رۇسىيە «سۈنئىي ھەمراھ» ئاخبارات تورىنىڭ 26-يانۋاردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، رۇسىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى لاۋروف: «جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنىڭ ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى خەلقئارا مۇقىملىقنىڭ مۇھىم ئامىلى» دېگەن.
لاۋروف رۇسىيەنىڭ 2015-يىللىق دىپلوماتىيە سىياسىتىنى خۇلاسىلەيدىغان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا: «رۇسىيە بىلەن جۇڭگو خەلقئارا سەھنىلەردە ناھايىتى زىچ ھالدا بىر-بىرگە تۈرتكە بولدى. ھەمكارلىق، ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى بەرپا قىلدى. بۇ خىل مۇناسىۋەت ھەر تۈرلۈك خەلقئارالىق داۋالغۇشلارنىڭ مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىشتىكى مۇھىم ئامىل بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. ئىككى تەرەپ ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى خەلقئارالىق قانۇن ۋە باشقا قانۇنلارغا مۇتلەق ھۆرمەت قىلىشنى ئاساس قىلدى. ب د ت دىكى يادرولۇق رولىنى ھۆرمەت قىلدى شۇنداقلا ئىچكى ئىشلارغا ئارىلىشىشقا يول قويمىدى. مۇشۇ نۇقتىنى چىقىش قىلغاندا، بىز بارلىق خەلقئارالىق مەسىلىلەردە ئەڭ يېقىن ھالەتتە ھەمكارلاشتۇق» دېگەن.
لاۋروف يەنە: «ئىككى دۆلەتنىڭ مۇناسىۋىتى ئىككى دۆلەت خەلقى باردى-كەلدى قىلغاندىن بۇيانقى ئەڭ ياخشى سەۋىيەدە تۇردى» دېگەن. ئۇ: «ئىككى دۆلەتنىڭ ھەمكارلىقى كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ۋە 20 دۆلەت گۇرۇھى قاتارلىق ئاپپاراتلارنىڭ نوپۇزىنى كۈچەيتىشكە، بۇ ئاپپاراتلارنىڭ رامكىسى ئىچىدە خەلقئارا پۇل سىستېمىسى ئىسلاھاتىدا ئورتاق چىڭ تۇرۇشقا ۋە باشقا تەرەپلەردىكى ئادىللىقىنى كۈچەيتىشكە ياردەم بېرىدۇ. خەلقئارالىق سىياسىي مۇناسىۋەت ۋە پۇل مۇئامىلە سىستېمىسىنى ئىسلاھ قىلىش دېموكراتىك بولۇشى، ئالدى بىلەن كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ ئارزۇسىنى ئەكس ئەتتۈرۈشى كېرەك» دېگەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved