ئەنگلىيە ‹‹ شەھەر گېزىتى ›› نىڭ 24-يانۋاردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئەنگلىيەدىكى 28 ياشلىق قىز جۇدىنىڭ ئېغىرلىقى 177.5 كىلوگىرام بولۇپ، ئۇ ئەنگلىيە دۆلەت داۋالاش مۇلازىمەت سىستېمىسى تەۋسىيە قىلغان ئورۇقلاش ئوپېراتسىيەسىنى رەت قىلغان، ئۇنىڭ دېيىشىچە، ئۇ سېمىزلىك ئۇنىڭغا ئېلىپ كەلگەن مەلۇم ئىمتىياز ۋە پاراۋانلىقلاردىن مەھرۇم قالغۇسى يوق ئىكەن.
ئىگىلىنىشىچە، جۇدى سېمىزلىك سەۋەبىدىن خىزمەت قىلالمىغاچقا 75 مىڭ فۇندسىتېرلىڭ ( تەخمىنەن 700 مىڭ يۈەن خەلق پۇلى ) پاراۋانلىق سوممىسىنى ئېلتىماس قىلغان، ئۆزى تۇرۇشلۇق شەھەردە ھەقسىز تۇرالغۇ ئۆيگە ئېرىشكەن ، ھار ئايدا ئالاقىدار ئورۇنلاردىن مېىيىپلار ياردەم پۇلى ۋە تۇرمۇش ياردەم پۇلىغا ئېرىشكەن.
جۇدىنىڭ كۈندىلىك تامىقى گەرچە كۆپ بولمىسىمۇ، ئەمما ئۇ بەرەڭگە ياپراقچىسىنى بەك كۆپ ئىستېمال قىلىدىكەن. دوختۇر ئۇنىڭغا ئاشقازاننى ئورۇقلىتىش بەللىكىنى تاقاپ ھەرىكەت قىلىشنى تەۋسىيە قىلغان ، ئەمما ئۇ پىسەنت قىلمىغان، ئورۇقلاشنى ئەسلا ئويلاشمىغان. جۇدى: مەن ئۇلار تەمىنلىگەن ئورۇقلاش ئوپىراتىسيەسىنى رەت قىلدىم، مېنىڭ پىچاق يىگىم يوق ھەم بۇ خىل پاراۋانلىقتىن ئايرىلىپ قالغىممۇ يوق، مەن ھازىر خېلى ئاز يەيدىغان بولدۇم، ئەمما دوختۇر يەنىلا ئورۇقلا دەپ بېشىمنى ئاغرىتتى، ھازىر مەن سېمىزلىك سەۋەبىدىن تازلىق قىلىشقىمۇ ئامالسىز قالدىم، شۇ سەۋەبدىن ھۆكۈمەتنىڭ ماڭا بىر ھەقسىز تازلىق ئىشچىسى ئەۋەتىپ بېرىشىنى سورايمەن، دېدى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved