڭ دۆلەتلەر دوستانە بىللە ئۆتىدىغان يولدا مېڭىش ئىقتىدارى، پاراسىتىنىڭ بارلىقىغا ئىشىنىمەن.   

 

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: تىنچ، مۇقىم، تەرەققىي قىلىپ گۈللەنگەن جەنۇبىي ئاسىيا بۇ رايوندىكى دۆلەتلەر ۋە خەلقىنىڭ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن، جۇڭگو يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى ۋە 21-ئەسىر دېڭىز ئۈستى يىپەك يولى بەلبېغى ئارقىلىق، جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن بىرلىكتە تېز تەرەققىي قىلىشنى ئۈمىد قىلىدۇ. جۇڭگو ھىندىستان بىلەن بىرلىكتە، بۇ رايوننىڭ تەرەققىياتىغا تېخىمۇ چوڭ تۆھپە قوشۇشنى، ھىمالايا تاغ تىزمىسىنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى ئۈچ مىليارد خەلقنى تىنچلىق، دوستلۇق، مۇقىملىق، گۈللىنىشتىن ئورتاق بەھرىمەن قىلىشنى خالايدۇ.



20-09-2014
يازغۇچى: كاككۇك
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
07-03-2016
جۇڭگو ئاخبارات تورى 7- مارت خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە پەن-تېخنىكا ئۇچۇر تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، رۇسىيەنىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى روگوزىن فېدېراتسىيە كومىتېت ئەزالىرى يىغىنىدا مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن:...
07-03-2016
ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ 2-ئىيۇل ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇلتۇر 12-ئايغىچە، ياپونىيەدە مەملىكەت بويىچە ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ئالىدىغان ئائىلە سانى 1 مىليون 634 مىڭ ئائىلىدىن ئېشىپ، تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى قىممەتنى يارا...
07-03-2016
شىنخۇا تورى 7- مارت خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى ئىراقنىڭ ئوتتۇرا قىسىمىدىكى بابىلۇن ئۆلكىسىنىڭ ئۆلكە مەركىزى شىلا شەھىرىدىكى بىر تەكشۈرۈش پونكىتى شۇ جاي ۋاقتى 6- مارت چۈشتىن كېيىن ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋېلىش خاراكتېرلىك پارت...
02-03-2016
ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتى ئاساسي قانۇن مەھكىمىسى 1-مارت پايتەخت بانگىدا، ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتىنىڭ سابىق زۇڭلىسى، مۇستەقىل سايلام نامزاتى تۇۋادرانىڭ 2-نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭ سايلىمىدا %62.69 ئاۋازغا ئېرىشىپ، ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇريىتىنىڭ...
02-03-2016
فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى،موسكىۋا،27-فېۋرال تېلىگىراممىسى:روسىيە دېپلوماتىيە مىنىستىرلىقى27-فېۋرال مۇنۇلارنى بىلدۈردى:روسىيەنىڭ دېپلوماتىيە مىنىستىرى سېرگىي لاۋروف ۋە ئامېرىكىنىڭ دۆلەت كاتىپى جون كېررى سۈرىيەدە ئۇرۇش توختىتىلغانلىقىد...
22-02-2016
سىنا تورى خەۋىرى، باغداش تورى تەرجىمىسى: چاۋشيەن مەركىزىي ئاگېنتلىقىنىڭ 21 - فېۋرال تەمىنلىگەن سۈرەتلىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، چاۋشيەننىڭ ئالىي رەھبىرى كىم جوڭئېن يېقىندا چاۋشيەن خەلق ئارمىيەسى ئاۋىئاتسىيەسىنىڭ ئۇچۇش مەشىقىنى كۆزدىن كەچ...
12-02-2016
   فىرانسىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، فرانسىيىنىڭ غەربىدىكى چاررىنت ئۆلكىسىدە 11 -فېۋرال چۈشتىن بۇرۇن مەكتەپ ئاپتوبۇسى بىلەن يۈك ئاپتوموبىلى سوقۇلۇپ كېتىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن بولۇپ، ۋەقەدە ئالتە ئادەم قازا قىلىپ، ئۈ...
12-02-2016
   مېكسىكىنىڭ شىمالىي قىسىمىدىكى بىر تۈرمىدە شۇ جاي ۋاقتى 11- فىۋرال زور كۆلەملىك قالايمىقانچىلىق كۆرۈلۈپ، ئاز دېگەندە 52 ئادەم قازا قىلىپ، 12 ئادەم يارىلانغان. يەرلىك دائىرلەرنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ قېتىمقى قالايمىقانچىلىق ئىككى قار...
12-02-2016
پۇل-مۇئامىلە كىرىزىسى مەزگىلىدە، ياۋروپا رايونىنىڭ شىمالىدىكى ئەزا دۆلەتلەر غايەت زور سوممىدا ياردەم تەمىنلەپ، ياۋروپا مەركىزىي بانكىسىنىڭ بارلىق بەدەل تۆلەشتىن باش تارتماي ياۋرونى قۇتقۇزۇش ۋەدىسىنى قوللاپ، جەنۇبتىكى قوشنىلىرىنى قۇتقۇزۇپ...
12-02-2016
    شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىبى سىتولتىنبېرىگ 11- فىۋرال شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ باش شىتابىدا مۇنداق دېگەن: شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى دېڭىز ئۈستى ھەربىي كۈچلىرىنى ئەۋەتىپ، ياۋروپا ئ...
Powered by Leglek