ماناس ناھىيەسىدە 2000 يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە قەدىمىي قەبرىستانلىق بايقالدى

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىي يادىكارلىق ئارخېئولوگىيە تەتقىقات ئورنىنىڭ خادىمى داڭ جىخاۋ قەدىمىي قەبرىنى قازماقتا
ماناس ناھىيە باۋجياديەن بازىرى خېيلياڭۋەن كەنتىدە بۇنىڭدىن 2000 يىللار ئىلگىرىكى ئۇرۇشقاق بەگلىكلەر دەۋرىگە مەنسۇپ قەدىمىي قەبرىستانلىق بايقالغان، بۇ قەبرىستانلىقنىڭ بايقىلىشى ماناس، ھەتتا شىمالىي شىنجاڭنىڭ ئۇرۇشقاق بەگلىكلەر دەۋرىدىن چىن، خەن سۇلالىرى دەۋرىگىچە بولغان مەزگىلدىكى ئارخېئولوگىيە مەدەنىيىتىنى تەتقىق قىلىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
بۇ يىل باھاردا، ماناس ناھىيەلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىدارىسى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش جەريانىدا، خېيلياڭۋەن رايونىدىكى بىر قەدىمىي قەبرىستانلىقنىڭ ئوغرىلىقچە قېزىلىۋاتقانلىقىنى بايقىغان ھەمدە دەرھال شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىدارىسىگە دوكلات قىلغان. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىدارىسى ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئارخېئولوگىيە تەتقىقات ئورنىغا خېيلياڭۋەن قەدىمىي قەبرىستانلىقىنى قۇتقۇزۇش خاراكتېرلىك قېزىشنى ھاۋالە قىلغان.
2015-يىلى 21-مايدىن 25-مايغىچە، ئارخېئولوگىيە خىزمەتچىلىرى قەدىمىي قەبرىستانلىقنى قازغان، بۇنىڭ ئىچىدە 3-نومۇرلۇق قەبرىستانلىقتىن ئىككى ئادەم بىرگە دەپنە قىلىنغان بىر قەبرىنى بايقىغان ھەمدە ئىككى دانە ساپال ئىستاكان ۋە بىر دانە چاسا شەكىللىك ساپال تەخسە قېزىۋېلىنغان، ئىككى دانە ساپال ئىستاكاننىڭ ئېگىزلىكى 7.8 سانتىمېتىر، ئېغىزىنىڭ دىيامېتىرى 7.5 سانتىمېتىر كېلىدىكەن. بۇلارنىڭ ياسىلىشى سىپتا، سىزىقچىلىرى ئىنچىچە، ئىنتايىن قاتتىق ئىكەن. چاسا شەكىللىك ساپال تەخسىنىڭ دىيامېتىرى تەخمىنەن 20 سانتىمېتىر كېلىدىكەن، بۇ قېزىلما بۇيۇملار شىنجاڭ تارىخىنى تەتقىق قىلىشنى يېڭى ماددىي ماتېرىياللار بىلەن تەمىنلىدى.

 



خەتكۈچلەر:
27-05-2015
يازغۇچى: كاككۇك
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
27-04-2016
    يەتتە ئۆلكىدىكى داڭلىق مۇزېيلاردىن كەلتۈرۈلگەن 226 دانە نادىر مەدەنىيەت يادىكارلىقى 26-ئاپرېل شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مۇزېينىڭ 2-قەۋىتىدىكى كۆرگەزمە زالىغا ئېلىپ كېلىنىپ، «ساندۇق ئېچىپ، بىر-بىرلەپ تاپشۇرۇش...
26-04-2016
     1941-يىلى 12-ئاينىڭ 7-كۈنى، ياپونىيە ئارمىيەسى ئامېرىكىنىڭ ھاۋاي تاقىم ئاراللىرىغا جايلاشقان پىئارل خاربور پورتىغا ئوغرىلىقچە ھۇجۇم قوزغىدى، ئامېرىكىنىڭ پۈتۈن ئارالدىكى ھەربىي ئەسلىھەلىرى زور ۋەيرانچىلىققا ئۇچرىد...
25-04-2016
24-ئاپرېل، «خۇاڭگۇاڭجياۋ 1-نومۇر» ناملىق چۆكۈپ كەتكەن كېمە خارابىلىكىدىن سۈزۈۋېلىنغان تاش ھەيكەل قاتارلىقلار كۆرگەزمە قىلىندى. شۇ كۈنى، «ۋېنخەي ___ خۇاگۇاڭجياۋ 1-نومۇرلۇق چۆكۈپ كەتكەن ئالاھىدە كۆرگەزمىسى» نەنجىڭ مۇزېيىدا باشلاندى، يۈزدىن...
25-04-2016
    مۇسسۇلىن، تولۇق ئىسمى Benito Mussolini، ئۇ 1883-يىلى 7-ئاينىڭ 29-كۈنى تۇغۇلۇپ، 1945-يىلى 4-ئاينىڭ 28-كۈنى ئالەمدىن ئۆتكەن. ئىتالىيىنىڭ فېررارا ئۆلكىسىدىن، ئىتالىيە فاشىست پارتىيىسىنىڭ رەھبىرى، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىكى...
25-04-2016
     خەلقئارا لىنىيەسى خەۋىرى: شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 24-ئاپرېل، نېپالنىڭ كاتماندودا نېپال زۇڭلىسى ئولى داراخارا مۇنارى خارابىلىكىگە گۈلچەمبىرەك قويۇپ، نېپالدا يەر تەۋرىگەنلىكىنىڭ بىر يىللىقىنى خاتىرىلىدى. 2015-يىلى ...
25-04-2016
    خەلقئارا لىنىيەسى خەۋىرى: شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 24-ئاپرېل، ئىتالىيەنىڭ رىمدا كىشىلەر قەدىمكى رىم دەۋرىدىكى كىيىملەرنى كىيىپ نامايىشقا قاتنىشىپ، رىم شەھىرى بىنا قىلىنغانلىقىنىڭ 2769 يىللىقىنى خاتىرىلىدى. ...
24-04-2016
     ئەنگلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى»نىڭ 18-ئاپرېلدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىتالىيەنىڭ جەنۇبىدىكى باسلىكاتا رايونىدا دۇنياغا داڭلىق ساسىدى ماتېر غارى بار بولۇپ، 9000 يىللىق تارىخقا ئىگە بۇ غاردا ھازىرغا قەدەر كىشىلەر ...
06-02-2016
        ياڭ گۇيفېي ‹‹ماۋېي ئۆتىڭى ئۆزگىرىشى››دە ئۆلگەن، كونا-يېڭى ‹‹تاڭنامە›› لەردىكى ئوردا خاتىرىلىرى ياكى ئەل ئىچىدىكى يازما ھېكايە، توپلاملاردا، ھەتتا تاڭ، سۇڭ سۇلالىرىدىن كېيىنكىلەر يازغان شېئىر-نەزملەردە بولسۇن، ...
05-02-2016
  گىرمانلار تارتقان100يىل ئاۋالقى ئۇيغۇرلارنىڭ رەسىمى
05-02-2016
      10. كلوۋىس مەدەنىيىتى       مىلادىدىن بۇرۇنقى 11500 يىل بۇرۇن        شىمالىي ئامېرىكىغا جايلاشقان         بىز كلوۋىس مەدەنىيىتى توغرۇلۇق ئاساسە...
Powered by Leglek