ئۇيغۇرچە ئاۋازلىق كىرگۈزگۈچ(IOSنۇسخىسى)ئېلان قىلىندى

     دۆلىتىمىزنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» تەرەققىيات ئىستىراتېگىيەسىنىڭ يولغا قويۇلۇشى بىلەن، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ يادرولۇق رايونى بولغان شىنجاڭنىڭ رولى بارغانسېرى گەۋدىلەنمەكتە، ئۇيغۇرلار بىلەن باشقا مىللەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقە، ئالماشتۇرۇش بارغانسېرى كۈچەيمەكتە. ئاز سانلىق مىللەت تىل-يېزىقىنى ئۇچۇرلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ دۆلەت ئورتاق تىلىنى ئۆگىنىشىگە، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىشىگە قولايلىق يارىتىش مەقسىتىدە، يېقىندا جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى مۇستەقىل ھالدا ئۇيغۇرچە ئاۋازلىق كىرگۈزگۈچنى(Androidنۇسخىسى) ئېلان قىلغاندىن كېيىن،يەنە ئۇيغۇرچە ئاۋازلىق كىرگۈزگۈچنى(IOSنۇسخىسى) ئېلان قىلدى.

     چىڭخۇا ئۇنىۋېرستېتىنىڭ لىڭيۈن ئۇيغۇرچە تاۋۇش بىرىكتۈرۈش ۋە پەرقلەندۈرۈش تېخنىكىسى قوللىنىلغان بۇ يۇمشاق دېتالغا خەنزۇچە پۈتۈن جۈملىنى پىنيىن بىلەن كىرگۈزۈش، خەنزۇچىنى قول بىلەن يېزىپ كىرگۈزۈش، خەنزۇچىنى ئاۋازلىق كىرگۈزۈش، ئۇيغۇرچىنى كونۇپكا تاختىسىدىن كىرگۈزۈش، ئۇيغۇرچىنى قول بىلەن يېزىپ كىرگۈزۈش، ئۇيغۇرچىنى ئاۋازلىق كىرگۈزۈش، ئېنگلىزچە كىرگۈزۈش، سانلارنى كىرگۈزۈش، تىنىش بەلگىلىرى ۋە چىراي ئىپادىلىرىنى كىرگۈزۈش قاتارلىق ئىقتىدارلار بىرلەشتۈرۈلگەن بولۇپ، مەشغۇلاتى ئاددىي، قوللىنىشچان، تېز ۋە قولاي.

   ھازىر بۇ دېتال رەسمىي ئېلان قىلىندى ھەمدە ھەقسىز تەمىنلەندى (چۈشۈرۈش ئادرېسى: http://www.mzywfy.org.cn/download.jsp)، يانفونغا چۈشۈرۈپ ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ. ئېلان قىلىشتىن بۇرۇن، بۇ دېتالنى شىنجاڭنىڭ بىر قىسىم جايلىرىدا ئىككى ئاي سىناق تەرىقىسىدە ئىشلەتتۇق، ئىشلەتكۈچىلەر بىردەك ياخشى باھا بەردى. ئاساسىي قاتلامدىكى خەنزۇ كادىرلار: «يانفونغا يۇمشاق دېتالنى قاچىلىۋالغاندىن كېيىن، ئاۋازلىق كىرگۈزگۈچ بىلەن خەنزۇچىنىمۇ، ئۇيغۇرچىنىمۇ كىرگۈزگىلى بولىدىكەن، ئۆگىنىش ئاكتىپلىقىمىز ۋە تەشەببۇسكارلىقىمىز ئۆستى، قىزغىنلىقىمىز ئاشتى» دېيىشتى. بۇ دېتالنى ئىشلەتكەن ئۇيغۇرلار بەس-بەستە:«بۇ دېتال ئۇيغۇرلار بىلەن خەنزۇلار ئارىسىغا ئالاقە كۆۋرۈكى سالدى» دېيىشتى. بۇ دېتال يەنە قوش تىللىق ئوقۇتۇش، يىراقتىن ئوقۇتۇش، كادىرلارنى تەربىيەلەش جەھەتلەردىمۇ مۇئەييەن ئىشلىتىش قىممىتىگە ئىگە.



خەتكۈچلەر:
13-01-2016
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
11-06-2016
IT ئائىلىسى تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:    چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، سامسۇڭنىڭ يېڭى نۇسخىدىكى تاقىما ئۈسكۈنىسى-Gear Fit 2 بۈگۈندىن باشلاپ پارچە سېتىش دۇكانلىرىغا رەسمىي كىرگۈزۈلىدىكەن.  ...
10-06-2016
جۇڭگو ئاخبارات تورى 10- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     جۇڭگو ليەنشياڭ گۇرۇھىنىڭ 2- نۆۋەتلىك يەر شارى پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش يىغىنى شۇ جاي ۋاقتى 9- ئىيۇن سان فرانسىسكو شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى،...
28-05-2016
    5-ئاينىڭ 26-كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن جۇڭگو ئالەم قاتنىشى يېڭىلىق يارىتىش تەرەققىيات ئەھۋالىدىن تاراتقۇلارنى خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنىدا، دۆلەت مۇداپىيە پەن-تېخنىكا سانائىتى ئىدارىسىنىڭ ئىنژىنېرى، دۆلەت ئالەم قاتنىشى ئىدارىسىنىڭ باش كا...
28-05-2016
    ئۆتكەن يىلى 12-ئايدا ئادىداس گېرمانىيەدە SpeedFactory ناملىق پۈتۈنلەي ئاپتوماتىك زاۋۇتنى سىناق يۈرگۈزىدىغانلىقىنى ئېيتقان. بۇ يىل 5-ئاينىڭ 24-كۈنى ئادىداس ئاخىرى سانائەت ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىنى ئاغدۇرۇۋىتەلەيدىغان گېر...
28-05-2016
    تۈنۈگۈن تورداشلارنىڭ ئاشكارىلىشىچە، بەيدۇ  ۋە سوگۇ كىرگۈزگۈچى تورغا ئۇلاقلىق ئەھۋالدا ئىشلەتكۈچىلەر ئۇرغان خەت ئۇچۇرىنى مۇلازىمېتىرغا يوللاپ بېرىدىكەن ھەمدە ھەممىسىنى ئاشكارا يوللاپ بېرىدىكەن. بۇ خاككېرلارنىڭ ئىشلەتكۈچ...
28-05-2016
    تېڭشۈن تورىنىڭ 5-ئاينىڭ 27-كۈنىدىكى خەۋىرى، ئىككى يىل ئىلگىرى ئامېرىكا فېدېراتسىيەسى ئالاقە كومىتېتى قانۇنسىز يان تېلېفون سىگنالىغا كاشىلا قىلغۇچنى ساتقان جۇڭگو ئېلېكتىرونلۇق مەھسۇلات ياساش سودىگىرى CTS پەن-تېخنىكا شىر...
28-05-2016
     تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، دۆلەت ئىچىدىكى chi wei شىركىتى يېڭىدىن windows 10/android5.1 قوللايدىغان قوش سىستېمىلىق تاختا كومپيۇتېر ئېلان قىلغان بولۇپ، HiBook Pro تاختا كومپيۇتېرىغا ئاليۇمىن مېتاللار ئىشلىت...
28-05-2016
1991T تورىنىڭ 27-ماي خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:     IDC نىڭ ئەڭ يېڭى پەرىزىگە ئاساسلانغاندا، 2019-يىلىغا بارغاندا زور سانلىق مەلۇمات ۋە كەسپىي ئانالىزنىڭ يىللىق كىرىمى 2015-يىلدىكى 112 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن 187 مىل...
28-05-2016
شىنخۇا تورى 28- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، نۆۋەتتە گېرمانىيەلىك ئالىملار بىر خىل سۈنئىي نېرۋا سىستېمىسىنى تەتقىق قىلىۋاتقان بولۇپ، ئۇلار بۇ ئارقىلىق ماشىنا ئاد...
28-05-2016
سىنا تورى پەن تېخنىكا قانىلىنىڭ 27-ماي چۈشتىن كېيىنكى خەۋىرى: باغداش تورىدىن لوقمان تەرجىمىسى     5-ئاينىڭ 27-كۈنى، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىسىتىرلىقى ئېلان قىلغان تېلېگراف مۇلازىمەت سۈپىتى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشىدا كۆ...
Powered by Leglek