جاھان ئاگېنتلىقى 15-ماي خەۋىرى؛ لەگلەك تورى تەرجىمىسى: ئىران كۇردىستان دېموكرات پارتىيىسى باش كاتىبى خالىد ئەزىزى، ئوتتۇرا شەرقتە يۈز بەرگەن كىرزىس مەنبەسىنىڭ ئىراننىڭ يۈرگۈزىۋاتقان خاتا سىياسىتى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، « يەمەن، سۇرىيە، لىۋان ۋە ئىراقتىكى قالايمىقانچىلىقنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى ئىران ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىتىدۇر، ئىران قولتۇق دۆلەتلىرىدە ياشايدىغان شىئەلەردىن پايدىلىنىپ قالايمىقانچىلىق چىقرىشنى خالايدۇ» دېدى.
ئەزىزى سىياسى پائالىيەتلىرىنى ئىراقنىڭ ئېربىل رايۇنىدا ئېلىپ بارىدىغان بولۇپ، مۇخبىرغا قىلغان سۆزىدە، ئىراننىڭ ئوتتۇرا شەرقتە مەزھەب ئۇرۇشى چىقىرىپ ئۆزىنىڭ مەسىلىلىرىنى نىقابلىماقچى دېدى. ئەزىزى مۇنداق دېدى؛ « ئىران باشقا دۆلەتلەردە ياشايدىغان شىئەلەرنىڭ ھېسياتىدىن ئۆز سىياستى ئۈچۈن پايدىلىنىشنى خالايدۇ، ئىران شىئەلەرگە مۇنۇ ئۇقۇمنى ئۇقتۇرماقچى؛« بىز بولمىساق سۈننىيلەرنى سىلەرنى قىرغىن قىلىدۇ». بىراق ئىراننىڭ خاتا سىياستى بولمىغان ئەھۋالدا شىئە ۋە سۈننىي مەسلىلىرى مەدەنىي بىر شەكىلدە ھەل قىلىنىدۇ. ئىران ئۆز ئىچىدىكى مەسىلىلەرنى نىقابلاش ئۈچۈن شىئە-سۈننى ئۇرۇشىغا ئوت تۇتاشتۇرىۋاتىدۇ» دېدى.
ئىران كۇردىستان دېموكرات پارتىيىسى باش كاتىبى خالىد ئەزىزى، تېھران ھۆكۈمىىتىنىڭ ئىراندىكى كۈرتلەرنىڭ تەلەپلىرىنى قاندۇرمىغانلىقىنى ئېيتىپ، « ئىراندىكى كۈرتلەر 36 يىلدىن بۇيان ئىران ئىسلام جۇمھۇرىيتىگە قارشى كۈرەش قىلىۋاتىدۇ. ئەمما ئىران ھۆكۈمىتى كۈرتلەرنىڭ ھەق-ھۇقۇقىنى ئىتراپ قىلمايۋاتىدۇ. شۇڭلاشقا خەلق ئارىسىدا ھۆكۈمەتكە قارشى نارازىلىق بار. ماھابادتىكى ۋەقەلەر بۇنىڭ ئىپادىسى» دېدى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved