پۇتبول تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى
بېيجىڭ ۋاقتى 11-ئاينىڭ 30-كۈنى 1:30 ئۆتكەندە ئېنگللاند دەرىجىدقن تاشقىرى بىرلەشمىسىنىڭ 13-ئايلانما مۇسابىقىسىدە چېلسىي كۇلۇبى مېھمان مەيداندا ساندىران كۇلۇبى بىلەن مۇسابىقە ئوينىدى. چېلسىي كۇلۇبىنىڭ باش مەشقاۋۇلى مۇرىنھۇ مۇسابىقىدىن بۇرۇنقى ئاخبارات ئېلان قىلىش يېغىنىغا قاتناشتى.
مۇرىنھۇ مۇنداق دېدى:« بىزگە نىسبەتەن ھەربىر مەيدان مۇسابىقە شۇنچىلىك مۇھىم ، بىز ھەرگىزمۇ مەقسەتلىك ھالدا ئالمىشىپ دەم ئالمايمىز. بىز چوقۇم ئەڭ كۈچلۈك سەپ شەكلىمىز بىلەن مۇسابىقە ئوينايمىز.»
« فابرىگاس ھازىر ئۇنىڭ پۇتبول ھاياتىدىكى ئەڭ ياخشى ھالىتىدە ئىكەنلىكىنى ئيتتى. توغرا، بۇ چوقۇم بەزى نەرسىلەردىن دېرەك بېرىدۇ. سىز ئۇنىڭ بەدەن تىلىدىن بەزى مەسىسىلەرنى كۆرۈۋالاليسىز.»
« مېنىڭچە مېنىڭ توپچىلىرىمنىڭ ھەممىسى دەرىجىدىن تاشقىرى دەرىجىلىك توپچىلار.مەن بۇنىڭدىن خۇشاللىق ھېس قىلىمەن. بىراق يەنە ئۆز گېپىمىزگە كەلسەك بىز بۇنىڭلىق بىلەن قانائەتلىنىپ قالساق بولمايدۇ.»
« ئەلۋەتتە ، بىز توختىماي ئۆزىمىزنىڭ قابىلىيىتىنى يۇقىرى كۆتۈرىشىمىز كېرەك. بىز باشقا تەرەپلەردىكى مەسىلىلەردىن ئەنسىرىمەيمىز. ھەم باشقا كوماندىلارغا دىققەت قىلىپ ئولتۇرمايمىز.»
ئالدىنقى مۇسابىقە پەسلىدە چېلسىي كۇلۇبى ئۆز مەيدانىدا ساندىران كۇلۇبىغا مەغلۇپ بولغاندى. شۇنىڭ بىلەن مۇرىنھۇ باش مەشقاۋۇللۇقىدىكى چېلسىي كۇلۇبى ئۆز مەيدانىدىكى 77 مەيدان مەغلۇپ بولماسلىقتەك رىكورتىمۇ شۇنىڭ بىلەن ئاخىرلاشقانىدى.
مۇرىنھۇ بۇنىڭغا قارىتا مۇنداق دېدى:« ئالدىنقى پەسىلدىكى مۇسابىقىلەر ئاخىرلاشتى؟بىز چوقۇم ئالدىمىزغا قارىشىمىز كېرەك. بۇ مۇسابىقە پەسلىدە بىز ناھايىتى ياخشى ئىپادىمىزنى نامايەن قىلىۋاتىمىز. بىز ھەقىقەتەن بەزى جەھەتلەردە تەرەققىياتقا ئېرىشتۇق.
مېسسىنىڭ چېلسىي كۇلۇبىغا قوشۇلۇش توغرىسىدا تارقالغان گەپلەرگە نىسبەتەن مۇرىنھۇ مۇنداق دېدى:«مۇمكىن ئەمەس، ئېنىقكى بۇ راست ئەمەس.»
![]() |
باش تىرېنېر جەن شۇپىڭغا ‹‹ئاپتونوم رايون بويىچە 8–مارت قىزىلبايراقدارى››دەپ نام بېرىلدى .
جىڭ بو، ياۋ گاڭ خەۋەر قىلىدۇ: شىنجاڭ ‹‹ۋوجياڭ›› ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسىنىڭ مەكتەپلەرگە كىرىش پائال...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved