بۇ يىل ئاخىرلىشىپ يېڭى بىر يىلنى كۈتىۋالدۇق، 2015-يىلى شۇنچە كۆپ فىلىم كۆرۈپتۇق، بۇنىڭ ئىچىدە بىزنى ئەڭ تەسىرلەندۈرگەن كۆرۈنۈشلەر يادىڭىزدىمۇ؟ تۆۋەندە ھەممەيلەن بىرلىكتە تاراتقۇلار باھالاپ چىققان ئەڭ تەسىرلىك 17 مەيدان كۆرۈنۈشتىن قايتا ھوزۇرلىنايلى.
1. «ئېلان سەۋداسى»: ئەڭ ئاخىرقى خاتىمە
«ئېلان سەۋداسى» نىڭ ئەڭ ئاخىرقى كۆرۈنۈشى بەكلا تەسىرلىك، بېتتىي ئەڭ ئاخىرىدا ئۆيىگە قايتىدۇ، ئەمما ئۇزۇن ۋاقىت تاماكا چەككەنلىكتىن ئۇ ئۆپكە راكىغا گىرىپتار بولۇپ قالىدۇ. ئەمەلىيەتتە ئەينى يىلى مايكىن شىركىتى كوكا كولانىڭ ئېلانى بىلەن دوننى ئازدۇرۇپ، بېتتىينى مودىل بولۇپ بېرىشقا تەكلىپ قىلغاندىلا بۇنداق بولۇش بېكىتىلىپ قالغانىدى. 10 يىلدىن بۇيان ئۇ قۇربانلىق بولۇپ قېلىشىنى كىشىنى ئەپسۇسلاندۇرىدۇ، ئەڭ ئاخىرىدا ئۇ ھاياتىدىن ئايرىلىدۇ.
2. «99 ئائىلە»: دېننىس ئۆزىنىڭ ئائىلسىنى قايتۇرىۋالىدۇ.
بۇ كىنو باشتىن-ئاياغ ئازاب ۋە بۇرۇقتۇمچىلىققا تولغان. 2009-يىلى دۇنيا ئىقتىسادىي كىرىزىس پاتقىقىغا پېتىپ قالىۇ، ئۆي-مۈلۈك بازىرىمۇ زاۋاللىققا يۈزلىنىدۇ، ئەر باش قەھرىمان دېننىسنىڭ گۆرۈگە قويغان ئۆيىنى ھۆكۈمەت ئېلىۋىلىپ، ئۇ ئاپىسى ۋە ئوغلى بىلەن باش تىققۇدەك ماكان تاپالماي كوچىدا قالىدۇ. ئۆيىنى قايتۇرۇۋىلىش ئۈچۈن، ئۇ ۋىجدانىغا خىلاپ ھالدا مايكول ئۈچۈن خىزمەت قىلىپ، بارا-بارا چۈشكۈنلۈك پاتقىقىغا پېتىپ قالىدۇ.
3. «دىنازاۋۇرنىڭ ئائىلە باشقۇرۇشى»: ئائىلىسىدىكىلەر ئۈچۈن ماتەم تۇتقان ئارلو ۋە سىپوت
بۇ دېسنىي ۋە پىكوس ئىشلىگەن كارتون فىلىمدە، دىنازاۋۇرنىڭ نەسلى قۇرىمىغان ۋە ئىنسانلار بىلەن بىللە ھايات كەچۈرگەن دەۋر تەسۋىرلەنگەن. شوخ ھەم باتۇر دىنازاۋۇر ئارلو سىپوتقا يولۇقۇپ، ئۇنىڭ بىلەن تەۋەككۇلچىلىككە تولغان سەپەرنى باشلايدۇ. بۇ جەرياندا ئۇلار ئائىلىسىدىكىلەردىن ئايرىلىپ قالىدۇ. ئارلو «ئائىلىسىدىكىلەر» نى تىلغا ئېلىپ، «دادىسىنى سېغىنغان» لىقىنى ئېيتقاندا، سىپوت ئۇنىڭغا تەسەللىي بېرىدۇ، شۇنداقلا ئائىلىسىلەر ئۈچۈن قانداق ماتەم تۇتۇشنى ئېيتىپ بېرىدۇ. بۇ فىلىمدە مۇنداق بىر كۆرۈنۈش بار، ئاي نۇرى يورۇتۇپ تۇرغان ئېرىق بويىدا ئۇلار بىرلىكتە ھازا ئاچىدۇ.
4. «كارول»: ئازاب ئىچىدىكى كاتى ۋە روئونىي
50-يىللاردىكى ئامېرىكا، جەمئىيەتنىڭ ئوخشاش بولمىغان قاتلىمىدىكى تېرۇي ۋە توي قىلىپ بولغان ئايال كارول بىر قېتىملىق ئۇچرىشىشتا، بىر-بىرىنى ياقتۇرۇپ قالىدۇ. نىكاھتىن ئاجرىشالمىغان كارول ھېچقانداق مۇھەببەت بولمىغان نىكاھنىڭ ئازابىنى تارتىدۇ، ئۇ ئەڭ ئۈمىدسىز قالغان ۋاقتىدا «روھىي ھەمراھى» كاتىنىڭ مۇھەببىتىگە تەشنا بولىدۇ. ئەمما بۇ ئىككەيلەن رىئال تۇرمۇشتىكى ھەرخىل سۆز-چۆچەك ۋە بېسىمنىڭ زەربىسىگە ئۇچراپ، روھىي جەھەتتىن ناھايىتى ئازابقا دۇچار بولىدۇ.
5. «45 يىللىق خاتىرە كۈن»: ئاخىرقى كۆرۈنۈش
بۇ فىلىمدە «مۇھەببەتكە ئاسىي» لىق ھېكايىسى تەسۋىرلەنگەن، ئەمما بۇ ئانچە ئاسان ئەمەس، چۈنكى بۇ فىلىمنىڭ باش قەھرىمانلىرى ياشانغان ئەر-ئاياللار. ئەر باش قەھرىمان گېئوف ئالەمدىن ئۆتكەن تۇنجى قىز دوستى بىلەن ئۆتكۈزگەن ئەسلىمىلىرى قاينىمىغا چۆكىدۇ، ئايال باش قەھرىمان كاتى بۇ سەۋەبلىك، بۇرۇقتۇمچىلىق ئىچىدە تەشۋىشكە چۈشىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئىككەيلەننىڭ ھېسسىياتىغا تەسىر يېتىدۇ. تاكى ئەڭ ئاخىرقى كۆرۈنۈشكە قەدەر، كاتى يولدىشى بىلەن تانسا ئوينىغاندىلا، بىر ناتونۇش ئادەمنىڭ ئۇلارنىڭ 45 يىللىق نىكاھىنى داۋاملاشتۇرۇشىغا توسقۇنلۇق قىلدۇرماسلىقىنى ھېس قىلىپ يېتىدۇ.
6. «ھاكىمىيەت ئويۇنى»: سىتاننىس قىزىنى ئوتتا جازالاش تۈۋرۈكىدە كۆيدۈرۈپ ئۆتتۈرىدۇ.
سىتاننىس ئادالەتپەرۋەر ئادەم، بۇ دەل ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ كۈچىگە تايىنىپ شاھلىق ئورنىنى قايتۇرۇۋىلىشنى ئويلايدىغانلىقىنىڭ سەۋەبى، بۇ جەرياندا ئۇ زور بەدەللەرنى تۆلىشى كېرەك، ئۇ مەجبۇرىي ھالدا ئۆزىنىڭ كىچىك قىزىنى ئوتتا جازالاش تۈۋرۈكىدە كۆيدۈرۈپ ئۆتتۈرىدۇ. بۇ كۆرۈنۈش ئالدىدا ئۇ دۇچار بولغان چىدىغۇسىز ئازابنى تىل بىلەن ئىپادىلەش قىيىندۇر.
7. «فوكۇسلاش»: غەزەبلەنگەن مارك رۇففالو
«فوكۇسلاش» بوستون يەرشارى گىزىتىنىڭ بىر مەخسۇس پروگراممىسى مارك رۇففالو بۇ پروگراممىنىڭ تەھرىرى، ئۇ يەرشارى گېزىتىگە ئەگىشىپ كاتولىك دىنى پوپىنىڭ نۇرغۇن ئۆسمۈرلەرگە جىنسىي پاراكەنچىلىك سالغانلىق سەتچىلىكىنى ئاشكارىلاش دىلوسىنى ئېنىقلايدۇ. ئۇنى خىزمەتداشلىرى تېخىمۇ كۆپلىگەن ئىسپاتلارنى تېپىپ چىقماستىنلا، كاتولىك دىنىدىكىلەرنىڭ جىنسىي خورلاش ئىشىنى كوپىيلەپ چىققانلىقىنى ئەيىبلىگەندە، ئۇ ئاچچىقىنى زادىلا باسالماي قاتتىق ۋارقىراپ تاشلايدۇ.
8. «يىرتقۇچ»: ئاگۇ ئادەم ئۆلتۈردى.
ئاگۇ غەربىي ئافرىقىدا تۇغۇلغان بولۇپ، بالىلىق ئەسلىمىلىرى ئۇرۇش ۋە يېقىنلىرىدىن ئايرىلىپ قېلىش بىلەنلا تولغان، ئۇ يەنە ئۆز كۆزى بىلەن دادىسىنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغانلىقىنى كۆرگەن، بۇ ئىشلار ئۇنىڭ بالىلىقىغا قاراڭغۇ كۆلەڭگە تاشلايدۇ. كېيىن ئۇ تاساددىپىي ھالدا مەرگەنلەر ئەترىتىگە قاتنىشىدۇ ھەم مەجبۇرىي ھالدا ئادەم ئۆتتۈرىدۇ. كۆرۈرمەنلەر ئۇنىڭ ئۆز قېرىندىشىنى ئۆتتۈرۋەتكەنلىكىنى كۆرگەندە، قەلبى ئازاب ۋە غەزەبكە تولىدۇ. ھالبۇكى بۇلارنىڭ ھەممىسى ئاگۇنىڭ بالىلىق ئەسلىمىلىرىنىڭ ئۇنىڭغا قالدۇرغان تەسىرى بولغاچقا، بۇ ھەم كىشىلەرنىڭ ھېسداشلىقىنى قوزغايدۇ.
9. «ئەسەبىي ماكىس: دەھشەتلىك يول»: فۇرىئوسا ۋارقىرىماقتا.
قېچىپ يۈرگەن ئىككى قارشىلىق كۆرسەتكۈچى قۇملۇقتا ئىنتايىن جاپالىق سەپىرىنى باشلايدۇ. فۇرىئوسا ئىنتايىن قەيسەر، قەتئىي تىز پۈكمەس ئايال، ئۇ قۇملۇقنى كېسىپ ئۆتۈپ بالىلىقتىكى يۇرتىغا بېرىۋىلىشنى ھايات قېلىشنىڭ بىردىنبىر يولى دەپ قارايدۇ. بۇنداق ھايات-ماماتلىق سەپەر ئالدىدا فۇرىئوسا دەھشەتلىك ۋارقىراپ تاشلايدۇ.
10. «كرېد»: ئادونىس يوھانسۇن روچقا نېمە ئۈچۈن ئاخىرىغىچە كۈرەش قىلىدىغانلىقىنى ئېيتىپ بېرىدۇ.
فىلىمدە، سابىق دۇنيا ئېغىر تىپتىكى بوكىس شاھى روچ ئادونىس يوھانسۇنغا تېرىنىر ۋە يېتەكچى بولىدۇ. ئادونىس يوھانسۇن روچنىڭ ئىلگىرى رەقىبى ئاپوللو كرېدنىڭ ئوغلى، ئادونىس كىچىكىدىن تارتىپ بوكىس شاھى بولۇشقا ئىرادە باغلايدۇ، بىر كۈنلەردە دادىسىنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشىشنى ئارزۇ قىلىدۇ، ئۇ ئۆزىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن ئەڭ ئاخىرقى ئايلانما مۇسابىقىدە قەيسەرلىك بىلەن يەنە مۇسابىقىگە چۈشۈپ ئاخىرىغىچە كۈرەش قىلماقچى بولىدۇ.
11. «ئېچىرقىغان ئويۇن»: كاتنىس سىڭلىسىنىڭ ئۆلۈمىدىن قاتتىق ئازابلىنىدۇ.
«ئېچىرقىغان ئويۇن» ئاخىرلىشىش ئالدىدا، كاتنىس ئۆيىگە قايتىدۇ، ئۇ ئاشخانا ئۆيىگە كىرىپ، مۈشۈك، قالايمىقان ئاشخانا سايمانلىرى قاتارلىق ئىنتايىن تونۇشلۇق ئاشخانا سايمانلىرىنى كۆرگەندىن كېيىن، ئۆلۈپ كەتكەن سىڭلىسىنى قايتا يادىغا ئالىدۇ. «ئويۇن» ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ئۇ ئاخىرى كۆڭلىدىكى ئازابلىرىنى بىراقلا تۆكۈپ، فىلىم خاتىمىسىدە كۆرۈرمەنلەرنى ئازابلىق كەيپىياتقا باشلاپ قويىدۇ.
12. «قەھرىماننى ئويغىتىش»: نىكنىڭ مەخپىيەتلىكنى ئاشكارىلىشى.
ئېيتىلىشلارچە، بۇ بىر ياش شەھەر باشلىقى بولۇپ، ئىسمى نىككەن. فېدېراتسىيە سوت مەھكىمىسى ئۇنىڭدىن كىچىك يېزىدىكى ئاق تەنلىكلەرنىڭ مەھەللە كومېتىتىدا تۆۋەن كىرىملىك كىشىلەرنى قۇتقۇزۇش پونكىتى قۇرۇشنى تەلەپ قىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ مەجبۇرىي ھالدا ئىرقچىلارنىڭ تالاش-تارتىشىنىڭ مەركىزى بولۇپ قالىدۇ. بۇ فىلىم «ئىرقىي مەسىلە» نى چۆرىدىگەن ھالدا راۋاجلانغاچقا، باشتىن-ئاخىر جىددىي ۋە بۇرۇقتۇما كەيپىيات شەكىللەندۈرىدۇ. ھەرخىل مۇناسىۋەتلەرنى ياخشىلاش ئۈچۈن ئېلىپ بارغان تىرىشچانلىقلىرى نەتىجىسىدە ئۇنىڭ كىشىلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمۇ بارغانچە ناچارلىشىپ كېتىدۇ. ئۇمۇ ھەم مىجەز-خاراكتېرىدىكى كەمچىلىكلىرى تۈپەيلى بىر قىسىم خاتا تاللاشلارنى ئېلىپ بارىدۇ، تاكى ئۇ ئەڭ ئاخىرىدا دادىسىنىڭ قەبرىسى ئالدىدا تۇرغاندىلا قايتا ئويلىنىشقا باشلايدۇ.
13. «چاقماق پالۋان»: باررىي ئاپىسىنى قۇتقۇزۇشنى تاللىمايدۇ.
ئەيلۇن 11 يېشىدا ئاپىسى ئۆلۈپ قالىدۇ، دادىسى بولسا خاتا ھالدا قاتىل دەپ قارىلىدۇ. قۇرامىغا يەتكەندىن كېيىن ئۇ ئاپىسىنىڭ ھەقىقىي ئۆلۈم سەۋەبىنى ئېنىقلاشنى توختىتىپ قويمايدۇ. فىلىم ئاخىرلىشىش ئالدىدا ئۇنىڭدا دەرىجىدىن تاشقىرى كۈچ بولغانلىقتىن، ئۆتمۈشكە قايتىپ ئاپىسىنى قۇتقۇزۇش پۇرسىتىگە ئىگە بولىدۇ. ئەمما «چاقماق پالۋان» لىق سالاھىيىتى ئۇنى ئاپىسىنى قۇتقۇزۇشنى تاللىماسلىققا مەجبۇر قىلىدۇ، ئاپىسى ئۇنىڭ قۇچىقىدا جان ئۈزىدۇ.
14. «بۆرە خانىسى»: ئاننا بولېيىننىڭ ئۆلۈم جازاسى
ھېنرى VIII نىڭ سادىق ئەمەلدارى بولۇش سۈپىتى بىلەن توماس كرومۋېل ئۆزىنى ئامان ساقلاپ قېلىشتىن باشقا تاللىشى يوق ئىدى، شۇڭا ئۇ ئۆز قولى بىلەن يۆلەپ ھېنرى VIII نىڭ ئىككىنچى خانىشى قىلىپ چىققان ئايال ئاننا بولېيىننىڭ كۆپچىلىكنىڭ ئالدىدا كاللىسىنىڭ ئېلىنغانلىقىنى كۆرۈپ تۇرىدۇ، ئۆزى بولسا يېڭى ھوقۇققا ئېرىشىدۇ.
15. «ھوجرا»: جېك يورۇقلۇقنى كۆرىدۇ.
بۇ ئانا مۇھەببىتىگە مۇناسىۋەتلىك ھېكايە، باش پېرسوناژ بەش ياشلىق ئوغۇل بالا، ئۇ تۇغۇلغاندىن تارتىپ ھوجرىسىدىن ئايرىلىپ باقمىغان بولۇپ، ئۇ بۇ ھوجرىدىكى بارلىق نەرسىلەرنىڭ رىئال نەرسىلەر ئىكەنلىكىگە ئىشىنىدۇ. ئەمما ئەمەلىيەتتە، «ھوجرا» دا كىشىلەر ئازراقمۇ ئەركىن ھېس قىلالمايدۇ. ئاپىسى ئۇنى ھوجرىدىن ئېلىپ چىقىپ، يورۇقلۇق ئىزدىگەندە، كۆرۈرمەنلەر ئۇلار بىللە بىللە نەپەس ئېلىشقىمۇ جۈرئەت قىلالماي قالىدۇ، پۈتۈن جەريان كىشىنى تولىمۇ جىددىيلەشتۈرىدۇ.
16. «چوڭ مىڭە رازۋىدچىكلىرى»: رىلېي ئۆزىنى ئىزدەپ تاپىدۇ.
دادىسىنىڭ خىزمىتى تۈپەيلى، رىلېي بىر ئائىلە كىشىلىرى سان فرانسىسكوغا كۆچۈپ بارىدۇ. ئۇ تېخى يېڭى مۇھىتقا كۆنۈپ بولالمىغان ئەھۋالدا، رىلېينىڭ چوڭ مىڭىسىدىكى خوشاللىق ۋە ئازابنى كونترول قىلىدىغان ئىككى ۋەزىر خوشال ۋە ئازاب چوڭ مېڭە ئىچىدە يوقاپ كېتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن چوڭ مېڭىنىڭ باش شىتابىدا غەزەب، قورقۇش ۋە بىزارلىق قالىدۇ ۋە ئەسلىدە ناھايىتى ئوچۇق-يورۇق يۈرىدىغان قىزچاق رىلېينى خاپىخان قىز بولۇپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئەڭ ئاخىرىدا، خوشال ۋە ئازاب چوڭ مېڭىنىڭ باش شىتابىغا قايتىپ كېلىدۇ، رىلېي ئەسلىدىكى نورمال كەيپىياتىنى تېپىۋىلىپ، ئەسلىدىكى ھالىتىگە قايتىدۇ.
17 . «پىلانتلار ئۇرۇشى: ئەسلىدىكى كۈچ-قۇدرەتنىڭ ئويغىنىشى»: رېي ۋە كىيلو رېننىڭ ھايات-ماماتلىق ئۇرۇشى.
«پىلانتلار ئۇرۇشى» يۈرۈشلۈك فىلىمى ئاخىرى قولىغا قورال ئېلىپ ئۇرۇش قىلىدىغان ئايال باش قەھرىماننى كۈتىۋالىدۇ. فىلىمدە رېي ۋە كىيلو رېن (ئۇ ئەسلىدە ئىنتايىن كۈچلۈك قاراڭغۇلۇق جەڭچىسى ئىدى، قولى كىرىست بەلگىلىك نۇر قىلىچى) نىڭ ھايات-ماماتلىق بىر مەيدان ئۇرۇشى بار. بۇ جەرياندا قويۇلىدىغان مۇزىكا مەستانىلەرنىڭ كۆزىنى ياشلايدۇ.
![]() |
يىڭناغۇچسىمان مەخپىي تىڭشىغۇچ
كونۋېرتسىمان نۇسخىلىغۇچ
ئىستىرېئولوق ئاپپارات
يېرىم سۇ ئاستى پاراخوتى
مىكرو ئاپپارات
سەرەڭگە قېتىپ شەكىللىك...
|
![]() |
تۈنۈگۈن، مۇخبىرنىڭ بېيجىڭ شەھەرلىك مائارىپ كومىتېتى ئىشخانىسىدىن ئىگىلىشىچە، بېيجىڭ شەھىرى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئاشخانا باشقۇرۇش ئۆلچەم تۈزۈشنى تەتقىق قىلىۋېتىپتۇ ھەم مەكتەپلەرنىڭ تاماق...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved