دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى مىكرو تۇرالغۇلار

        ئامېرىكىنىڭ «پەن-تېخنىكا ئىچكى سىرى» ناملىق تور بېتىنىڭ 1-ئاينىڭ 18-كۈنىدىكى دوكلاتىغا قارىغاندا،كىشىلەر شەھەرگە يۈرۈش قىلغان بولۇپ، لېكىن يەر شارى بۇنىڭغا ئەگىشىپ چوڭايمايدىكەن. بۇ بىزنىڭ تۇرالغۇلىرىمىز بارغانسېرى كىچىكلەپ، تۇرالغۇ بوشلۇقىمىزنىڭمۇ بارغانسېرى تارىيىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىكەن. شۇ سەۋەبتىن نامراتلىق ياكى كىشىلىك ۋەزىپىسىنىڭ چەكلىكلىكى تۈپەيلىدىن، نۇرغۇنلىغان كىشىلەردە ھازىرقى ئەھۋالنى قوبۇل قىلماقتىن باشقا ئامال قىلالمىغان. مەزكۇر تور بەت نەچچە كۈننىڭ ئالدىدا دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئەڭ چېكىدىن ئاشقان كىچىك تۇرالغۇلارنى تىزىپ چىققان. رەسىمدىكىسى جۇڭگو شىياڭگاڭدىكى نەچچە يۈز ياشانغان كىشى ياشايدىغان «قەپەس ئۆي»

      بۇ رەسىم جۇڭگونىڭ شاڭخەيدە تارتىلغان بولۇپ، كۆرسەتكىنى بولسا 90 ياشلىق ۋاڭ سۈنچۈن ۋە ئۇنىڭ 60 ياشلىق ئوغلى بىللە ياشايدىغان 9.9 كۋادرات مېتىر كېلىدىغان تۇرالغۇسى ئىكەن.

 

     جۇڭگودىكى ئەڭ چوڭ ئاچقۇچى شىركەت ۋەنكې شىركىتى گۇاڭجۇدا ئۆتكۈزگەن جۇجىياڭ سەنجىياۋجۇدىكى ئۆي-مۈلۈك سودا يىغىنىدا كۆرسىتىلگەن مىكرو تۇرالغۇلار.

بىر نەچچە جۇڭگولۇق ياشلار كىچىك تۇرالغۇنى تەكشۈرمەكتە.

بارلىق مىكرو تۇرالغۇلارغا ئوخشاش، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ساقلاش بوشلۇقى ئۆينى قىستاڭچىلىقى چەكلىمىگە ئۇچرىغاندەك ھېسىياتقا كەلتۈرۈپ قويىدىكەن.

ئامېرىكا كالفورنىيە شىتاتى لوس-ئانژېلىس، بىر كىشى تۇرىدىغان مىكرو ئۆيلۈك ئائىلىدە ئۆي ئىگىسى ماشىنا ئۆيىدە ھامبۇرگ بولكىسى تەييارلاۋاتقان كۆرۈنۈش.

ھىندىستان بومبايدىكى داراۋى بولغا ئاسىيا قىتئەسىدىكى ئەڭ چوڭ نامرات رايونلارنىڭ بىرى بولۇپ، بۇ يەردە بىر مىليوندىن ئارتۇق كىشى تۇرىدىكەن.

داراۋى نامرات رايونىدا، كۆلىمى 9.3 كۋادرات مېتىر كېلىدىغان مىكرو تۇرالغۇلار بار بولۇپ، ئىجارە ھەققى 4~6 دوللارغىچە ئىكەن.

جۇڭگو شىياڭگاڭ، كۆلىمى 5.6 كۋادرات مېتىر كېلىدىغان مىكرو تۇرالغۇ، بۇ ئانا-بالىلار ھەر ئايدا 487 ئامېرىكا دوللىرى ئىجارە ھەققى تاپشۇرۇشى كېرەككەن.

يۇقىرىقى تۇرالغۇلارغا سېلىشتۇرغاندا، ئامېرىكا ۋاشىنگىتون سېئاتىل شەھرىدىكى كىرىستىئان ئىسىملىك بىر كىشى تۇرۋاتقان كۆلىمى 18.6 كۋادرات مېتىر بولغان تۇرالغۇ ناھايىتى كەڭتاشا تۇيغۇ بېرىدىكەن. 

كىرىستىئان 2013-يىلى زىيارەتنى قوبۇل قىلغان ۋاقتىدا: «تۇرالغۇنىڭ شەھەر مەركىزىدە بولۇشى ئەڭ مەنپەئەتلىك تاللاش بولۇشى مۇمكىن.»

بىر كورىيەلىك ئىجارە ئالغۇچىنىڭ ئېيتىشىچە، 18.6 كۋادرات مېتىرلىق يالغۇز كىشىلىك تۇرالغۇ دەل ئۇنىڭ ئەڭ ئېھتىياجلىق بولغان جايى ئىكەن.

پولشا ۋارشاۋا، بىر مىكرو تۇرالغۇنىڭ ئەڭ تار قىسمى پەقەت 91 سانتىمېتىر كېلىدىكەن.

بۇ ئىسرائىلىيە يازغۇچى ئەتگار كەرەتنىڭ ئۆيى بولۇپ، ئۇ ھەر يىلى ۋارشاۋانى ئىككى قېتىم زىيارەت قىلىدىكەن.

ئەتگار كەرەت بۇ تۇرالغۇنى ياسىغان بولۇپ، ئاپىسىنىڭ جەمەتىدىكىلەرنى خاتىرىلەش ئۈچۈن ئىكەن. ئۇلارنىڭ ھەممىسى 2-دۇنيا ئۇرۇشىدا چوڭ قىرغىنچلىقتا ئۆلۈپ كەتكەن.

73 ياشلىق كوڭ كيۇڭسۇن كۆلىمى ئىككى كۋادرات مېتىر كېلىدىغان مىكرو تۇرالغۇدا تۇرىدىغان بولۇپ، بۇ تازلىق ئۆيى بىلەن ئاشخانىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدىكەن.

كوڭ كيۇڭسۇن كورىيە پايتەختى سىئولدىكى قايناق كوچا جىياڭنەن رايونىدا تۇرىدىكەن.

شىياڭگاڭدىكى بۇ بىنانىڭ كۆلىمى تەخمىنەن 56 كۋادرات مېتىر كېلىدىغان بولۇپ، بۇ 19 بۆلەككە بۆلۈنگەن. ھەر بىرى پەقەت 2.3 كۋادرات مېتىر كېلىدىكەن. ئۇلار «بۆلمە»، «جەسەت ساندۇقى ئۆيى» قاتارلىق ناملار بىلەن ئاتالغان.

بۇ تۇرالغۇنىڭ ئىجارە ھەققى 150 ئامېرىكا دوللىرى بولۇپ، ھەر بىر بۆلىكى پەقەت ئىككى تاختاي بىلەنلا ئايرىلغان. ئاھالىلەر نەرسە-كېرەك سېتىۋېلىش ۋە پۇل-مۇئامىلە مەركىزىگە ناھايىتى يېقىن ئىكەن.

شىياڭگاڭدىكى داڭلىق «قەپەس ئۆي». ئەمەلىيەتتە 1.8*1.8 مېتىر بولغان تۆمۈر سىم ساندۇقكەن.

«قەپەس ئۆي» نىڭ شارائىتى ناھايىتى جاپالىق بولۇپ، يەنە قۇرت ۋە سېسىق پۇراقلار بار ئىكەن.

بۇ «قەپەس ئۆي» لەر نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ كېيىنكى ئۆمرىنى ئۆتكۈزىدىغان جايى ئىكەن. 



خەتكۈچلەر:
01-02-2016
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
03-05-2016
    2008- يىلىدىكىگە ئوخشاش، ئامېرىكا بەك كۆپ خەجلىۋەتتى ھەمدە بەك كۆپ قەرز ئالدى؛ ئىشلەپچىقىرىلمىلار تولىمۇ ئاز، ئامانەت پۇلىمۇ ئاز. ئامېرىكىنىڭ ئىقتىسادى 2009- يىلى ئەڭ پەسكويغا چۈشۈپ قالغاندىن كېيىن، ئامېرىكا ئىلگىرى يار...
02-05-2016
    ئېكۋادوردا يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بەرگىنىگە ئىككى ھەپتىدىن ئېشىپ، قاپسىلىپ قالغانلارنىڭ ھايات قېلىش ئېھتىماللىقى بارغانسېرى تۆۋەنلىگەن بولسىمۇ، بىراق 4- ئاينىڭ 29- كۈنى قۇتقۇزغۇچى خادىملار خارابىلىك ئاستىدىن 72 ياشقا كىر...
01-05-2016
    ئىشچىلار موسكۋادىكى مەشھۇر رۇسىيە مېھمانسارىيىنى ئۆزگەرتىۋاتقاندا، مېھمانساراينىڭ شەرقىي بىناسى بىلەن شىمالىي بىناسىنىڭ ئارا بۇلۇڭىدىكى ئۇلىدا قۇرۇلۇش قىلىۋېتىپ، تەخمىنەن 4000 نەچچە ئادەم سىغىدىغان بىر چوڭ يەر ئاستى سار...
30-04-2016
    ئامېرىكا «ۋاشىنگىتون كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 30-چېسلا خەۋەر قىلىشىچە، كېنىيە قىزىل كىرىسىت جەمئىيىتىنىڭ 29-چېسلا ئاشكارىلىشىچە، پايتەخىت نايروبىدا شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن تۇيۇقسىز قاتتىق يامغۇر يېغىپ، شەھەرنىڭ شەرقىي قى...
30-04-2016
شېنجىندا نىمكەش ئۆي باھاسى ئۇدا 18 ئاي ئۆسكەندىن كېيىن چۈشۈشكە باشلىدى. 4-ئاينىڭ 28-كۈنىگىچە، پۈتۈن شەھەردىكى يېڭى ئۆي پۈتۈشۈش مىقدارى پەقەت 2259 يۈرۈش بولۇپ، 3-ئايدىكىگە قارىغاندا %49 تۆۋەنلەپ كەتتى، پۈتۈشۈش ئوتتۇرىچە باھاسى ھەر كىۋ...
29-04-2016
     جىڭخۇا ۋاقىت گېزىتى خەۋىرى، باج تاپشۇرغۇچىلار ئەمدى «نىكاھ ئىسپاتى» تاپشۇرمىسىمۇ بولىدۇ. 28-چېسلا مۇخبىرنىڭ خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى ئۆتكۈزگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، باج تاپشۇرغۇچىلارنىڭ ئۆي-ج...
29-04-2016
4-ئاينىڭ 27-كۈنى ساياھەتچىلەر جىنلۇڭ كەنتىدىكى بىر پارچە 3D سترېئولۇق رەسىم ئالدىدا خاتىرە رەسىمگە چۈشمەكتە. 2015-يىلىنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىن بۇيان، يۈننەن ئۆلكىسى لىجياڭ شەھىرىدىكى جىنلۇڭ كەنتى بىر تۇتاش پىلانلاش ئارقىلىق، 442 كورپۇ...
28-04-2016
     4-ئاينىڭ 27-كۈنى، شېنجېن شەھىرى لۇڭگاڭ ئەيليەن لوڭتېڭ سانائەت رايونىدىكى جوڭتۇڭ ئەشيا ئوبوروتىنىڭ يېنىدىكى ئامبارغا ئوت كەتكەن. ئوت ئۆچۈرۈش تارمىقى تېزلىكتە دايۈنچېڭ، لوڭدۇڭ، لوڭگاڭ، پىڭخۇ، خېڭگاڭ ئوت ئۆچۈرۈش ئوت...
27-04-2016
2016-يىل 4-ئاينىڭ 25-كۈنى لياۋنىڭ ئۆلكىسى شېنياڭ شەھىرى رۇڭشىڭ ئاھالىلەر ئولتۇراق رايونىدىكى بىر ئېگىز قەۋەتلىك بىنانىڭ سىرتقى تام گەۋدىسىدىكى تام چاپلاقلىرى  چۈشۈپ كېتىپ ئولتۇراق رايون ئاھالىلىرىنى ئەندىشىگە سېلىپ قويدى. ...
26-04-2016
    شۇ جاي ۋاقتى 2016-يىلى 26-ئاپرېل، ئۇكرائىنانىڭ سىلاۋۇتىچې شەھىرىدە خەلق ئاممىسى تەزىيە بىلدۈرۈش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ، چىرنوبىلدا يادرو ۋەقەسىدە قاز قىلغانلارنى خاتىرىلىگەن. 1986-يىلى 26-ئاپرېل، كىيېۋ شەھىرىنىڭ شىمالىغا 13...
Powered by Leglek