دىپلوماتىيە مىنىستىرى ۋاڭ يى 7-نويابىر كەچتە دۆلەت يىغىن مەركىزىدە ئاسىيا تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى مىنىستىر دەرىجىلىكلەر يىغىنىغا قاتنىشىشقا كەلگەن ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى كېررى بىلەن كۆرۈشتى. ئىككى تەرەپ جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتى ۋە زۇڭتۇڭ ئوبامانىڭ جۇڭگودىكى زىيارىتىنىڭ تەييارلىق خىزمىتى قاتارلىق مەسىلىلەر ھەققىدە پىكىر ئالماشتۇردى.
ۋاڭ يى مۇنداق دېدى: جۇڭگو زۇڭتۇڭ ئوبامانىڭ جۇڭگوغا كېلىپ ئاسىيا تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رەھبەرلىرىنىڭ بىرەسمىي يىغىنىغا قاتنىشىشى ۋە جۇڭگودا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇشىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ.
بىز ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق تېرىشىپ، بۇ قېتىمقى زىيارەت ۋە ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ئۇچرىشىشىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى يېڭى سەۋىيەگە يەتكۈزۈشنى ئۈمىد قىلىمىز. كېررى مۇنداق دېدى: ئامېرىكا-جۇڭگو مۇناسىۋىتى-دۇنيادىكى ئەڭ تەسىر كۈچكە ئىگە ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەت، ئىككى دۆلەتنىڭ مۇھىم خەلقئارا ۋە كۆپ تەرەپلىك سورۇنلاردا ئۆز ئارا قوللىشى ئىككى تەرەپنىڭ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن.
زۇڭتۇڭ ئوباما جۇڭگودا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇشنى كۈتمەكتە. ئامېرىكا جۇڭگو بىلەن بىرلىكتە تېرىشىپ، زۇڭتۇڭ ئوبامانىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتىدە ئىجابىي نەتىجىگە ئېرىشىشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئامېرىكا-جۇڭگو يېڭىچە چوڭ دۆلەتلەر مۇناسىۋىتى قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ. ئىككى تەرەپ ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەر ھەققىدە پىكىر ئالماشتۇردى.
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 6-كۈنى، گىرېتسىيە ئافىنا، شۇ كۈنى گىرېتسىيە پۇقرالىرى 48 سائەت ئىش تاشلاپ پېنسىيە مائاشى ئىسلاھاتىغا قارشى ئېتىراز بىلدۈردى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved