ئۈرۈمچى شەھىرىدە 2016- يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا تىزىملاتقان ئوقۇغۇچى 248 مىڭ 560 قا يەتكەن بولۇپ، بۇ سان 2014- يىلى ئەمەلىي ئىمتاھانغا قاتناشقانلار سانىدىن 996 ئادەم ئاز ئىكەن.
مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، نۆۋەتتە ئۈرۈمچى شەھىرىدە 2016- يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا تىزىملاتقانلارنىڭ سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈش خىزمىتى ئوڭۇشلۇق قانات يايدۇرلىۋاتقان بولۇپ، جەمئىي 24 مىڭ 800 ئوقۇغۇچى دەسلەپكى قەدەمدىكى تەكشۈرۈشتىن ئۆتكەن. بۇنىڭ ئىچىدە يەنىمۇ ئىنچىكىلەپ تەكشۈرۈشنى قوبۇل قىلىۋاتقان كىشى 933 ئىكەن.
بۇ يىل شىنجاڭنىڭ باشقا جايدا ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىشنى يولغا قويغىنىغا ئۈچ يىل بولغان بولۇپ، تەكشۈرۈشنى ساقلاۋاتقان باشقا جايدىكى ئىمتىھانغا تىزىملاتقۇچى 933 بولغان، بۇ ئۈچ يىلدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيە ئىكەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved