پۇتبول تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى
بېيجىڭ ۋاقتى 2-ئاينىڭ 25-كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 17:30 ئۆتكەندە ئاسىيا ئۇزغۇنلۇقىنى تالىشىش بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ G گۇرۇپپىدىكى تۇنجى مەيدان مۇسابىقىسى ئاۋستىرالىيە برىسباننىڭ توئىپ توپ مەيدانىدا ئېلىپ بېرىلدى. بېيجىڭ گوئەن كۇلۇبى مېھمان مەيداندا ئاۋستىرالىيە برىسبان كۇلۇبى بىلەن مۇسابىقىگە چۈشتى. ئاخىرىدا بېيجىڭ گوئەن كۇلۇبىدىن شاۋ جىيايى نىڭ قىرغىن توپ كىرگۈزۈشى بىلەن گوئەن كۇلۇبى مېھمان مەيداندا 1-0 نەتىجىدە بۇ پەسىللىك ئاسىيا ئۇزغۇنلۇقىنى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسىدىكى تۇنجى مەيدان غەلبىسىنى قولغا كەلتۈردى.
90 مىنۇت بەلگىلەنگەن ۋاقىت ئىچىدە ھېچقايسى كوماندا توپ كىرگۈزەلمىدى. قۇشۇپ بېرىلگەن ۋاقىتتا يەنى 91 مىنۇت بولغاندا زاپاس ئەزا سۈپىتىدە مەيدانغا چىققان توپچى شاۋ جىيايى ئىختىيارى توپ ئارقىلىق بىۋاستە بىر توپ كىرگۈزۈپ گوئەن كۇلۇبى ئۈچۈن غەلبىنى قولغا كەلتۈردى.
بېيجىڭ گوئەن كۇلۇبىدىن ئاساسلىق ئەزا سۈپىتىدە مەيدانغا چىققان توپچىلار:
12-خوۋ سېن
31-جاۋ خې جىڭ
13-شۈ يۈنلوڭ ( 84 مىنۇت بولغاندا يۈ داباۋ ئورنىغا چىقتى.)
18-لاڭ جېڭ
4-جوۋ تىڭ.
8-پىياۋ چېڭ ( 82 مىنۇت بولغاندا لى يۈن چىيۇ ئورنىغا چىقتى.)
6-جاڭ شىياۋ بىن.
17-باتالا ( 90 مىنۇت بولغاندا شاۋ جىيايە ئورنىغا چىقتى ۋە بىر مىنۇتتىن كېيىن قىرغىن توپى كىركۈزۈپ غەلبىنى قولغا كەلتۈردى.)
28-جاڭ چېڭدوڭ.
21-فەيزۇلا
10-دېجان.
برىسبان كۇلۇبىدىن ئاساسلىق ئەزا سۈپىتىدە مەيدانغا چىققان توپچىلار:
1-تىئو
3-سىتفانۇت
13-نوس
19-سىنگېلت
33-دوۋىرىي
4-ساروتا
17-ماسىيۇ مايك
18-بىلاتىن
22-بىرويىس
9-كارىدىروۋىچ
28-بورىلو.
![]() |
چىلىنىڭ كوكىمبو چوڭ رايونىدىكى پاراشوت بىلەن سەكرەش ھەۋەسكارى سېباستىيان ئالۋارېز بىر ئۇچقاندەك كېتىۋاتقان يۈك ئاپتوموبىلىدىن پاراشوت بىلەن سەكرىگەن.
|
![]() |
نۇر تورى تەرجىمىسى:
ئىسپانىيەلىك چولپان توررېس يېقىندا تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا 2012-يىلىدىكى ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنى ئەسلەپ، ناھايىتى گۈزەل ئەسلىمە، دېگەن.
...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved