چاۋشيەننىڭ يادرو مەسىلىسى ئۇزۇندىن بۇيان خەلقئارانىڭ بېشىنى ئاغرىتىپ كەلدى، شۇنداقلا ئامېرىكىنىڭ ئاسىيا تىنچ ئوكيان ئىستراتېگىيەسىنىڭ يولغا قويۇلىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب بولدى، يېقىندا ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى توغرىسىدىكى كېلىشىمنىڭ ھاسىل قىلىنىشىغا ئەگىشىپ، نۇرغۇن دۆلەتلەتنىڭ نەزىرى چاۋشەننىڭ يادرو مەسىلىسىگە ئاغدۇرۇلدى.
چاۋشيەننىڭ يادرو مەسىلىسى توغرىسىدىكى ئالتە تەرەپ سۆھبىتىگە قاتنىشىدىغان كورېيە، ئامېرىكا ۋە ياپونىيە ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقلىرى 31-ئىيۇل ياپونىيەنىڭ پايتەختى توكيودا سۆھبەت ئۆتكۈزدى. ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى توغرىسىدىكى سۆھبەت ئاياغلىشىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا، خەلقئارانىڭ نەزىرى چاۋشيەننىڭ يادرو مەسىلىسىگە قايتىدىن چۈشۈپ، دىققەت قىلىنىدىغان مۇھىم نۇقتىغا ئايلاندى.
ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى توغرىسىدىكى ئومۇميۈزلۈك كېلىشىم ھاسىل قىلىنغاندىن كىيىن، ئامېرىكا نەزىرىنى چاۋشيەن يېرىم ئارىلىغا تىكىپ، چاۋشيەننىڭ يادرو مەسىلىسىگە ئالاقىدار ئالتە دۆلەتنىڭ سۆھبىتىنى قايتىدىن باشلاش ئۈستىدە ئىزدىنىشكە باشلىدى.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە: يېقىندا چاۋشيەننىڭ يادرو مەسىلىسىگە ئالاقىدار ئالتە تەرەپ سۆھبىتىگە قاتنىشىدىغان ئامېرىكىنىڭ ئالاھىدە ئەلچىسى سېدنىي سېللېر جۇڭگو ۋە ياپونىيەنىڭ سۆھبەتكە قاتنىشىدىغان ئالاقىدار ئەمەلدارلىرى بىلەن ئايرىم-ئايرىم ئۇچرىشىپ، ئۇزاق مۇددەت بىر ياققا قايرىپ قويۇلغان چاۋشيەننىڭ يادرو مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلغان. بۇ ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسىدە كېلىشىم ھاسىل قىلىنغاندىن كىيىن، ئامېرىكىنىڭ مەزكۇر رايوندا ئىلىپ بارغان يۇقىرى دەرىجىلىك دىپلوماتىك زىيارىتى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
27-ئىيۇل، سېدنىي سېللېر سىيولدا چاۋشيەننىڭ يادرو مەسىلىسى توغرىسىدىكى سۆھبەت ئىشىكىنىڭ چاۋشيەنگە ئېچىۋېتىلگەنلىكىنى، ئامېرىكىنىڭ ھەر ۋاقىت چاۋشيەن بىلەن كېلىشىم ھاسىل قىلىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى توغرىسىدىكى ئومۇميۈزلۈك كېلىشىم ھاسىل قىلىنغان پەيتتە، ئالاقىدار مۇتەخەسسىسلەر بۇ قېلىپتا چاۋشيەننىڭ يادرو مەسىلىسىنى ھەل قىلىش كېرەك دەپ كۆرسەتتى. تاراتقۇلارنىڭ خەۋەر قىلىشىچە: ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ سۆھبەتكە قاتنىشىدىغان بىر خادىمى، ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى توغرىسىدىكى كېلىشىمنىڭ چاۋشيەنگە قارىتا چاۋشيەننىڭ نۆۋەتتىكى كىرىزىس يولىدا ئويلىشىپ ئىش قىلىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
كورېيە چاۋشيەننىڭ يادرو مەسلىسىدىمۇ ئىجابىي پوزىتسىيە قوللاندى. خەۋەرلەرگە قارىغاندا، چاۋشيەننىڭ يادرو مەسىلىسى توغرىسىدىكى ئالتە تەرەپ سۆھبىتىگە قاتنىشىدىغان كورېيە سۆھبەت ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ باشلىقى 10-ئىيۇلدىن 24- ئىيۇلغىچە جۇڭگودا زىيارەتتە بولۇپ، جۇڭگو ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ باشلىقى ۋۇ داۋىي قاتارلىق كىشىلەر بىلەن كۆرۈشۈپ، جۇڭگونىڭ چاۋشيەننىڭ يادرو مەسىلىسىنى تېخىمۇ كۆپ قوللىشىنى ئۈمىد قىلغان.
جۇڭگو، كورېيە ۋە ياپونىيەنىڭ بىر قىسىم ئەمەلدارلىرى، چاۋشيەننىڭ يادرو سۆھبىتىنى قايتىدىن باشلاشنى ئۈمىد قىلغان.
تاراتقۇلارنىڭ تەھلىل قىلىشىچە: بۇندىن ئىلگىرى ئامېرىكا زېھنى كۈچىنى ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا قايتىپ، چاۋشيەننىڭ يادرو مەسىلىسىگە قاراتقان ئىستىراتىكىيەلىك سەۋرچانلىقىنى سىياسەت دېيىشكە بولماستىن، بۇ چاۋشيەننىڭ يادرو ئېنېرگىيەسىنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. نۆۋەتتە، ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى توغرىسىدىكى سۆھبەت ئاخىرلاشتى، ئامېرىكىنىڭ كۇبا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى نورماللاشتى. ئامېرىكىنىڭ دىققىتىنى چاۋشيەننىڭ يادرو مەسىلىسى توغرىسىدىكى سۆھبەتكە قارىتىشى زۆرۈر تاللاش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
فۇدەن ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا مەسىلىلەر تەتقىقات ئاكادېمىيەسىنىڭ باشلىقى شېن دىڭلى مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: ئەمەلىيەتتە، غەرب ئەللىرى چاۋشيەننىڭ يادرو مەسىلىسىنى ھەل قىلىش نىشانىدىن ۋاز كەچكىنى يوق، ئۇچ دۆلەتنىڭ سۆھبەتلىشىشى نورمال ئەھۋال.
تەھلىلچىلەر مۇنداق دېدى: ھازىر ئۇچ تەرەپ سۆھبىتىنى ئۆتكۈزۈش، ئۇچ دۆلەتنىڭ چاۋشيەننىڭ يادرو مەسىلىسى توغرىسىدىكى ھەمكارلىقىنى كۈچەيتكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.
ئامېرىكىنىڭ چىقىش نۇقتىسى ئۆزىنىڭ ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونىدىكى مەنپەئەتىنى قوغداش. جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئاسىيا تىنچ ئوكيان ۋە يەر شارى ئىستراتېگىيەسى تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىسى دوڭ شاڭخوڭ مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: ئوباما ھۆكۈمىتى ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونىنى قايتىدىن تەڭپۇڭلاشتۇرۇش ئىستراتېگىيەسىنى بېكىتكەندىن بۇيان، چاۋشيەننىڭ يادرو مەسىلىسى ئىزچىل ئامېرىكىنىڭ، ئامېرىكا، كورېيە ۋە ياپونىيەنىڭ ئىتتىپاقداشلىقىنى مۇستەھكەملىشىنىڭ باھانىسى بولۇپ كەلدى.
بۈگۈنكى كۈندە، ئامېرىكىنىڭ پوزىتسىيەسى ئاكتىپ بولماقتا، لېكىن سۆھبەت يولى يەنىلا يىراق.
28-ئىيۇل، ئامېرىكىنىڭ ئالاھىدە ئەلچىسى سېدنىي سېللېر، چاۋشيەننىڭ يادرو مەسىلىسى توغرىسىدىكى ئالتە تەرەپ سۆھبىتىنى قايتىدىن باشلاشقا تۈرتكە بولۇش مەقسىتىدە بېيجىڭغا يېتىپ كەلدى. بۇندىن بىر كۈن ئىلگىرى، ئۇ كورېيەنىڭ پايتەختى سىيولدا زىيارەتتە بولغاندا، ئامېرىكىنىڭ ئىران بىلەن كېلىشىم ھاسىل قىلىش ئۇسۇلىغا ئوخشاش پىيوڭياڭ بىلەن سۆزلىشىدۇ دېدى.
شېن دىڭلى ئېيتقاندەك، چاۋشيەن ئامېرىكىنىڭ مۇراجىتىگە قىزىقمايدۇ. 28-ئىيۇل، چاۋشيەننىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى بايانات ئېلان قىلىپ، چاۋشيەننىڭ يادرو قوراللىرىنىڭ ئويۇنچۇق ئەمەسلىكىنى، سۆھبەتنىڭ ئۇلارنىڭ كەلگۈسىنى بەلگىلەشكە بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، چاۋشيەننىڭ يادرو مەسىلىسىدىكى كۈچلۈك مەيدانىنى يەنە بىر قېتىم ئىپادىلىدى. دوڭ شاڭخوڭ تەھلىل قىلىپ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئامېرىكىنىڭ دىپلوماتىيە ساھەسىدىكىلەر ئومۇميۈزلۈك، چاۋشيەنگە قارىتا مۇكاپاتلىماسلىق ھەمدە ئۇنى ئىككىنچى قېتىم تاشلىۋەتمەسلىكتەك سىياسەتنى يول قويۇشنى تەشەببۇس قىلماقتا. ئوبامانىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى ئاز قالدى، بۇ ۋاقىتتا ئامېرىكا چاۋشيەنگە قاراتقان سىياسىتىنى زور دەرىجىدە تەڭشىيەلمەيدۇ.
ئالتە تەرەپ سۆھبىتى ئۈزۈلۈپ قالغىنىغا ئالتە يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت بولدى. بۈگۈنكى كۈندە سۆھبەتنى قايتىدىن باشلاش ئاسان ئەمەس. مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتتە، چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنى يادروسىزلاشتۇرۇشتا، سۆھبەتلىشىش ئارقىلىق تىنچلىق ئۇسۇلى بىلەن ھەل قىلىشتا چىڭ تۇرۇشقا، ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ ۋەزىيەتنى پەسەيتىش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىگە ئالتە تەرەپ سۆھبىتىنى قايتىدىن باشلاش ئۈچۈن كەيپىيات يارىتىش ۋە شارائىت ھازىرلىشىغا توغرا كېلىدۇ.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved