شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى قۇرۇلغاندىن بۇيان بۇ تەشكىلاتنىڭ رولى بارغانسېرى زورايدى، خەلقئارادىكى ئورنىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈلدى. بۇنىڭ بىلەن دۇنيادا كۆپلىگەن دۆلەتلەر بۇ تەشكىلاتقا قىزىقىپ بۇنىڭغا ئەزا بولۇشنى ئويلىشىشقا باشلىدى، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىمۇ ئۆزىنىڭ ئىستراتېگىيەسىنى تەڭشەپ، ئەزا قوبۇل قىلىش ئىشىكىنى ئىچىۋەتتى.
رۇسىيە 2014-يىلى 9-ئايدا، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ نۆۋەتچى رەئىس دۆلىتىگە ئايلاندى. شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى بۇ بىر يىلدا قايسى خىزمەتلەرنى ئورۇنلىدى، رۇسىيە بۇنىڭ ئىچىدە قانداق رول ئوينىدى بۇلارنىڭ ھەممىسى سىرتنىڭ دىققەت قىلىدىغان مۇھىم نۇقتىسىغا ئايلاندى. 2015- يىلى 10- فېۋرال، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى مېزېنىسېۋ بىلەن رۇسىيەنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى دېنىسۇۋ بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلار يىغىنىدا، يۇقىرىقى مەسىلىنى تەپسىلىي تونۇشتۇردى.
دېنىسوۋ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: رۇسىيە تەرەپ ئۆتكەن يىلى 5-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرى كۆپلىگەن نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ماسلاشتۇرغۇچىلار كېڭىشىنىڭ 1- ئايدىكى يىغىنىدا كۆپلىگەن تۈرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 2015- يىللىق خىزمەت پىلانىنى بېكىتتى ، بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ مۇھىم بولغىنى 7-ئاينىڭ 9-، 10-كۈنلىرى ئۇفادا ئىچىلىدىغان دۆلەت باشلىقلىرى كېڭىشى يىغىنى بولدى. رۇسىيە ئالدىن پىلانلاش ئارقىلىق، كۈن تەرتىپ ۋە يىغىن مەزگىلىدە ئىمزالىنىدىغان ھۆججەتلەرنىڭ لايىھەسىنى ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇندى.
ئۇندىن باشقا، رۇسىيە ئۇفا خىتابنامىسى بىلەن دۆلەت باشلىقلىرى يىغىنى ئاخباراتنىڭ لايىھەسىنى تەييارلىدى. ھەر قايسى تەرەپلەر يىغىن مەزگىلىدە بىر قاتار ھۆججەتلەرنى ئىمزالايدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە ئەزا دۆلەتلەرنىڭ چېگرا مەسىلىسىدىكى ھەمكارلىقى، ئۇچ خىل كۈچكە ۋە زەھەر ئەتكەسچىلىكىگە زەربە بېرىش قاتارلىق ئاچقۇچلۇق ساھەلەرگە چېتىلىدىغان ھۆججەتلەر بار.
دېنىسوۋ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بىز تەييارلىق كۆرۈلۈۋاتقان ئەزا دۆلەتلەر باشلىقلىرىنىڭ 2- دۇنيا ئۇرۇشى غەلىبە قىلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىغا ئالاقىدار بىرلەشمە باياناتى ئەڭ مۇھىم ھۆججەتلەرنىڭ بېرى دەپ قارايمىز، بۇ مەسىلىنى مۇھاكىمە قىلغاندا، بارلىق ئەزا دۆلەتلەر بىردەك ئىتتىپاقلىشىشتەك پوزىتسىيەسىنى بىلدۈردى. رۇسىيە نۆۋەتچى رەئىسلىك ۋەزىپىسى ئۆتىگەن مەزگىلدە، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ خىزمەت رامكىسى ئىچىدە، يەنە بىر قاتار ئالاقىدار پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلىدۇ.
دېنىسوۋ مۇنداق دېدى: رۇسىيە نۆۋەتچى رەئىس دۆلەتلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن مەزگىلدە، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى 1-دىن، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ 2025-يىللىق تەرەققىيات ئىستراتېگىيەلىك پىلانىنى بېكىتىش . 2- دىن، ئەزا دۆلەتلەرنى كۆپەيتىش. ئۇندىن باشقا يەنە بۇ ئىككى مەسىلىنى مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك تەرەققىيات يۆلىنىشى قىلىپ بېكىتىشتەك ئىككى نۇقتىلىق ۋەزىپىنى ئورۇندايدۇ.
مېزېنىسېۋ جۇڭگو خەۋەرلەر تورى مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: 2025- يىلدىكى تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى يىغىنى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئۆتكەن 14 يىللىق خىزمەتلىرى ئاساسىدا ياخشىلىنىدۇ ۋە تەڭشىلىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر مۇھىم يۆلىنىش ئەزا دۆلەتلەرنىڭ سىياسىي دىپلوماتىيەسى، ئىقتىساد سودا ۋە ئادىمىيەت ساھەسىدىكى ھەمكارلىقى كېڭەيتىلىدۇ.
مېزېنىسېۋ مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىمۇ كۆپلىگەن خەلقئارا تەشكىلاتلار بىلەن ئۆز ئارا تۈرتكە بولۇش ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇردى، كەلگۈسىدىكى ئىستراتېگىيەلىك تەرەققىيات يۆلىنىشىدە يەنە شاڭخەي روھى ئاساس قىلىنىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا روھى جەھەتتىن تولۇقلىنىدۇ. بىراق خەلقئارا تەرەققىيات ۋەزىيىتى ئويلىنىدۇ. مېزېنىسېۋ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئەڭ مۇھىم بولغىنى ئۆز ئارا ئىشىنىش پىرىنسىپىدىن ئىبارەت.
دېنىسوۋ مۇخبىرلار يىغىنىدا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: رۇسىيە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ پۇل مۇئامىلە، ئىقتىساد سودا ساھەلىرىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. رۇسىيە ھەر قايسى تەرەپلەر بىلەن ئوخشاش تەشكىلاتنىڭ پۇل مۇئامىلە مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، تەرەققىيات بانكىسى ۋە تەرەققىيات فوندى جەمئىيىتى قۇرۇشقا ئالاقىدار مەسىلىلەرنى تېزدىن ھەل قىلىشنى ئۈمىد قىلىدۇ. رۇسىيە يەنە شېرىكلىرىگە بۇ مەسىلىنى مۇتەخەسسىسلەر دەرىجىسىدە مۇزاكىرە قىلىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ.
دېنىسوۋ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى سودا مۇنبىرىنىڭ 6-ئايدا سانت پېتىربورگ ئىقتىساد مۇنبىرى مەزگىلىدە ئىچىلىدىغانلىقىنى تونۇشتۇردى. شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ كاتىبات باشقارمىسى سودا مۇنبىرىنىڭ قارالمىسى،شەكلى، قاتنىشىدىغانلارنىڭ ئىسىملىكىنى ماسلاشتۇرماقتا. ئۇندىن باشقا ، 3- ئايدا سىبېرىيەنىڭ خەنكىمانىسىك شەھرىدە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ 10- نۆۋەتلىك مۇنبىرىنى ئۆتكۈزىدۇ. يىپەك يولى ئىقتىسادى بەلبېغى بۇ قېتىمقى مۇنبەرنىڭ ئاساسلىق تېمىلىرىنىڭ بېرى قىلىنىدۇ.
مېزېنىسېۋ يىغىندا مۇنداق دېدى: 2014-يىلى 9-ئايدا، دۈشەنبە باشلىقلار كېڭىشىدە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئورۇن بېرىش تەرتىپى ۋە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇشنى ئىلتىماس قىلىش مەجبۇرىيىتى ئەسلەتمىسى دائىرىسىگە توزۇتۇش كىرگۈزۈش لايىھەسى ماقۇللىنىپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ قانۇنى ئاساسى مۇستەھكەملىنىپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئەزالىرىنى كۆپەيتىش ئىشكى رەسمىي ئېچىۋېتىلدى.
نۆۋەتتە، ئىران، ھىندىستان ۋە پاكىستان شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا رەسمىي ئەزا بولۇشنى ئىلتىماس قىلدى. مېزېنىسېۋ مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە ئالاقىدار قانۇنلارنىڭ ئاساسى مۇستەھكەملىنىپ، يېڭى ئەزالارنىڭ ئەزا بولۇشىدىكى ئادەم توسالغۇسى تۈگىتىلدى. 2014-يىلى 12-ئايدا، رۇسىيەنىڭ تەشەببۇسى بىلەن، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ بېيجىڭدىكى كاتىبات باشقارمىسى ئەزالارنى كۆپەيتىش خىزمەت گۇرۇپپىسىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، بۇ مەسىلىنى مەخسۇس مۇھاكىمە قىلدى.
مېزېنىسېۋ مۇنداق دېدى: قانۇنى جەھەتتىن قارىغاندا، بىز ھەرقانداق ۋاقىت چەكلىمىسى قويمىدۇق، مەيلى قايسى بىر دۆلەت ئىلتىماس قىلسۇن، بىز ھەر قانداق تەلەپ قويمىدۇق. شۇنداقلا بۇ مۇساپىنى تېزلەتمىدۇق ۋە ئاستىلاتمىدۇق، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇ، مەيلى قايسى يىل ئىلتىماس قىلسۇن، بۇ ئىلتىماسقا پۈتۈنلەي باراۋەر ئاساستا مۇئامىلە قىلىنىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved