24-نويابىر ئۈرۈمچى شەھەر ئاھالىسى لۇ خانىم مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: « بۈگۈن بالامنى ئېلىپ پەن-تېخنىكا سارىيىغا كېلىپ، بۇرۇن كۆرۈپ باقمىغان نۇرغۇن يېڭى نەرسىلەرنى كۆردۇم، بالام ئۇلارنى كۆرۈپ ھەممىنى ئۇنتۇپلا كەتتى». مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ پەن-تېخنىكا سارىيىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ ساراي تېخىمۇ كۆپ كۆرۈرمەن جەلپ قىلىش ئۈچۈن، كۆرگەزمە رايونىدىكى كۆرگەزمە بۇيۇملىرىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، يەتتە كۆرگەزمە رايونىنى ئۆزگەرتىپ ياسىغان ۋە 93 كۆرگەزمە بۇيۇمىنى يېڭىلىغان.
تونۇشتۇرۇلۇشىچە، شىنجاڭ پەن-تېخنىكا سارىيى 2015-يىلنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا كۆرگەزمە رايونىنى داۋاملىق ئۆزگەرتىپ ياساپ، يۇقىرى پەن-تېخنىكىلىق كۆرگەزمە بۇيۇملىرىنى كىرگۈزگەن. بۇ كۆرگەزمە بۇيۇملار كۆرگەزمە زالىنىڭ 1-قەۋىتىدىن 4-قەۋىتىگىچە ئورۇنلاشتۇرۇلغان. يېڭى كۆرگەزمە بۇيۇملىرى خىيالىي مۇسابىقە ئاپتوموبىلى، قول سايىسى كارتونلىرى، نۇر ئارقىلىق تىزگىنلىنىدىغان ئايروپىلان، خەلق ئاۋىياتسىيەسى ئۇچۇش سىمۇلياتورى، كەلگۈسىدىكى ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئولتۇراق ئۆي، ئەينەك سىرلىق ئوردا، ھەرىكەتتىكى ئىككىلىك كود، ئاجايىپ بەدەن قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. سىز شىنجاڭ پەن-تېخنىكا سارىيىنىڭ كۆرگەزمە بۇيۇملىرىدىن ئاساسىي پەنلەردىكى ئاددى قائىدىلەردىن تارتىپ ئەمەلىي تۇرمۇشتىكى ھەقىقىي قوللىنىشقىچە بولغان ھەممىنى كۆرەلەيسىز، ئاڭلىيالايسىز ھەمدە ھېس قىلالايسىز.
شىنجاڭ پەن –تېخنىكا سارىيى خىزمەتچى خادىمىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىيالىي مۇسابىقە ئاپتوموبىلى شىنجاڭ پەن-تېخنىكا سارىيى كىرگۈزگەن تۇنجى كۆرگەزمە بۇيۇمى بولۇپ، ئورنىتىپ سىناق قىلىنغاندىن كېيىن ئاممىنىڭ سىناپ بېقىشىغا ئېچىۋېتىلىپ، نۇرغۇن ياش– ئۆسمۈرلەرنى جەلپ قىلغان. بۇنىڭدىن كېيىن، شىنجاڭ پەن-تېخنىكا سارىيى 2016-يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا باشقا يېڭى كۆرگەزمە بۇيۇملارنىڭ ھەممىسىنى ئورنىتىش ۋە سىناق قىلىشنى تاماملاپ، ئاممىغا ئېچىۋېتىشكە كاپالەتلىك قىلىدىكەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved