2015-يىلدىكى ناتوغرا ئىستىلغا قارشى تۇرۇش دوكلاتى ئېلان قىلىنىدى

     مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، مەمۇرىي تەپتىش  مىنىستىرلىقى تور بېكىتىدە 3-يانۋار 2015-يىلدىكى ناتوغرا ئىستىلغا قارشى تۇرۇش  دوكلاتى ئېلان قىلىنىپ: 2015-يىلى بىر تەرەپ قىلىنغان ناھىيە، باشقارما دەرىجىلىك  ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى كادىر يېرىمدىن ئاشىدۇ دەپ كۆرىسىتىلدى.

     ئۈچ يىل ئۆتۈپ كەتتى، 8 بەلگىلىمە، تۆت ناتوغرا ئىستىلغا قارشى  تۇرۇش دېگەندەك سۆزلەر پۇقرالارغا ئەڭ تونۇشلۇق سۆزلەر بولۇپ قالدى، ئۆتكەن يىلى  ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش مەمۇرىي تەپتىش ئورگانلىرى تۆت ناتوغرا ئىستىلغا  قارشى تۇرۇشنى بوشاشتۇرماي، مۇھىم ۋاقىت نۇقتىسىنى تۇتۇپ، مەركىزىي نۇقتىنى  مەركەزنىڭ 8 بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپلىق قىلىش مەسىلىلىرىگە قاراتتى،  30-نويابىرغىچە مەملىكەت بويىچە مەركەزنىڭ 8 بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپ مەسىلىدىن  32 مىڭ قېتىمدىن كۆپرەكنى تەكشۈرۈپ، 43 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنى بىر تەرەپ قىلىپ، 29  مىڭ كىشىگە پارتىيە ئىنتىزامى ۋە مەمۇرىي ئىنتىزام جازاسى بەردى.

     ئۆتكەن يىلى 30-نويابىرغىچە مەركەزنىڭ 8 بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا  خىلاپلىق قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنغان پارتىيەلىك كادرىلار ئىچىدە ئۆلكە، مىنىستىرلىق  دەرىجىلىكتىن 8 ئى، ۋىلايەت، نازارەت دەرىجىلىكتىن 441ئى، ناھىيە باشقارما  دەرىجىلىكتىن 3818 ئى بار، ئۆتكەن يىلنىڭ ئالدىنقى 11 ئېيىدا بىر تەرەپ قىلىنغان  ناھىيە، باشقارما دەرىجىلىك ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى دەرىجىلىك كادىرلار سانى ئالدىنقى  يىلدىكىدىن %51 كۆپ بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ۋىلايەت، نازارەت دەرىجىلىك كادىر %123 ،  ناھىيە باشقارما دەرىجىلىك كادىر %45 كۆپەيگەن.

     ئالدىنقى 11 ئايدا مەملىكەت بويىچە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغان  ناھىيە، باشقارما دەرىجىلىكتىن يۇقىرى كادىرلار بىر تەرەپ قىلىنغان كادىرلار  ئومۇمىي سانىنىڭ %9.9نى ئىگەللەپ، ئۆتكەن يىلدىكىدىن 6 پوئىنت ئاشتى، پارتىيە  مەمۇرىي ئىنتىزام جازاسى بېرىلگەنلەر نىسبىتى %65.9 گە يېتىپ، ئۆتكەن يىلدىكىدىن  بىر قاتلىنىپ، بارغانسېرى ئىنتىزامنى چىڭ تۇتۇش تەلىپى گەۋدىلەندى.



خەتكۈچلەر:
04-01-2016
يازغۇچى: كاككۇك
مەنبە: نۇر تورى
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
30-04-2016
«كۈندىلىك پوچتا گېزىتى»نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ۋېنېسۇئېلادىكى پەرىشتە شارقىراتمىسى دۇنيادىكى ئەڭ ھەيۋەتلىك شارقىراتما بولۇپ، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 1000 مېتىر كېلىدىكەن، ئەتراپى چوڭقۇر ھاڭ بولۇپ، ئۇ يەرگە يامىشىپ پۈتۈن مەنزىرىسىنى كۆر...
30-04-2016
    ئەنگلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى»نىڭ 28-ئاپرېلدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، دۇبەي بۇ يىل يازدا دۇنيا رېكورتىنى يارىتىدىغان بولۇپ، دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئۆي ئىچى تېما قىلىنغان باغچا - IMG تەۋەككۈلچىلىك دۇنياسى (IMG Worlds of A...
29-04-2016
     سىز پەقەت 30 مىنۇت ۋاقىت سەرىپ قىلىپلا شەھەرنىڭ ئۇ چىتىدىن بۇ چىتىگە بېرىپ بولۇشنى پەرەز قىلالامسىز؟ شەھەر كۆلۈمى ئۈزلۈكسىز كېڭىيىۋاتقان بۇ دەۋىردە بۇنداق قىلىش قۇرۇق خام خىيالدەكلا تۇيىلىدۇ. ئەمما ئاۋسترالىيەلىكل...
29-04-2016
     2016-يىلى 4-ئاينىڭ 28-كۈنى، خېنەن ئۆلكىسى لوياڭ شەھىرى مەلۇم ئارشاڭ ساياھەت مەنزىرە رايونىدىكى نۇرغۇن ئارشاڭ كۆلچەكلىرىدە ئالما، ئاپېلسىن، لىمون، تەرخەمەك قاتارلىق مېۋە-چېۋە ۋە كۆكتاتلار چىلاپ قويۇلغانىدى. ...
29-04-2016
    شىنخۇا تورى خەۋىرى: «1-ماي ئەمگەكچىلەر بايرىمى» يېتىپ كېلىش ئالدىدا، فوتوگراف بوشلۇقتىن شىشۇاڭبەننانىڭ بايراملىق ياسانغان گۈزەل ھۆسنىنى سۈرەتكە تارتىپ، كىشىلەرنى ئوخشىمىغان نۇقتىدىن گۈزەل مەنزىرىلەرنى تاماشا قىلىشقا تەك...
29-04-2016
     2016-يىلى 26-ئاپرېل خەۋىرى. بۇ بىر يۈرۈش سۈرەت بىزگە تۇمان ئارسىدىكى دۇبەينى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. چىراق مەنزىرىسى، بۇلۇتلار ئىچىدىكى ئاسمان پەلەك ئىمارەتلەر.... پورتتىن جۇمىرا ئارىلىغىچە بولغان گۈزەل مەنزىرىلەر كىشىگە ئۆز...
28-04-2016
    بۇ يىل ئىچكىرىدىن شىنجاڭغا كەلگەن ساياھەتچىلەر كۆرۈنەرلىك ئاشتى. ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت ئىدارىسى تەشۋىقات مەركىزىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، 3-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 4-ئاينىڭ 27-كۈنىگىچە شىنجاڭ كۈتىۋالغان ئىچكىرى ...
28-04-2016
    ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننى مۇلازىم ئورنىدا ئىشلىتىپ، خېرىدارلارغا تاماق تىزىملاش كىنولاردىكى كۆرۈنۈش ئەمەس بەلكى گوللاندىيەدىكى بىر ئۇنىۋېرسىتېت قەھۋەخانىسىدىكى ھەقىقىي كۆرۈنۈش. ئاۋسترالىيە رادىيو شىركىتىنىڭ خەۋىرىگە ...
27-04-2016
     شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 4-ئاينىڭ 27-كۈنى، ياپونىيە توكيو، ياپونىيە پادىشاھ ئائىلىسى ئاكاساكا ئوردىسىنىڭ باغچىسىدا ئەتىيازلىق باغچا كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى.
27-04-2016
    دۆلەتلىك جەنۇبىي دېڭىز مۇزىيى پىلانىدا بۇ يىل 10- ئايدا ئومۇمىي گەۋدە قۇرۇلۇشى تاماملىنىپ، 12- ئايدا كۆرگەزمە بويۇملىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش تامالىنىپ، 2017- يىلى دەسلەپكى قەدەمدە سىرىتقا ئېچىۋېتىلىدۇ. بۇ مۇزىي پۈتكەندىن كې...
Powered by Leglek