چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بىر ئەر 1497 دانە ئىناۋەتلىك كارتا بېجىرىپ دۇنيا جىنىس رىكورتىنى بۇزۇپ تاشلىغان. بۇنچە كۆپ ئىناۋەتلىك كارتا بېجىرىشى ئۇنىڭ دوستى بىلەن دو تىكىشكەنلىكى سەۋەپتىن بولغانىكەن. ۋورتنىڭ ئالاھىدە چوڭ بىر ھەميانى بار بولۇپ، ھەمياننىڭ ئېچىلغاندىكى ئۇزۇنلىقى 76 سانتىمېىر كېلىدىكەن، 800 دانە بانكا كارتىسىنى ساقلىغىلى بولىدىكەن. ئۇ بۇ ھەميانىنى ئادەتتە بىخەتەر ئىشكاپ ئىچىگە سېلىپ ساقلايدىكەن. ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 60- يىللىرىدا ۋورت دوستى بىلەن كىمنىڭ يىل ئاخىرىدا ئەڭ كۆپ ئىناۋەتلىك كارىتىغا ئېگە بولىدىغانلىقى توغرىسىدا دو تىكىشكەن، كىم ئۇتتۇرۇپ قويسا قارشى تەرەپنى تاماققا تەكلىپ قىلماقچى بولغان. نەتىجىدە ۋورت ئۇ يىلى 143 دانە ئىناۋەتلىك كارىتىغا ئېگە بولغان، ئەمما ئۇنىڭ دوستى 138 دانە ئىناۋەتلىك كارىتغا ئېرىشكەن. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئامانەت كارتىسى يىغىشقا ئادەتلەنگەن. ھازىر ۋورتنىڭ ئومۇمىي قەرز سوممىسى 11 مىليون فوندىستېرلىڭغا يەتكەن، ئەمما ئۇ ھەر كۈنى بىر تال كارتىدىكى پۇلنىلا ئىشلىتىدىكەن ۋە ئىشلىتىپ بولۇپلا قەرزنى دەرھال قايتۇرىۋېتىدىكەن.
![]() |
ئەنگىلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 3-فېۋرالدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، يېقىندا، ئەنگىلىيەلىك بىر جۈپ ئاشىق-مەشۇق بالىلار ئۈچۈن ھەقىقىي شاھزادە بىلەن مەلىكە رولىنى ئېلىپ، تويغا كېرەكلىك ...
|
![]() |
2-ئاينىڭ 5-كۈنى، سەنشى ئۆلكىسى شىئەن شەھىرى شۇيۇەنمېن، بىلىكى يوق خەتتات-جىيا ۋېيجۈن موي قەلەمنى ئۈزۈلۈپ كەتكەن بىلىكىگە باغلىۋىلىپ <مايمۇن يىلى قۇتلۇق بولسۇن!>، <يېڭى باھار كۆڭۈلدىكىدەك بولسۇن...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved