كۆز تورلىشىشنى كېچىكتۈرۈشنىڭ ئاددىي ھەم ئۈنۈملۈك ئۇسۇللىرى

ھۆسىناجى ئابدۇرېھىم

 

1. پەللىنى بېسىش ئۇسۇلى:


ھەر كۈنى ئەتىگەندە ئويغانغاندىن كېيىن، كۆزىمىزنى يۇمۇپ ئىككى قولىمىزنىڭ ئوتتۇرا بارمىقى بىلەن چېكىمىزنى تۇتۇپ، نامسىز بارمىقىمىز بىلەن قېشىمىزنىڭ ئوتتۇرىسىنى بېسىپ، چىمچىلاق بارمىقىمىزنى قېشىمىزنىڭ يان تەرىپىدىكى سۈەنجۇ پەللىسىگە توغرىلاپ مۇۋاپىق ھالدا ھەر قېتىمدا بەش مىنۇت ئەتراپىدا ئۇۋىلاپ بەرسەك، كۆز مۇسكۇللىرىمىزدىكى ھارغىنلىقنى يەڭگىللەتكىلى بولىدۇ.

 


2. سوغۇق سۇدا كۆزنى يۇيۇش ئۇسۇلى:


ھەر كۈنى ئەتىگەندە ئورنىدىن تۇرغاندا ۋە ئۇخلاشتىن ئىلگىرى، كۆزنى سوغۇق سۇدا يۇيۇپ بېرىش كېرەك. كۆزىمىزنى بىر مىنۇتتىن ئىككى مىنۇتقىچە پاكىز سوغۇق سۇدا چىلاپ تۇرۇپ، ئاندىن لۆڭگە بىلەن پاكىز سۈرتۈۋېتىپ، قول بارمىقىمىز بىلەن كۆز ئەتراپىنى 30 قېتىمدەك يېنىك ئۇۋىلاپ بەرسەك بولىدۇ.

 


3. كۆز ئالمىسىنى ئايلاندۇرۇش ھەرىكىتىنى ئىشلەپ بېرىش:


كۆزنى بىر يۇمۇپ بىر ئېچىشتەك كۆز چىمچىقلىتىش ھەرىكىتىنى ئىشلەپ بەرگەندە، كۆز مۇسكۇللىرىنى جانلاندۇرغىلى بولىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا كۆز ئالمىسىنى ئوڭ – سول، يۇقىرى – تۆۋەن ھەم سائەت ئىسترېلكىسىنىڭ ئوڭ ۋە تەتۈر يۆلىنىشى بويىچە ئايلاندۇرۇپ بەرگەندە، كۆز مۇسكۇللىرىدىكى قاننىڭ ئايلىنىشىنى ياخشىلاپ، كۆز مۇسكۇللىرىنىڭ ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى ئاشۇرۇپ، كۆزنىڭ بالدۇر قېرىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.

 


4.كۆزگە ئىسسىق ئۆتكۈزۈپ بېرىش ئۇسۇلى:


يۈزنى يۇيغاندا، ئاۋۋال لۆڭگىنى ئىسسىق سۇغا چىلاپ، كۆزنى بوش يۇمۇپ، پېشانە بىلەن كۆز چانىقى ئەتراپىغا ئىسسىق ئۆتكۈزۈپ بەرگەندە، كۆزدىكى قان تومۇرلارنىڭ راۋان ئېقىشىغا كاپالەتلىك قىلغىلى ھەم كۆز مۇسكۇللىرىنى ئوكسىگېن ۋە ئوزۇقلۇق ماددىلار بىلەن تولۇق تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، بىكار قالغان ۋاقىتلاردا قول ئالقىنىمىزنى سۈركەپ ئىسسىتىپ ئىككى كۆزىمىزنى بىر مىنۇت ئەتراپىدا يېنىك دەرىجىدە بېسىپ بەرسەكمۇ بولىدۇ.

 


5. قەرەللىك ھالدا يىراققا قاراپ بېرىش ئۇسۇلى:


ھەر كۈنى ئەتىگەندە يىراق جايلاردىكى يېشىل ئۆسۈملۈكلەرگە قاراپ بەرسەك كۆزىمىزنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتىنى ياخشىلاشقا زور پايدىسى بولىدۇ ھەم كۆز مۇسكۇللىرىنى تەڭشىگىلى بولىدۇ.



خەتكۈچلەر:
11-11-2014
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
27-05-2016
  بالىلار نېمە سەۋەبتىن ‹‹ياغاچ قۇلاق›› بولۇپ قالىدۇ مەريەمگۈل ئىمىت      بىر قىسىم ئاتا–ئانىلار بالىلىرىنى ‹‹گەپ ئاڭلىمايدىغان›› بولۇپ قالدى دەپ قاقشاپلا يۈرىدۇ. بەزى ئاتا–ئانىلار ئەتىدى...
27-05-2016
    باش قاشلاش: بەزىلەر تىرنىقى بىلەن بېشىنى قاشلاشنى، بېشىنى يۇيغاندا تىرنىقى بىلەن قالايمىقان ئۇۋۇلاشنى ياخشى كۆرىدۇ. بۇنداق قىلغاندا ئاسانلا باش تېرىسىدە يارا پەيدا بولىدۇ–دە، چاچنىڭ ساغلام ئۆسۈشىگە دەخلى يەتكۈزۈپ، چاچ چۈشۈش...
27-05-2016
    ۋىتامىن C: ۋىتامىن C قاندىكى قەنت ۋە سۈيدۈكتىكى قەنت بىلەن خىمىيەلىك رېئاكسىيەلىشىپ مىقدارىنى تۆۋەنلىۋېتىدۇ. شۇڭا ئادەتتە ۋىتامىن C يەيدىغانلار سۈيدۈك تەكشۈرتۈشنى قوبۇل قىلىشتىن ئۈچ كۈن بۇرۇن دورا يېيىشنى توختىشىشى لاز...
27-05-2016
   فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئەنگلىيە ھەپتىلىك گېزىتى ئېلان قىلغان تەتقىقاتتا ئېيتىلىشىچە، 2008-يىلىدىكى پۇل-مۇئامىلە كىرىزىسى ئىشسىزلىق نىسبىتىنىڭ ئۆرلىشى ۋە داۋالىنىش سۇغۇرتىسى خامچوتىنىڭ كېمىيى...
27-05-2016
نۇر تورى تەرجىمىسى:      ئەمەلىي تۇرمۇشتا، نۇرغۇن ئائىلىلەر تاماق يېگەندە چوكىنى ئارىلاشتۇرۇپ ئىشلىتىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە چوكىنى يۇيۇپ تازىلاش ئۇسۇلىمۇ توغرا ئەمەس، ئەگەر بۇنداق چوكىنى ئۇزاق مۇددەت ئىشلەتكەندە، ئاسانلا ...
27-05-2016
 ئامېرىكا ئوخايو شىتاتى ئاكرون شەھىرى، ئامېرىكىلىق ئايال Sarah Thistlethwaite يەككە باش سۈيىدە بىرلىكتە قول تۇتۇشۇپ تۇرغان قوشكېزەك يەڭگىگەن بولۇپ، قوشكېزەكلەر ئانىسى ھامىلىدار بولغان مەزگىلدە بىر باش سۈيى پەردىسى ۋە بالا ھەمرىيىدىن...
26-05-2016
    جېيسېن قىز دوستى تەىپىدىن تاشلىۋېتىلگەندىن كېيىن مۇۋەپپەقىيەتلىك ئورۇقلاپ، يېڭى قىز دوستى بىلەن بىر كونا شىمنى بىللە كىيمەكتە     پايدىلىنىش خەۋەرلىرى تورىنىڭ 26-چېسلادىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئەنگلىيەدە Jaso...
26-05-2016
    خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بۈگۈن، جەنۇب ئاۋىياتسىيە گۇرۇھى شىركىتى، دۆلەت سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى، خەلق ئاۋىياتسىيە باشقۇرۇش ئىدارىسى، ئالاقىدار داۋالاش ئورۇنلىرى قاتار...
26-05-2016
     شىنجاڭ تورى خەۋىرى، ئايالى بىلەن ئۈرۈمچىدە رېستوران ئاچىدىغان جاڭ يۈيوڭ، يېقىندا 6 ياشلىق قىزىنى شەندۇڭغا ئېلىپ بېرىپ داۋالاتماقچى بولدى، بىراق داۋالاش ھەققىنىڭ ئاتچوت قىلىنماسلىقىدىن ئەنسىرىدى. 5-ئاينىڭ 25-كۈنى،...
26-05-2016
نۇر تورى تەرجىمىسى:    ساغلام ئادەملەرنىڭ تىرنىقى پارقىراق، سىلىق، تەكشى، يېرىم سۈزۈك ۋە مەلۇم دەرىجىدە يايسىمان بولىدۇ، ھەمدە تەكشى سۇس قىزىل رەڭدە بولىدۇ. لېكىن، سىزنىڭ تىرنىقىڭىزدا تۆۋەندىكىدەك ھالەتلەر كۆرۈلسە، چوقۇم ...
Powered by Leglek