ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ھەرقايسى ۋەكىللەر ئۆمەكلىرى ئۈچ دوكلاتنى قاراپ چىقتى

ئاپتونوم رايونلۇق 12 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4 – يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان ھەر قايسى ۋەكىللەر ئۆمەكلىرى 14 – يانۋار ئايرىم – ئايرىم ئومۇمىي يىغىن ۋە گۇرۇپپا يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ خىزمەت دوكلاتى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ خىزمەت دوكلاتى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتىنىڭ نىزام چىقىرىش نىزامىنىڭ تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسى(لايىھە)گە قاراپ چىقتى

  جاڭ چۈنشيەن شۇ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن قەشقەر ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى.

  زېڭ سۈن، پەرھات روزى، جاڭ جيەن، چېن شۈگۇاڭ، لى گوپىڭ، غالى راخمان، ئامانگۈل يۈسۈپ، ئىمىگۈلسۈم رەخمىتۇللا، يىن يۈلىن، ئابدۇقېيۇم مەمەت، رەپقەت نۇرئەخمەت قاتارلىق 11 ۋەكىل يىغىننىڭ كۈنتەرتىپى بويىچە 13 – بەش يىللىق يىرىك پىلان، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى ساقلاش، ‹‹ئۈچ قوشۇن›› قۇرۇلۇشى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش، ئوقۇش – ئوقۇتۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، نىزام چىقىرىش خىزمىتى، ئاساسىي قاتلام سەھىيە مۇلازىمىتى قاتارلىق تېمىلاردا ئىلگىرى – كېيىن پىكىر بايان قىلدى. كۆپچىلىك مۇنۇلارنى بىلدۈردى: 2015 – يىلى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مەركىزىي خىزمىتىنى زىچ چۆرىدىگەن ھالدا، ئومۇمىيەتكە مۇلازىمەت قىلىپ، تۈرلۈك خىزمەتلەردە يېڭى ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈردى. بۇ يىل ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ پارتىيەنىڭ قارار، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى داۋاملىق گەۋدىلەندۈرۈپ ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.


  جاڭ چۈنشيەن قاراپ چىقىشقا قاتناشقاندا مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتىدا پارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش، خەلقنىڭ ئۆز ئىشىغا ئۆزى خوجا بولۇشى بىلەن دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ ئورگانىك بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇش گەۋدىلىك ئىپادىلىنىپ، خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ بىر يىلدىن بۇيان ۋەزىپىسىنى ئەستايىدىل ئادا قىلغانلىقىغا ئائىت ھەر قايسى جەھەتلەردىكى ئەھۋاللار چىن ئەكس ئەتتۈرۈلۈپتۇ؛ ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ خىزمەتلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈرىدۇ.

  جاڭ چۈنشيەن مۇنداق تەكىتلىدى: قەشقەر ۋىلايىتى بەش چوڭ تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ‹‹ئۈچتە يېتەكلەش››تە چىڭ تۇرۇپ، كۆزلەش نۇقتىسى، كۈچەش نۇقتىسى ۋە باش نىشاننى زىچ چۆرىدەپ، شىنجاڭنىڭ بۆلگۈنچىلىككە قارشى كۈرىشىنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىكلىكى، مۇرەككەپلىكى، ئۆتكۈرلۈكىنى باشتىن ئاياغ سەگەكلىك بىلەن تونۇپ، مۇقىملىقنىڭ تارىنى ھەر ۋاقىت چىڭىتىپ، ئىدىيەدە قىلچىلىكمۇ تەۋرەنمەسلىكى ۋە بوشاشماسلىقى؛ ‹‹ئۈچ ئەل›› پائالىيىتىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مۇقىملىق ئاساسىنى پۇختىلاپ، ‹‹ئىككىدە تەۋرەنمەسلىك››نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، قەشقەرنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقىنى ھەقىقىي ساقلىشى كېرەك.

  جاڭ چۈنشيەن مۇنداق كۆرسەتتى: ‹‹ئۈچتە تەلەپچان، ئۈچتە راستچىل بولۇش›› روھى بويىچە ئىستىل قۇرۇلۇشىنى چىڭ تۇتۇش كېرەك؛ يېڭى نورمال ھالەتكە ماسلىشىپ، يېڭى قىياپەتنى نامايان قىلىپ، تۈزەش سىستېمىسى ۋە تۈزەش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، خىزمەتتە يېڭى سەۋىيە، يېڭى ئىقتىدار يارىتىش كېرەك؛ ھەر مىللەت خەلقنى قىزغىن سۆيۈپ، ئەلرايىغا تولۇق ھۆرمەت قىلىپ، ئامما كۆڭۈل بۆلگەن مەسىلىلەرنى ياخشى ھەل قىلىپ، ئىستىل قۇرۇلۇشىنى ئىنچىكە ئىشلارغىچە، كىچىك ئىشلارغىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.

  جاڭ چۈنشيەن مۇنداق كۆرسەتتى: ھەممەيلەن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى نەمۇنىچىلەردىن بولۇشى كېرەك. ئاپتونوم رايوننىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەرەققىياتى خىزمىتى نىزامىنى ياخشى ئىجرا قىلىپ، ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەمەلىيىتىمىزدە كۆرسىتىپ، ئۇسۇلدا يېڭىلىق يارىتىپ، ئۆزئارا زوقلىنىش، پەرققە ھۆرمەت قىلىش، كۆپ خىللىقنى قوبۇل قىلىشنى ھەقىقىي ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىتتىپاقلىقىنى قوغداپ، شىنجاڭنىڭ ئوبرازىنى نامايان قىلىشىمىز كېرەك. قەشقەر كونىشەھەر رايونىنى ئۆزگەرتىشنى باشلىنىش نۇقتىسى قىلىپ، مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىشىمىز، خاسلىقنى يارىتىشىمىز، خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىپ، ئارامخۇدا ياشىشىمىز كېرەك. قەشقەردىكى ھەر مىللەت كادىر – ئامما ئىشەنچنى مۇستەھكەملەپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى بىلەن ئىناق شىنجاڭ بەرپا قىلىشقا كۈچ چىقىرىشى كېرەك.

  شۆھرەت زاكىر خوتەن ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى. ئۇ مۇنداق دېدى: خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى ۋە ‹‹ئىككى مەھكىمە››نىڭ خىزمەت دوكلاتى ئوبيېكتىپ، ئەمەلىي بوپتۇ، بەش چوڭ تەرەققىيات قارىشى ۋە ‹‹يېڭى نورمال ھالەتكە ماسلىشىپ، يېڭى نەتىجىنى نامايان قىلىش››تىكى يېڭى تەلەپ گەۋدىلىنىپتۇ. شىنجاڭ بىر تاختا شاھمات، جەنۇبىي شىنجاڭ مۇھىم نۇقتا، خوتەن بولسا جەنۇبىي شىنجاڭ خىزمىتىدىكى مۇھىم ھالقا. خوتەندىكى ھەر دەرىجىلىك كادىرلارنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات، ئىجتىمائىي مۇقىملىق خىزمىتىدىكى يېڭى نورمال ھالەتكە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ماسلىشىپ، قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش قۇرۇلۇشىنى تۇتقا قىلىپ، تۈزەش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېڭى مەسئۇلىيەت ۋە يېڭى تۆھپىنى نامايان قىلىشىنى؛ ‹‹ئۈچتە تەلەپچان، ئۈچتە راستچىل بولۇش››نى باشلامچىلىق بىلەن ئىجرا قىلىپ، ‹‹ئۈچتە تەلەپچان، ئۈچتە راستچىل بولۇش›› تەلىپىنى مەركەز ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تۈرلۈك قارار، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە، ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇشتا تولۇق گەۋدىلەندۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش خىزمىتىنى پۇختا ئىشلەپ، مىللەتلەر ئىتتىپاق، جەمئىيەت مۇقىم بولغان ياخشى ۋەزىيەتنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  ۋەكىل سۇڭ رۇي مۇنداق دېدى: 2016 – يىلىدىكى خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشىدا پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكى نامايان قىلىنىپ، نىزام چىقىرىش خىزمىتى شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ يادروسى، زور مەسىلىلەر ۋە ئاۋام كۆڭۈل بۆلىدىغان قىيىن نۇقتا مەسىلىلىرى خىزمەتلەرنىڭ مۇھىم نۇقتىسى قىلىنىپ، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ خىزمەتلىرى ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرۇلۇپتۇ، بۇ دوكلاتقا قوشۇلىمەن.

  ۋەكىل غەيرەت ھەسەن مۇنداق دېدى: بۇ يىل ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ۋەكىللەرنى تەربىيەلەش خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇپ، خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ بۇرچىنى ئادا قىلىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشىنى؛ تەكلىپ، تەۋسىيەلەرنىڭ بېجىرىلىشىگە ھەيدەكچىلىك قىلىش سالمىقىنى تېخىمۇ زورايتىپ، ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە كۈچ سەرپ قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  ۋەكىل پەرھات ئىبراھىم مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى ۋە ‹‹ئىككى مەھكىمە›› نىڭ خىزمەت دوكلاتىدا يارقىن نۇقتا گەۋدىلەندۈرۈلۈپ، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش ئىدىيەسى تولۇق نامايان قىلىنىپتۇ، باشتىن – ئاخىر توغرا سىياسىي يۆنىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئومۇمىيەت قارىشى، مەسئۇلىيەت قارىشى ۋە ئاممىۋى قاراش گەۋدىلەندۈرۈلۈپتۇ، ئورۇن توغرا بېكىتىلىپ، تەدبىرلەر توغرا ئوتتۇرىغا قويۇلۇپتۇ. دوكلاتتا ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك چۆرىدىلىپ، قانۇن يۈرگۈزۈشتە خەلقنى كۆزلەش، قانۇن يۈرگۈزۈشتە ئادىل بولۇش قارىشىدا چىڭ تۇرۇلۇپ، تۈرلۈك خىزمەتلەردە يېڭى ئىلگىرىلەشلەر قولغا كەلتۈرۈلۈپ، خەلق ئاممىسىنىڭ قانۇن ئادىللىقىغا بولغان ئارزۇسى ئەكس ئەتتۈرۈلۈپتۇ.



خەتكۈچلەر:
15-01-2016
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
04-05-2016
    چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، يېقىندا فىرانسىيەدە 52 ياشلىق بىر ئايال نەنسى شەھىرىدىكى بىر چىش دوختۇرىنىڭ دوختۇرخانىسىدىن بىر پۇل قاپچۇقىنى ئوغرىلىۋالغان بولۇپ، نەرسە يوقاتقۇچى بۇ ئايال ئوغرىنىڭ ئوغرىلىق قىل...
04-05-2016
     ئەنگىلىيە رادىئو شىركىتىنىڭ 5-ئاينىڭ 3-كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، 5-ئاينىڭ 2-كۈنى، تۈركىيىدە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان پارتىيە- «ھەققانىيەت ۋە تەرەققىيات پارتىيىسى» نىڭ ئەزالىرى بىلەن كۇردپەرەس پارتىيىنىڭ ئەزالىرى...
04-05-2016
    مۇخبىرنىڭ يېقىندا جۇڭگو بانكا نازارەتچىلىكى كومىتېتىدىن ئوقۇشىچە، ھازىرغىچە، مەملىكەت بويىچە يېزا سودا بانكىسىنىڭ سانى 1000 غا يەتكەن، بېيجىڭ، تيەنجىن، شاڭخەي، چۇڭچىڭ، جياڭسۇ، ئەنخۇي، خۇبېيدىن ئىبارەت يەتتە ئۆلكە، شەھەر...
03-05-2016
    چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، رىئودى ژانېيرو ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ مەشئىلى شۇ جاي ۋاقتى 5- ئاينىڭ 3- كۈنى بىرازلىيە پايتەختىگە يەتكۈزۈلگەن. ئارقىدىنلا برازلىيەدىكى مەشىئەل يەتكۈزۈش پائالىيىتى باشلىنىپ كە...
03-05-2016
    سۇ ئۈزۈش ھەۋەسكارلىرى 2-ماي خېنەن شۈيچاڭدا ئۆتكۈزۈلگەن سۇ ئۈزۈش پائالىيتىگە قاتناشماقتا. ئىگىلىنىشىچە، شۇ كۈنلۈك پائالىيەتكە خېنەن ئۆلكىسىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن 1000دىن ئارتۇق ھەۋەسكار قاتناشقان. 1...
03-05-2016
     شۇ جاي ۋاقتى 2016-يىلى 2-ماي، ئەنگلىيە خاستىڭگىستا، كىشىلەر گۈللەر ۋە دەرەخ يوپۇرماقلىرى بىلەن ئۆزىنى يۆگىۋېلىپ «Jack-in-the-Green » نامايىشىغا قاتناشقان. تۆت كۈن داۋاملىشىدىغان بۇ پائالىيەت ھەر يىلى خاستىڭگىسنىڭ ...
03-05-2016
    ئۈرۈمچى ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى) چوڭ يېشىل جىلغا ئېكولوگىيە باغچىسى 1-مايدىن باشلاپ ساياھەتچى كۈتۈۋېلىشقا باشلىدى، 10 مىڭدىن ئارتۇق ئاھالە دەم ئېلىش مەزگىلىدە بۇ جايغا كېلىپ كۆكلەم سەيلىسى ق...
03-05-2016
    ئەنگلىيەدە ئۇشاۋ مۇر دەپ ئاتىلىدىغان بىر كەنىت بار بولۇپ، بۇ كەنىتتە ئەسلىدە قۇشلارنىڭ يېقىملىق سايرىغان ئاۋازلىرى ئاڭلىنىپ تۇرىدىكەن، لېكىن بۇنىڭدىن ئالتە يىل بۇرۇن بۇ كەنىتتە نەدىن كەلگىنىنى بىلگىلى بولمايدىغان، ھەتتا...
03-05-2016
5 – ئاينىڭ 1 – كۈنى، يۈننەن ئۆلكىسى موجياڭ خانى ئاپتونوم ناھىيەسىدە مىڭلىغان ئامما بىر يەرگە جەم بولۇشۇپ، ئۆزئارا بىر-بىرىنىڭ «يۈزىگە قارا سۈركەپ»، يىلدا بىر ئۆتكۈزۈلىدىغان، خانىلارنىڭ قۇياش بايرىمىنى تەبرىكلەشتى. «يۈزىگە قارا سۈركەش...
03-05-2016
    گۇاڭدۇڭ رادىئو تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ «بۈگۈنكى ئالدىنقى سەپ» قانىلىدا 30 – ئاپرېل مۇنداق خەۋەر بېرىلدى، بۇ يىل 3 – ئايدا، بىر جۈپ ئەر-خوتۇن ئوغرىلار جياڭمېن خېشەندىكى مەلۇم بىر يانفون دۇكىنىدا، يانفون سېتىۋېلىدىغانلىق...
Powered by Leglek