چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، تېخى يېقىندىلا چېكىدىن ئاشقان رادىكال تەشكىلاتى «ئىسلام خەلىپىلىكى» گە جەڭ ئېلان قىلغان خەلقئارالىق خاككېرلار تەشكىلاتى «ئانونىيموس» مىلاد بايرىمىدىن كېيىن ئىجدىمائىي ئالاقە تورىدا «ئىسلام خەلىپىلىكى» تەشكىلاتىنىڭ ئىتالىيەگە قىلماقچى بولغان ھۇجۇمىنى توسۇپ قالغانلىقىنى ئېلان قىلغان. خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ياۋروپادىكى كۆپلىگەن دۆلەتلەردە مىلاد بايرىمىدا تېررورلۇق ھۇجۇمى يۈزبېرىشى مۇمكىن بولغانلىقى ئۈچۈن، بۇ دۆلەتلەر ئامانلىقنى ئالاھىدە كۈچەيتكەن.
«ئانونىيموس» Operation Paris دىگەن ئىسىم بىلەن ئىجدىمائىي ئالاقە تورىدا بۇ ئۇچۇرنى ئېلان قىلغان بولۇپ، ئۇلار:«بۇ 1 ئاي ئىچىدە بىز ئۈن-تىنسىز خىزمەت قىلىپ كەلدۇق، ھەمدە IS نىڭ ئىتالىيەگە قىلماقچى بولغان ھۇجۇمىنى توسۇپ قالدۇق، بىز يەنە باشقا ھۇجۇملارنىمۇ توسۇشقا تىرىشىمىز. بىز سېنىڭ گۆرۈڭنى قېزىۋاتىمىز، بىز ئاللىبۇرۇن سىنى تېپىپ چىقتۇق، بىزنىڭ سىنىڭ تېلفۇنىڭ ۋە كومپىيوتېرىڭغا بولغان ھۇجۇمىمىز ئەمدى باشلىنىدۇ»، دېگەن. گەرچە ئۇلار قانداق ئۇسۇل بىلەن تېررورچىلارنىڭ ھۇجۇمىنى توسقانلىقىنى بىلدۈرمىگەن بولسىمۇ، بۇ ئۇچۇرىمۇ كىشىنى ھاياجانلاندۇرىدۇ.
پارىژدا تېررورلۇق ھۇجۇمى يۈزبەرگەندىن كېيىن، خەلقئارالىق خاككېرلار تەشكىلاتى «ئانونىيموس» 15-نويابىر چېكىدىن ئاشقان رادىكال تەشكىلاتى «ئىسلام خەلىپىلىكى» گە جەڭ ئېلان قىلغان. قەسەم قىلىپ ئۇلارنى بوش قويۋەتمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. «ئانونىيموس» YouTube دا فىلىم تارقىتىپ، تەشكىلاتنىڭ بىلىملىرى ئارقىلىق پۈتۈن ئىنسانىيەتنى ئىتتىپاقلاشتۇرىدىغانلىقىنى ئېيتقان ھەمدە تېررورچىلارنى بوش قويۋەتمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
يۈزىگە نىقاب تاقىغان باياناتچى بۇ فىلىمدە «پۈتۈن دۇنيادىكى ئانونىيموسلار سىلەرنى تارتىپ چىقىدۇ. سىلەر بىزنىڭ سىلەرنى تېپىپ چىقالايدىغانلىقىمىزنى بىلىسىلەرغۇ دەيمەن، سىلەرنى ھەرگىز بوش قويۋەتمەيمىز. سىلەرگە بولغان زەربە بېرىش ھەركىتىمىز ئەڭ زور زەربە ھېسابلىنىدۇ»، دېگەن.ئېگىلىنىشىچە، بۇ ئانونىيموسلارنىڭ تۇنجى قېتىم «ئىسلام خەلىپىلىكى» تېررورلۇق تەشكىلاتىغا تەھدىت سېلىشى ئەمەس بولۇپ، 1-ئايدا فىرانسىيەدىكى چارلىز ھەپتىلىك ژۇرنىلى تېررورلۇققا ئۇچرىغان چاغدا بۇ تەشكىلات «ئىسلام خەلىپىلىكى» گە يۇقارقىغا ئوخشاش تەھدىت سالغان. بۇ تەشكىلات دۇنيادىكى ئەڭ قالتىس خاككېرلار تەشكىلاتى ھېسابلىنىدۇ.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved