دۆلەت سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى يېقىندا«مەھەللە سەھىيە مۇلازىمىتىنى باشقۇرۇش ۋە مۇلازىمەت سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر»نى تارقاتتى. 2020-يىلىغىچە ھەر بىر ئائىلىدە بىر لاياقەتلىك توختاملىق دوختۇر، ھەر بىر كىشىنىڭ بىر پارچە ئېلېكترلەشكەن سالامەتلىك ئارخىپى بار بولۇش ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدىكەن.
توختاملىق دوختۇر ئىككىنچى دەرىجىلىكتىن يۇقىرى دوختۇرخانا ۋە ئاساسىي قاتلام داۋالاش ئاپپاراتلىرىدىن تاللىنىدىكەن.
«پىكرى »مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى :توختاملىق دوختۇر قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك. توختاملىق دوختۇر قۇشۇنى ئىككىنچى دەرىجىلىكتىن يۇقىرى دوختۇرخانىنىڭ دوختۇرى ۋە ئاساسىي قاتلام داۋالاش سەھىيە ئورگانلىرىنىڭ تېببىي خادىملىرى بولۇشى كېرەك. قاراشلىق رايوندىكى مۇلازىمەت قىلىش دائىىرىسى ۋە مۇلازىمەت قىلىنىدىغان ئوبيېكتقا ئاساسەن، كوللېكتىپ مەسئۇلىيەت رايونىنى مۇۋاپىق ئايرىپ، تورلاشتۇرۇپ باشقۇرۇشنى يولغا قويۇش كېرەك. توختاملىق دوختۇر قۇشۇنى ئاھالىلەرنىڭ ئاساسلىق ساغلاملىق مەسىلىسىنى ئىگىلىشى كېرەك، ساغلاملىق تەربىيەسى ۋە ساغلاملىقنى ئىلگىرى سۈرۈش، خەتەرلىك ئامىللارنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كېسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى قانات يايدۇرۇپ، ئونۋېرسال، ئۈزلۈكسىز، ئۈنۈملۈك ساغلاملىق باشقۇرۇش مۇلازىمىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش كېرەك.
![]() |
بالىلار نېمە سەۋەبتىن ‹‹ياغاچ قۇلاق›› بولۇپ قالىدۇ
مەريەمگۈل ئىمىت
بىر قىسىم ئاتا–ئانىلار بالىلىرىنى ‹‹گەپ ئاڭلىمايدىغان›› بولۇپ قالدى دەپ قاقشاپلا يۈرىدۇ. بەزى ئاتا–ئانىلار ئەتىدى...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved