ئەنگلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى»نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، برازىلىيەنىڭ جەنۇبىدىكى بلۇمېناۋدىكى 23 ياشلىق قىز ئاندرېسا دامىئانانىڭ بېلى پەقەت 1.5 چى بولۇپ، باربى قونچاق ۋە دىسېني كارتون فىلىمىدىكى مۇز مەلىكە ئېلساغا ئوخشىغانلىقى ئۈچۈن توردا داڭق چىقارغان.
بەدەن شەكلى باربى قونچاققا ئوخشىغاندىن باشقا ئاندرېسا ئادەتتە رەڭ ئۆزگەرتىدىغان يوشۇرۇن كۆزەينەك تاقاپ ۋە گىرىم ئارقىلىق ئەمەلىي تۇرمۇشتىكى باربى قونچاقنىڭ ئوبرازىنى ھاسىل قىلىدىكەن. ئۇنىڭ Youtubeدا ئاچقان گىرىم قانىلى 600 مىڭدىن ئارتۇق مەستانىغا ئىگە بولغان.
ئاندرېسا باشقىلارنىڭ ئۆزىنى باربى قونچاق ياكى ئېلسا دەپ ئاتىشىنى بەك ياخشى كۆرىدىكەن. ئۇنىڭ دىېيىشىچە، بۇ ئۇنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىنى ئاشۇرىدىكەن. نۇرغۇن كىشىلەر ئۇنىڭ تاشقى قىياپىتىنىڭ راستلىقىدىن گۇمانلانغان ئۇنى ئوپېراتسىيە ياكى ساغلام بولمىغان ئورۇقلاش ئارقىلىق مەقسىتىگە يەتكەن دەپ قارىغان، لېكىن ئاندرېسا ئۆزىنىڭ ھۆسىن تۈزەش ئوپېراتسىيىسى قىلغانلىقىنى ئىنكار قىلغان ۋە پەقەت ئادەتتە ئىتىنى سەيلە قىلدۇرغاچ بەدەن شەكلىنى ساقلايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 20-كۈنى، ھىندىستان يېڭى دېھلى. 74 ياشلىق Guinness Rishi كۆپ تۈرلۈك دۇنيا رېكورتىنى ساقلىغۇچى بولۇپ، بەدىنىگە ئەڭ كۆپ بايراقنى چەكمە قىلىپ چېكىش رېكورتىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved