ئامېرىكا كېسەللىكلەرنى كونتىرول قىلىش مەركىزىدىن چاتاق چىقتى

ئامېرىكىدا ئېبولا ۋىرۇسى ئەۋرىشكىسى خاتا ھالدا تۆۋەن دەرىجىلىك تەجرىبىخانىغا يۆتكەلگەن .

 


تېڭشۈن تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى.ئامېرىكا تاراتقۇلىرى شۇ يەر ۋاقتى 24-دېكابىر ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ ،ئامېرىكا كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كونترول قىلىش مەركىزىنىڭ ئاتلانتاغا جايلاشقان ئېبولا ۋىرۇسى تەتقىقات ئىشخانىسىدا يېقىندا چاتاق چىققانلىقىنى ،بىر خادىمنىڭ ئېبولا ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان بۇلىشى مۇمكىنلىكىنى ھازىر قاتتىق نازارەت قىلىنىۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى .
خەۋەر قىلىنىشىچە ،بۇ ھادىسە 22-دېكابىر يۈز بەرگەن بۇلۇپ ،بىر ئاكتىپسىزلاندۇرۇلمىغان ئەجەللىك ئېبولا ۋىرۇسى ئەۋرىشكىسى خاتا ھالدا تۆۋەن دەرىجىلىك باشقا بىر تەجرىبىخانىغا يۆتكەلگەن .بىر تېخنىك قوغدىنىش نىقابى تاقىمىغان ئەھۋالدا بۇ ئەۋرىشكە بىلەن ئۇچراشقان بۇلىشى مۇمكىن ئىكەن .نۆۋەتتە بۇ تېخنىك ئۈچ ھەپتىلىك قاتتىق نازارەتتە ئىكەن .ئىلگىرى بۇ تەجرىبىخانىغا كىرىپ چىققان 12 خىزمەتچىمۇ تەكشۈرلىۋېتىپتۇ .24-دېكابىرغا قەدەر ھېچقايسىدا كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن .

 

ئامېرىكا ئامېرىكا كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كونترول قىلىش مەركىزى باياناتىدا ،ئېبولا ۋىرۇسنىڭ تەجرىبىخانىدىن سىرىتقا چىقىشى مۇمكىن ئەمەسلىكىنى ،ئاممىغا ھېچقانداق خەتىرى يوقلىقىنى تەكىتلىدى .ئامېرىكا كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كونترول قىلىش مەركىزى بۇ قېتىملىق ۋەقەنى ئىچكى قىسىمدا تەكشۈرمەكتە .دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى 2دا دېكابىر ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە ،بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا غەربىي ئافرىقا دۆلەتلىرىدە پارتلىغان ئېبولا يۇقۇمىغا 19 مىڭ 497 ئادەم يۇقۇملانغان ياكى گۇمانىي يۇقۇملانغان .بۇنىڭ ئارىسىدىكى 7588 ئادەم قازا قىلغان .

ياپونىيە ئورتاق ئاخبارات ئاگېنتلىقنىڭ 21-دېكابىردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا ، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى (WHO) يېقىندا سانلىق مەلۇماتلارنى ئېلان قىلغان بولۇپ ، 17-دېكابىرغىچە غەربىي ئافرىقىدىكى لىبىرىيە ، سېررالېئون ۋە كېنىيە قاتارلىق ئۈچ دۆلەتتە جەمئىي 19 مىڭ 31 ئادەم ئېبولا ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىپ ، بۇنىڭ ئىچىدىكى 7373 ئادەم قازا قىلغان .بۇ سانلىق مەلۇماتلارنى ئالدىنقى قېتىم ئېلان قىلغان ئىستاتىستىكىغا سېلىشتۇرغاندا ، يۇقۇملانغانلار بىلەن قازا قىلغانلارنىڭ سانى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 462 ۋە 473 ئادەم ئاشقان . ھەر قايسى دۆلەتلەردىكى قازا قىلغانلارنىڭ سانىغا كەلسەك ، لىبىرىيەدىن 3346 ئادەم ، سېررالېئوندىن 2477 ئادەم، كېنىيەدىن 1550 ئادەم قازا قىلغان .يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان دۆلەتلەردىن باشقا ئامېرىكا، نىگېرىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە جەمئىي 15 ئادەم بۇ ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملىنىپ قازا قىلغان ، بۇ ساننى قوشقاندا ، پۈتۈن دۇنيادا جەمئىي 7388 ئادەم ئېبولا ۋىرۇسىدا قازا قىلغان .

 

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ ئەڭ يېقىندا تارقاتقان سىتاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، بۇ يىل پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا ئېبولا ۋىرۇسى بىلەن ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 4000 دىن ئاشقان، يۇقۇملانغانلار 8000 دىن ئاشقان، غەربىي ئافرىقىدىكى دۆلەتلەرنىڭ كېسەللىك بىلەن يۇقۇملىنىش ئەھۋالى ناھايىتى ئېغىرلاشقان. ئامېرىكا ۋە ياۋرۇپا ئەللىرى ئارقا-ئارقىدىن ئېبۇلا ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان بېمارنىڭ پەيدا بولغانلىقىنى جاكارلىدى. غەربىي ئافرىقىدا تارقالغان ئېبولا ۋىرىسىنىڭ شىددەت بىلەن تارقىلىشىغا ئەگىشىپ، دۇنيادىكى ھەرقايسى ئەللەر ئېبولا ۋىرۇسىغا قارىتا كۈچەيتىش تەدبىرىلىرىنى يولغا قويماقتا. ئېبولا ۋىرۇسىنىڭ غەربىي ئافرىقىدا تارقىلىش سۈرئىتى شىددەت بىلەن ئېشىۋاتقان بولۇپ، يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ %70 ئاساسەن دېگۈدەك داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي جېنىدىن ئايرىلماقتا.


ئەنگلىيە BBC ئاگىنتلىقىنىڭ 10-ئاينىڭ 10-كۈنىدىكى خەۋرىگە ئاساسلانغاندا، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى دۇنيانى ئاگاھلاندۇرۇپ. ئېبۇلا ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىش ئەھۋالى ئەڭ ئېغىر بولغان غەربىي ئافرىقىدىكى ئۈچ دۆلەت لېبىرىيە، گانا ۋە سېرالىئون قاتارلىقلار بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە لېبىرىيەدىلا يۇقۇملىنىپ ئۆلگەنلەر 2316، يۇقۇملانغانلار 4076 گە يەتكەن. بۇ سان يەنىمۇ كۆپەيمەكتە. ئىبۇلا ۋىرۇسى يۇقۇمى بۇ يىل 2-ئايدا گىۋېنىيەدە پارتلىغاندىن بۇيان، ناھايىتى تېزلا تارقىلىپ لېبىرىيە، سېررالىئون ۋە نىگېرىيە قاتارلىق غەربىي ئافرىقا ئەللىرىگە تارقالدى. بۇ قېتىملىقى بولسا 1976-يىل بۇ ۋىرۇس كونگودا تۇنجى قېتىم پەيدا بولغاندىن بۇيانقى ئەڭ ئېغىر بىر قېتىملىقى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

 

ئېبولا ۋىرۇسى تۇنجى بولۇپ 1976-يىلى بايقالغان بولۇپ، «ئېبولا» دېگەن بۇ نام بولسا كونگو دېموكراتىك جومھۇرىيىتى (يەنى بۇرۇنقى زايىر) دىكى ئېبولا دەرياسىنىڭ ئىسمىدىن كەلگەن.ئېبۇلا ۋىرۇسى يۇقۇم دائىرىسى 1-قېتىم غەربىي ئافرىقىنىڭ ئورمانلىقى ۋە كەنتلىرىدىن تېشىپ چىقىپ، چوڭ شەھەرلەردىكى نوپۇس زىچ ئولتۇراقلاشقان رايونلارغا قاراپ تارقىلىشقا باشلىغان.ۋىرۇس يۇقۇمى ئېغىر بولغان بۇ جايلاردا قەرەللىك ئۇچىدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلانلار يەر شارىنىڭ ھەممە بۇلۇڭ ‏-پۇچقاقلىرىغا ئۇچۇپ تۇرىدۇ، شۇڭا بەزى مۇتەخەسسىسلەر بۇ خىل كېسەللىكنىڭ ئاللىقاچان ئافرىقا چوڭ قۇرۇقلۇقىدىن غەرب دۇنياسىغا تارقىلىپ بولغانلىقىدىن ئەندىشە قىلماقتا. بۇ خىل كېسەللىك بەلكىم دۇنيادىكى بەشتىن بىر قىسىم دۆلەتلەرگە يامراپ بولغان بولۇشى مۇمكىن.


ئۆتكەن ئاينىڭ 20-كۈنى لېبىرىيە ھۆكۈمىتى خىزمەتچىسى پاترىك ساۋيېر ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ نىگېرىيەگە يېتىپ بارغاندىن كېيىن مۇشۇ خىل ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملىنىپ ئۆلۈپ كەتتى. بۇ دېلو كىشىلەرگە ئىبۇلا ۋىرۇسىنىڭ ياۋروپا ھەتتا پۈتكۈل يەر شارىغا تارقىلىپ كەتكەنلىكىنى ھېس قىلدۇردى، نىگېرىيە سەھىيە تارماقلىرى ھازىر مۇشۇ خىل ۋىرۇسنى ئېلىپ يۈرۈش ئېھتىماللىقى بار بولغان 30 مىڭ كىشىنىڭ ئىز-دېرىكىنى قىلماقتا. بۇرۇن كېنىيەگە ساياھەتكە چىققان بىر ئايال شياڭگاڭغا قايتىپ كەتكەندىن كېيىن، ئىبۇلا ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىش ئالامەتلىرى كۆرۈلگەن بولۇپ، ھازىر شياڭگاڭ ئېلىزابېت دوختۇرخانىسىدا ئايرىم داۋالىنىۋېتىپتۇ. 10-ئاي كىرگەندىن بۇيان، ئېبولا ۋىرۇسى بېمارلىرى ياۋرۇپا ۋە ئامېرىكا دۆلەتلىردىمۇ پەيدا بولغان.ئىبۇلا ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان بىماردا دەسلەپتە زۇكام، قىزىش، بېشى قېيىش، ياندۇرۇش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ.

 

ئامېرىكا لانكاست ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى دېرېك گاسېرېر دوكتور مۇنداق دېدى، ئىبۇلا ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان بىر كىشى ئاز دېگەندە يەنە ئىككى كىشىنى يۇقۇملاندۇرىدىكەن. شۇ خىل بىمار بىلەن بىر ئايروپىلانغا چىققان كىشىلەر ئاسانلا يۇقۇملىنىپ قالىدىكەن، بۇ خىل ۋىرۇس تۈكۈرۈك، تەر، ياندۇرۇش، ئىچى سۈرۈش ۋە جىنسىي مۇناسىۋەت ئارقىلىق تارقىلىدىكەن.


دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ئېبۇلا ۋىرۇسىنىڭ يەر شارى خاراكتېرلىك تارقىتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش توغرىسىدا ئېلان قىلغان جىددىي ئاگاھلاندۇرۇش باياناتىدا يەنە دۆلەتلەرنى ۋىرۇسقا قارشى جىددىي تەدبىر ئېلىپ ھەر قايسى چېگرا ئېغىزلىرىدا خەلقئارالىق ساياھەتچىلەرگە بىردەك ۋىرۇس تەكشۈرۈشى ئېلىپ بېرىش، قىزىتمىغا ئوخشاش كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەن ھامان جىددىي كارانتىن قىلىپ داۋالاش ئېلىپ بېرىش ۋە يۇقۇم ئەھۋالىغا ئائىت ئۇچۇرلارنى يوشۇرماسلىققا، ۋىرۇسنىڭ ئەڭ كىچىك دائىرىدە كونترول قىلىشقا ئاگاھلاندۇردى.شۇنداقلا دۇنيا مىقياسىدا ۋىرۇسنىڭ تارقىلىشى كونترول قىلىنغۇچە ئارىلىقتا چوڭ تىپتىكى خەلقئارالىق يىغىلىشلارنى، پۇتبول مۇسابىقىسىگە ئوخشاش ئاممىۋى پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈشنى ۋاقىتلىق توختىتىشقا چاقىردى. بۇ ئەيدىس كېسىلدىن كېيىنكى خەۋىپى ئەڭ زور، تارقىلىشى ئەيدىزدىنمۇ نەچچە ھەسسە يامان بولغان ۋىرۇس بولۇپ، ھازىر پۈتۈن دۇنيا زور كۈچ بىلەن مەبلەغ ئاجرىتىپ، ۋىرۇسنىڭ تارقىلىشىنى توساشقا تىرىشماقتا.

 


لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قۇشىۋېلىڭ ،ئىزدەش نومۇرى :LEGLEK



خەتكۈچلەر:
26-12-2014
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
11-06-2016
جۇڭگو خەۋەر تورىنىڭ 6-ئاينىڭ 10-كۈنىدىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى،     ئامېرىكىنىڭ قاتاردا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى دانا سىچېل (Dana Schell) شۇ جاي ۋاقتى 9-چىسلا ئامېرىكا ئەسكىرىنىڭ قاتارنى ھاقارەتلەش قى...
11-06-2016
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 10-ئىيۇن بېيجىڭ خەۋىرى:    ئارگېنتىنا دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى 9-ئىيۇن ئاخبارات ئېلان قىلىپ، مالۋىناس تاقىم ئاراللىرىغا بولغان ئىگىلىك ھوقۇقىنى قايتا تەكىتلىدى ھەمدە ئەنگلىيەنىڭ بۇ ئارالنىڭ تەۋە...
11-06-2016
   شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئامېرىكا تېكساس شىتاتى، ئامېرىكا ساقچىلىرى داللاستىكى love field ئايرودرومىدا قولىدا تاش كۆتۈرۈۋالغان ئەرگە كەينى-كەينىدىن توققۇز پاي ئوق ئېتىپ يەرگە يېقىتىپ، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ...
11-06-2016
   شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئامېرىكا تېكساس شىتاتى، ئامېرىكا ساقچىلىرى داللاستىكى love field ئايرودرومىدا قولىدا تاش كۆتۈرۈۋالغان ئەرگە كەينى-كەينىدىن توققۇز پاي ئوق ئېتىپ يەرگە يېقىتىپ، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ...
11-06-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، پاكىستان ھەيدەرئاباد، شۇ كۈنى پاكىستاننىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا ئامېرىكىغا قارشى كۈچ كۆرسىتىش نامايىشى پارتلىغان بولۇپ، پاكىستان پۇقرالىرى ئامېرىكا دۆلەت بايرىقىنى كۆيدۈرۈپ، ئامېرىكىنىڭ پاكىستاندا ...
11-06-2016
شىنخۇا تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     شۇ جاي ۋاقتى 6- ئاينىڭ 10- كۈنى پاكىستاننىڭ سېند ئۆلكىسىنىڭ كاراچى شەھىرىدىكى بىر مەسچىتنىڭ چوڭ سايۋىنى ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ، بەش ئادەمنىڭ قازا قىلىشى ۋە ...
11-06-2016
پايدىلىنىش ئۇچۇرلىرى تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ يىللاردا مېكسىكا ئارقىلىق ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيە شىتاتىغا كىرىدىغان جۇڭگولۇق قانۇنسىز كۆچمەنلەر شىد...
11-06-2016
شىنخۇا تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى زاخاروۋا شۇ جاي ۋاقتى 10- ئىيۇن مۇنداق دېگەن: رۇسىيە ئۈچىنچى بىر تەرەپنىڭ جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىگە قول تىقىشىنىڭ ۋەزىي...
10-06-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 9-كۈنى، كامبودژا فنوم پېن، شۇ جايدىكى كەنت ئاھالىلىرى يۈزىگە چىرايلىق ھەم قېنىق پەرداز قىلىپ، جىن-شاياتۇنلارنى قوغلاش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم ئاغرىق-سىلاقتىن يىراق تۇرۇشىنى شۇنداقلا مول-ھوسۇل...
30-05-2016
شىنخۇا تورى 23- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     سەئۇدى ئەرەبىستان دۆلەتلىك نېفىت شىركىتى نەچچە كۈن ئىلگىرى يىللىق دوكلات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېگەن: 2015- يىلى سەئۇدى ئەرەبسىتان ئاسىيا قىتئەسىدىكى دۆلەتلە...
Powered by Leglek