موماي تۆت ياشلىق نەۋرىسىنى قۇتقۇزىمەن دەپ ھاياتىدىن ئايرىلدى

      تۈنۈگۈن كەچ، مۇخبىر بىر تاشقى كېسەللىكلەر دوختۇرى ئەۋەتكەن ئۇچۇرنىڭ ئۈندىدار دوستلار چەمبىرىكىدە غۇلغۇلا قوزغىۋەتكەنلىكىنى كۆرگەن. ۋۇخەندىكى بىر دوختۇرخانىنىڭ دوختۇرى مۇنداق دەپ يازغان: «ئۆتكەن يىلى 12-ئاينىڭ 27-كۈنى، تۆت ياشلىق قىز بىلەن ئۇنىڭ مومىسىنى، بىر باكلىق سېمونت ئاپتوموبىلى سوقۇۋەتكەن، مومىسى ئۇنى قۇتقۇزىمەن دەپ بەختسىزلىككە ئۇچرىغان. قىزنىڭ سول تەرەپ تۆۋەن قىسمى ئاپتوموبىل چاقى تەرپىدىن بېسىپ يانجىلىپ، داس سۆڭىكى پارچىلىنىپ، پۇت سۆڭىكى سىرتىغا چىقىپ قالغان بولۇپ، ئەھۋالى ئىنتايىن ئىچىنىشلىق».

     دوختۇر مۇنداق دېگەن، بۇنداق ئېغىر تاشقى كېسەللىكلەر يارىسى بىمارلىرىنىڭ ئىچىدە، پۈتۈن دۇنيادا ئاران 50 نەچچىسىلا ھايات قالغان بولۇپ، بۇ قىز يېشى ئەڭ كىچىك يارىدار ھېسابلىنىدۇ. ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن، سىرتىغا چىقىپ قالغان ئۈچەي يولى قاتارلىق ئىچكى ئەزالىرىنى تېرىسى ئوراپ تۇرالىشى كېرەك، بۇنىڭغا تەخمىنەن ئىككى ئايدىن كۆپرەك ۋاقىت ۋە ئون نەچچە قىتىملىق ئوپېراتسىيە قىلىشقا توغرا كېلىدۇ.

     ۋەقە تۇغدۇرغان شوپۇرنىڭ ھەيدىگىنى سۇغۇرتىلانمىغان نىمكەش ئاپتوموبىل بولۇپ، شوپۇر قولغا ئېلىنغان كېيىن، پۇل تۆلىيەلمەيدىغانلىقىنى ھەمدە تۆلەپ تۇرىدىغان پۇلىنىڭمۇ يوق ئىكەنلىكىنى ئېيتقان.

     قىزنىڭ ئاتا-ئانىسى ئادەتتىكى ئىشلەمچى بولۇپ، دەسلەپكى مەزگىلدىكى داۋالاشلارغا تەخمىنەن 200 مىڭ يۈەن خەجلىگەن. بۇ پۇللارنى ئۇرۇق-تۇغقان ۋە دوست-بۇرادەرلىرىدىن قەرز ئالغان، ئۇلار قىزىنىڭ ئۆلۈپ كەتكەن مومىسى ئۈچۈن چىداملىق بولۇشىنى، ھەمدە ئۆزلىرىنىڭمۇ ھەرگىز ۋاز كەچمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

     شۇ كۈنى، تاشقى كېسەللىكلەر دوختۇرى ئۈندىدار دوستلار چەمبىرىكىدە كىشىلەرنى ئىئانە قىلىشقا چاقىرغان. قىسقىغىنە 6 سائەت ئىچىدە، 4700 دىن كۆپرەك تورداش 300 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق پۇل ئىئانە قىلغان ۋە قىزنى غەيرەت قىلىشقا چاقىرغان.

     تۈنۈگۈن كەچ مۇخبىر پۇل ئىئانە قىلماقچى بولغاندا، ئىئانىنىڭ جۇغلىنىپ بولغانلىقىنى، ئىئانە قىلىشنىڭ ئاللىبۇرۇن ئاخىرلاشقانلىقىنى بايقىغان.  

     مۇخبىر قىزنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىدىن داۋاملىق خەۋەردار بولۇپ تۇرۇش ئۈچۈن ، بۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن دوختۇرخانىغا يېتىپ كەلگەن بولۇپ، ھازىر قىزنىڭ ئائىلىسىدىكىلىرىنى ۋە دوختۇرنى زىيارەت قىلماقتا.



خەتكۈچلەر:
18-01-2016
يازغۇچى: كاككۇك
مەنبە: نۇر تورى
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
30-04-2016
    ئەمدىلا ئۆتۈپ كەتكەن بىر ھەپتىدە، جۇڭگونىڭ جامائەت پىكرى سورۇنىدا بولۇپمۇ ئالاقە تورىدا بىر يېڭى تېما كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى، ئۇ بولسىمۇ  «تور ئارقىلىق ئاممىۋى لۇشيەندە مېڭىش». جۇڭگو پۇقرالىرى ...
30-04-2016
   4-ئاينىڭ 30-كۈنى، «1- ماي» ئەمگەكچىلەر بايرىمى ھارپىسىدا، خۇنەننىڭ جاڭجياجيېدىكى باۋفېڭ كۆلىنىڭ تېگىنى تازىلىغۇچى گاۋجيەن كۆلنى تازىلاۋاتىدۇ. ئىگىلىنىشىچە، باۋفېڭ كۆلىنىڭ چوڭقۇرلۇقى 10 مېتىردىن 100 مېتىرغىچە كېلىدىغان بو...
30-04-2016
     چەتئەل تاراتقۇسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تۈركىيە ئىستانبۇلدىكى بىر بانكا 27-ئاپرېل بۇلاڭچىلىققا ئۇچرىغان، قورال كۆتۈرىۋالغان بۇلاڭچى زور مىقداردىكى نەق پۇلنى بۇلىغاندىن كېيىن ئۆگزىگە چىقىپ پۇللارنى كوچىغا چېچىۋەتك...
30-04-2016
    ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز مۇھەممەتجان روزى خەۋىرى، فوتوسى: پوسكام ناھىيەلىك ئىتتىپاق كومىتېتى 28-ئاپرېل ئايكۆل يېزا ئۇشتۇرما كەنتىدە «ياشلىق باھارىنى ئۇرغىتىپ، گۈزەل ئارزۇلارنى قاناتلاندۇرايلى» تېمسىدا قوش تىلدا ناخشا ئې...
30-04-2016
     ئامېرىكا «ۋاشىنگىتون كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 30-چېسلا خەۋەر قىلىشىچە، ئاۋستىرالىيە پات يېقىندا تۇنجى لېگو دۇكىنى (Lego Shop) نى كۈۋىنىسلەند چۈش دۇنياسى (Queensland Dream World) ئىچىگە ئورۇنلاشتۇرغان بولۇپ، مەخس...
30-04-2016
ئامېرىكا «ۋاشىنگىتون كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 30-چېسلا خەۋەر قىلىشىچە، تايلاندتا يەتتە ياشقا كىرگەن تۇتاش تەنلىك بىر جۈپ ئاچا-سىڭىل بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ يول يۈرۈشى، كىيىم كىيىشى، ۋېلىسپىت مىنىشى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى بىرلىكتە ئېلىپ...
30-04-2016
    ئاپتونوم رايون 26-ئاپرېل چۈشتىن بۇرۇن ئۈرۈمچىدە «1-ماي» خەلقئارا ئەمگەكچىلەر بايرىمىنى تەبرىكلەش ھەم ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى ۋە ئىلغار خىزمەتچىلەرنى تەقدىرلەش يىغىنى ئاچتى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى...
30-04-2016
     سەنشى شياڭنىڭنىڭ شۈجيادو يېزىسىدىكى 36 ياشلىق دوختۇر خې شىڭلوڭ  16 يىلدىن بېرى خىزمەت ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ ئىشلەپ كەلگەن. ئۇ 24 سائەت ئىشىك ئالدىغا بېرىپ مۇلازىمەت قىلىغان بولۇپ، ئىلگىرى نۇرغۇن قېتىم تاغ-داۋانلاردىن...
29-04-2016
     شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 28-ئاپرېل تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 28-ئاپرېل ‹‹خەلق›› سارىيىدا رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى لاۋروف بىلەن كۆرۈشتى. شى جىنپىڭ لاۋروفتىن زۇڭتۇڭ پۇتىنغا سەمىمىي سالام ۋە...
29-04-2016
    شۇ جاي ۋاقتى 2016-يىلى 29-ئاپرېل، چاۋشيەن پىيوڭياڭ، ئامېرىكا تەۋەلىكىدىكى كورىيەلىك جىن دوڭجې سوت قىلىندى. 29-ئاپرېل، چاۋشيەن ئالىي سوت مەھكىمىسى دۆلەتنى ئاغدۇرۇش سۈيقەستىدە بولۇش جىنايىتى ۋە جاسۇسلۇق جىنايىتى بىلەن ئام...
Powered by Leglek