گېرمانىيە ھۆكۈمىتى مۇساپىرلارنىڭ جىنايىتىنى يوشۇرۇۋاتىدۇ

      شياڭگاڭ تاراتقۇلىرى: گېرمانىيە مۇساپىرلار مەسىلىسىگە قارىتا«پەقەتلا خۇش خەۋەرنى تارقىتىدۇ، شۇم خەۋەرنى تارقاتمايدۇ»، دېدى. 

      گېرمانىيەنىڭ كولوندا يېڭى يىللىق تەبرىكلەش پائالىيىتى مەزگىلىدە، نەچچە ئون ئايال ئاياغ ئاستى قىلىندى. خەلقئارا جەمئىيەت بۇ ۋەقەدىن قاتتىق ھەيران قالدى ھەمدە بىر قانچە كۈندىن بۇيان يەرلىك دائىرىلەر ۋە تاراتقۇلارنىڭ مۇشۇنداق ئېغىر جىنايەتنى يوقنىڭ ئورنىدا خەۋەر قىلغانلىقىدىن گۇمان قىلدى. شياڭگاڭ «ئەدەبىي توپلام گېزىتى»نىڭ 6-يانۋاردىكى ئوبزورىدا، بۇ ئىشىنىڭ سەۋەبى مۇنداق چۈشەندۈرۈلگەن: «2015-يىلى ساناقسىز مۇساپىر سەل كەبى گېرمانىيەگە ئاقتى. يەرلىك دائىرىلەر ۋە تاراتقۇلار مۇساپىرلارنىڭ گېرمانىيەگە سىڭىپ كېتىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە كەمسىتىشنى يوقىتىش ئۈچۈن، تاراتقۇلاردا <خۇش خەۋەرنى تارقىتىش، شۇم خەۋەرنى تارقاتماسلىق> خاھىشى كۆرۈلگەن. بىراق ئەمەلىيەت بۇنىڭ ئەكسىچە ئىدى، ئەل ئىچىدە نارازىلىق سادالىرى كۆتۈرۈلدى، مۇساپىرلارنى ياقتۇرمايدىغان ئوڭ قانات كۈچلەر ھەيۋە قىلىشقا باشلىدى، ئىرقىي كەمسىتىش تېخىمۇ ئېغىرلاشتى».

    خەۋەردە يەنە مۇنداق دېيىلگەن: «ئاياللارنى ئاياغ ئاستى قىلىش ئوتتۇرا شەرق رايونىدا ئومۇملىشىپ كەتكەن. ئالايلۇق، مىسىرنىڭ قاھىرەدە دائىم دېگۈدەك ئاياللارنى نۆۋەتلىشىپ ئاياغ ئاستى قىلىش ۋەقەسى كۆرۈلۈپ تۇرىدۇ. ئاشۇنداق ۋەقەگە ئۇچرىغانلارنىڭ ئىچىدە كۆپلىگەن مۇخبىرلارمۇ بار، بەلكىم <ئاشۇ قالاق ئادەت> مۇساپىرلار بىلەن بىللە ياۋروپاغا كەلگەن بولۇشى مۇمكىن».

   بەزى گېرمانىيە تاراتقۇلىرى ھۆكۈمەتنى تەنقىد قىلىپ: «كېسەلنى يوشۇرساڭ ئۆلۈم ئاشكارا» دېگەن.  مەسىلەن، كولون ساقچىلىرى يېڭى يىل مەزگىلىدە ئاياللارنىڭ نومۇسىغا تەگكەنلەرنى قولغا ئالغاندا، دېلونىڭ ئەھۋالىنى ئاشكارىلاشنى رەت قىلغان. ھۆكۈمەت تەرەپ تاراتقۇلىرىنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە تورىدا مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەرنى ئاشكارىلىشى خەلقىنىڭ نەپرىتىنى قوزغايدىغان بولغاچقا، مۇساپىرلارغا مۇناسىۋەتلىك سەلبىي خەۋەرلەر ئاشكارىلانمىغان.

     ئەمەلىيەتتە، يېقىندىن بۇيان گېرمانىيەدە مۇساپىرلارغا چېتىشلىق ئاياللارنىڭ نومۇسىغا تېگىش دېلوسىنىڭ سانى ئۈزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرۈلمەكتە. مەسىلەن بۇلتۇر 11-ئايدا باۋارىيە شىتاتىغا جايلاشقان بىر كۇلۇب ئايال خېرىدارلارنىڭ نومۇسىغا تېگىش توغرىسىدىكى ئەرز تاپشۇرۇۋالغاچقا، مۇساپىرلارغا مۇلازىمەت قىلىشنى رەت قىلغان؛ بادىن فوتبا ئىشتاتىدىكى بىر دوختۇرخانا قوغدىغۇچى تەكلىپ قىلىپ، دوختۇرخانىدىكى سېسترالارنى مۇساپىرلارنىڭ ئاياغ ئاستى قىلىشىدىن ساقلىماقچى بولغان. ئۇنىڭدىن باشقا ئىككى شىتاتتىكى مۇساپىرلار لاگېرىدا ساقلىنىۋاتقان نومۇسىغا تېگىش جىنايىتى ئاشكارىلانغان. مەسىلەن، ئاياللار ئىپپىتىنى سېتىشقا مەجبۇرلانغان. بىراق يەرلىك دائىرىلەر ۋە ساقچىلار بۇ ئىشنى كۆرمەسكە سېلىۋالغان، ھەتتا بۇ ئىشنى قەستەن يوشۇرغان. گېرمانىيەدىكى ئاساسلىق تاراتقۇلارمۇ بۇنداق سەلبىي خەۋەرلەرنى ئاندا - ساندا خەۋەر قىلىپ قويغان. نەتىجىدە بۇ ئىش چېكىدىن ئاشقان ئوڭ قانات گۇرۇھىنىڭ ئىسيان كۆتۈرۈشىگە باھانە بولغان.

    ئوبزورچىلار: گېرمانىيە ئىزچىل ساپا ئارقىلىق كىشىلەرنى ئىدارە قىلىش ياخشى دەپ كەلگەن بولسىمۇ، بىراق يەرلىك دائىرىلەر مۇساپىرلارغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلالمىسا، مۇساپىرلارنى كەمسىتىش ۋەزىيەتىنى كەسكىنلەشتۈرۈۋېتىپلا قالماي، گېرمانىيە خەلقىنىڭ ساقچىلارغا بولغان ئىشەنچىسى يوقىلىدۇ. ئىجتىمائىي مۇقىملىق داۋالغۇپ، ئاقىۋىتىنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدۇ، دېگەن. بەزى تاراتقۇلار ھەتتا گېرمانىيەنى نورۋېگىيەدىن ئۆگىنىشكە، مۇساپىرلار گېرمانىيەگە كەلگەندىن كېيىن مۇساپىرلارغا شۇ جاينىڭ ئەقەللىي قائىدىسىنى ۋە ئاساسىي قانۇنىنى، ئەخلاق قارىشىنى ئۆگىتىشكە مۇراجىئەت قىلغان. ئۇلار يەنە: «ئاياللارنى ھۆرمەتلەش، ئاياللارنى ئاياغ ئاستى قىلىشنىڭ قانۇنغا خىلاپ ئىكەنلىكىنى مۇساپىرلارغا بىلدۈرۈش كېرەك. بۇ مۇساپىرلارنىڭ جەمئىيەتكە ھەقىقىي تۈردە سىڭىپ كېتىشىگە ياردەم قىلىدىغان بىردىنبىر ئۇسۇل» دېگەن.



خەتكۈچلەر:
07-01-2016
يازغۇچى: كاككۇك
مەنبە: نۇر تورى
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
05-05-2016
    شۇ جاي ۋاقتى 2016-يىلى 4-ماي، ئىيوردانىيە پايتەختى ئامماننىڭ شەرقىي قىسمىدىكى Hadalat رايونى، زور بىر تۈركۈم سۈرىيە مۇساپىرلىرى ئىيوردانىيە-سۈرىيە چېگرىسىدا ئىيوردانىيەگە كىرىشنى كۈتمەكتە. ئىئوردانىيە چېگرا مۇھاپىزەت ئەترىت...
05-05-2016
    فىرانسىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە: ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ 2-ماي ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتىدىن ئايان بولۇشىچە، 2015- يىلى قۇرامىغا يەتمىگەن 90 مىڭ مۇساپىر ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئ...
05-05-2016
    5-ئاينىڭ 3-كۈنى، ئامېرىكىنىڭ پايتەختى ۋاشىنگىتوندىكى ئاق سارايدا، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما (ئوڭدىن 1-كىشى) بىلەن جاخانا خايېس (ئوڭدىن 2-كىشى) ئامېرىكىنىڭ يىللىق ئوقۇتقۇچى مۇكاپاتىنى تارقىتىش مۇراسىمىغا قاتناشتى. شۇ كۈنى...
05-05-2016
    بۇ بىر نەچچە كۈندىن بۇيان، سۈرىيەدىكى توقۇنۇشۇۋاتقان ھەر قايسى تەرەپلەر شىمالىي قىسمىدىكى قورغان ئالېپپودا كەسكىن توقۇنۇشۇپ، ئۇرۇش توختىغىلى ئەمدىلا 10 ھەپتىدەك بولغان ۋەزىيەت ھالاكەتكە يۈزلەندى، جۇڭگونى ئۆز ئىچىگە ئال...
05-05-2016
    4- ماي كۈنى بولسا جۇڭگونىڭ ياشلار بايرىمى. ياشلىق دېگەن نېمە؟ گوۋۇيۈەن« دۆلەتلىك يىللىق بايراملار ۋە خاتىرە كۈنلىرى چارىسى» بويىچە ياشلار بايرىمىلىق دەم ئېلىشقا ماس كېلىدىغان كىشىلەر توپى بولسا 14 ياشتىن 28 ياشقىچە بول...
05-05-2016
    20 ياشتىن ئاشقان كورىيەلىك ياشلارنىڭ ھەممىسى ئۆز دۆلىتىنى «دوزاخ كەبى دۆلەت» دەپ قارايدۇ، جەمئىيەت ئەھۋالى ئارزۇ-ئۈمىدكە تولغان ئۇلارنى كەلگۈسىدە قايسى دۆلەتتە تۇرمۇش كەچۈرسە ئەڭ ياخشى بولىدىغانلىقى توغرىسىدا ئويغا...
04-05-2016
     5-ئاينىڭ 3-كۈنى، كىشىلەر ئېرۇسالىمدىكى بىن دېيۋىد سوراق قىلىنغان سوت مەھكىمىسى سىرتىدا تۇرۇپ ئېتىراز بىلدۈردى. 3-ماي، ئېرۇسالىم رايونلۇق سوت مەھكىمىسى 2014-يىلى شەرقىي ئېرۇسالىمدا پەلەستىنلىك ئۆسمۈر خۇدايىرنى قەس...
04-05-2016
    جۇڭگو ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ 4-مايدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، تۈركىيە ھەربىي دائىرىلىرى يېقىندا ئىراق ۋە سۈرىيەدىكى قوراللىق ئۇنسۇرلارغا ھۇجۇم قىلغان بولۇپ، بۇ قېتىملىق ھەربىي ھەرىكەتتە نەچچە ئونلىغان كىشى ھاياتىدىن ئايرى...
04-05-2016
    شۇ جاي ۋاقتى 2016-يىلى 3-مارت، ئىسرائىلىيە تېلئاۋېف، خەلق ئاممىسى ئوتتۇرا دېڭىزدا لەگلەك بىلەن دولقۇن تېيىلىش پائالىيىتىگە قاتناشتى.
04-05-2016
    ئەنگىلىيە رادىئو شىركىتىنىڭ 5- ئاينىڭ 4- كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىسپانىيە پادىشاھى فىلىپ-6 پەرمانغا ئىمزا قويۇپ، تۆت ئاساسلىق سىياسى پارتىيە ئارىسىدىكى قاتمال سىياسى مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، پارلامېنتنى تارقىتىۋ...
Powered by Leglek