ئاتاقلىق ئالىم، يېتۈك ئەدىب، چىن شائىر ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر 1923 - يىلى 7 - ئايدا قۇمۇل شەھىرىدە تىلەش ئىسىملىك سودىگەر ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇ ئاتا - ئانىسىدىن كىچىك چېغىدىلا يېتىم قالغاچقا، دادىسىنىڭ دوستى ئوقۇمۇشلۇق سودىگەر ئوسمان ھاجى ئائىلىسىدە چوڭ بولغان. ئۇ دەسلەپ قۇمۇلدا دىنىي مەكتەپتە ئوقۇغان. ئۇرۇش مالىمانچىلىقى ۋە تۇرمۇش ئېھتىياجى تۈپەيلى ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىللە قۇمۇلدىن ئايرىلىپ، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ، گەنسۇنىڭ جيۇچۈەن ۋىلايىتىگە ۋە ئاقسۇنىڭ ئۇچتۇرپان ناھىيىسىگە كۆچۈپ بارغان. ئۇچتۇرپاندا پەننىي مەكتەپكە كىرىپ ئوقۇغان. 1936 - يىلى ئۈرۈمچىگە كېلىپ، ئۆلكىلىك 1 - گىمنازىيىگە ئوقۇشقا كىرگەن. 1939 - يىلى بۇ مەكتەپنى پۈتكۈزۈپ سابىق شىنجاڭ ئىنىستىتۇتىغا ئوقۇشقا كىرگەن. 1942 - يىلى ئوقۇشنى تاماملاپ، ئۆلكىلىك قىزلار مەكتىپىدە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. 1945 - يىلىدىن 1949 - يىلىغىچە مەتبۇئات ئورۇنلىرىدا ئىشلىگەن. 1950 - يىلىدىن كېيىن خېلى يىللارغىچە تەرجىمانلىق، تەتقىقات ۋە ئوقۇتقۇچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان. 1970 - يىللارنىڭ ئاخىرىلىرىدىن باشلاپ شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى مىللەتلەر ئەدەبىياتى تەتقىقاتى ئىنىستىتۇتىنىڭ ئالىي تەتقىقاتچىسى بولۇپ ئىشلىگەن. 1995 - يىلى 10 - ئاينىڭ 5 - كۈنى ئۈرۈمچىدە 72 - يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەن.
ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ئەدەبىيات ساھەسىگە 1940 - يىللىرى شېئىر ئارقىلىق كىرىپ كەلگەن. ئۇ شۇنىڭدىن تارتىپ ئىزچىل تۈردە شېئىر ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ، بۇ ساھەدە زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرگەن. شۇنداقلا ئۇيغۇر ھازىرقى زامان شېئىرىيىتىنىڭ ئالدىنقى قاتارىدىكى ۋەكىللىرىنىڭ بىرىگە ئايلانغان. ئۇنىڭ «تاڭ شاماللىرى»، «ياخشى»،«مەن ئاق بايراق ئەمەس» قاتارلىق شېئىرلىرى، «ئۇلۇغ ئانا ھەققىدە چۆچەك»، «قەشقەر كېچىسى» قاتارلىق داستانلىرى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر شېئىرىيىتىدە ئالاھىدە ئورۇن تۇتىدۇ.
ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر 1980 - يىللاردىن تارتىپ بەدىئىي جەھەتتىكى تالانتىنى تارىخىي رومان ئىجادىيىتىگە قارىتىپ «ئىز»، «ئويغانغان زېمىن» قاتارلىق رومانلىرىنى يازغان. بۇ رومانلار ئۇيغۇر رومانچىلىقىنىڭ شەكىللىنىشىگە ئاساس سالغان رومانلار بولۇپ ھېسابلىنىدۇ .
ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر يەنە «تۈركىي تىللار دىۋانى»، «قۇتادغۇ بىلىك» قاتارلىق نادىر كلاسسىك ئەسەرلەرنى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا نەشرگە تەييارلاش ئىشىدا ئالاھىدە تۆھپە قوشقان تەتقىقاتچى.
ھازىرغا قەدەر ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ «يۈرەك مۇڭلىرى» (1946 - يىلى، لەنجۇ)، «تارىم بويلىرى» (1948 - يىلى، تەڭرىتاغ نەشرىياتى، ئەينى ۋاقىتتا تىيانشان نەشىرياتى دەپ ئاتىلاتتى.) ناملىق شېئىرلار توپلىمى، « قەشقەر كېچىسى» (1980 - يىلى، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى) ناملىق داستانى، «ئۆمۈر مەنزىللىرى» (1985- يىلى، شىنجاڭ ياشلار - ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى) ناملىق شېئىرلار توپلىمى، «ئىز» (1985 - يىلى، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى)، «ئۇيغانغان زېمىن» (ئىككى قىسىم، 1988 -، 1994 - يىللىرى، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى) ناملىق رومانلىرى، «خەزىنىلەر بوسۇغىسىدا» (1996 - يىلى، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى) ناملىق ئىلمىي ماقالىلەر توپلىمى نەشىر قىلىنغان.
مەنبە: «ئۇيغۇر داڭلىق شەخسلىرىنىڭ تەرجىمھالى» دېگەن كىتابتىن ئېلىندى.
![]() |
يۇقىرىقى سۈرەتلەر: بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىكى گېرمانىيە ئارمىيەسى
تۆۋەندىكى سۈرەتلەر: ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىكى گېرمانىيە ئارمىيەسى
|
![]() |
سىنا تاماشا خەۋىرى، لوس ئانژېلىس شۇ يەر ۋاقتى 5-ئاينىڭ 5-كۈنى، دەرىجىدىن تاشقىرى داڭلىق مودېل مىراندا نەرسە-كېرەك سېتىۋالغىلى چىققان بولۇپ، چىرايىدىن خۇشاللىق يېغىپ تۇراتتى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved