ئ‍امېرىكا: تۈركىيە isis قا قارشى تۇرۇشتىكى مۇھىم ھەمكارلاشقۇچى، دېدى

ئ‍امېرىكا: تۈركىيە isis قا قارشى تۇرۇشتىكى مۇھىم ھەمكارلاشقۇچى، دېدى
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى باياناتچىسى جېن پاسكى، تۈركىيەنىڭ isis «ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى» بىلەن قىلغان كۈرەشتە مۇھىم بىر ھەمكارلاشقۇچى ئىكەنلىكىنى داۋاملاشتۇرۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ، «تۈركىيە isis كە قارشى ئىتتىپاقتا پەقەت ھەربىي جەھەتتىنلا ئەمەس، ھەر جەھەتتە ئىجابى قەدەم ئېلىۋاتىدۇ» دېدى.
پاسكى، ئامېرىكا دۆلەتلىك ئاخبارات ئىدارىسى باشلىقى جامېس كلاپىرنىڭ، «تۈركىيەنىڭ isis بىلەن بولغان كۈرەشكە ئەھمىيەت بەرمەيۋاتىدۇ، ۋە تۈركىيە باشقا ئىشلارغا، يەنى ئۆز مەنپەئەتلىرىگە ئ‍ەھمىيەت بېرىۋاتىدۇ» دەپ ئېيتقان ئەيىبلەشلىرى ھەققىدە توختىلىپ، «تۈركىيە مۇھىم بىر ھەمكارلاشقۇچى ئىكەنلىكىنى داۋاملاشتۇرۋاتىدۇ، بۇنىڭدىن باشقا چەتئەللىك ئۇرۇش قىلغۇچىلارنىڭ تەشكىلاتنىڭ ئىقتىسادى مەنبەلىرىنى كونترول قىلىش ۋە تەشكىلاتنىڭ قانۇنسىز ئىش ھەرىكەتلىرىدە قاتتىق تەدبىرلەر قوللىنىۋاتىدۇ» دېدى.
پاسكى يەنە، تۈركىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دۆلەتلەر بىلەن ئىتتىپاق ھالىتىدە ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، دەسلەپتىن بۇيان خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ isis بىلەن بولغان كۈرەشتە تېخىمۇ كۆپ ئىشلارنى قىلالايدىغانلىقىنى ئېيتتى.
بىر مۇخبىر پاسكىيغا ، ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرى ئاشتون كارتىرنىڭ ئوتتۇرا شەرق زىيارىتىدە تۈركىيەگە بارمىغانلىقى، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جون كېررىينىڭ يېقىنقى ياۋرۇپا ۋە ئوتتۇرا شەرق ساياھىتىنىڭ تۈركىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدىغانلىقىنى ئېيىتپ، «ئامېرىكا-تۈركىيە مۇناسىۋىتى نورمالمۇ؟» دەپ سورىغان سۇئالىغا، پاسكى مۇنداق جاۋاب بەردى:
«تۈركىيە مۇھىم بىر رول ئوينىغۇچى ئىكەنلىكىنى داۋاملاشتۇرىۋاتىدۇ. تۈركىيە شىمالى ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ غوللۇق ئىتتىپاقدىشى. isis بىلەن بولغان دۇنياۋى كۈرەش ئالاھىدە ۋەكىلى گېنىرال ئاللىن ۋە باش ئەلچى McGurk تۈركىيەدە. مىنىستىر كېررىيمۇ دائىم تۈركىيە تەرەپ بىلەن كۆرۈشىۋاتىدۇ. ھەر قېتىملىق زىيارەتتە بارلىق دۆلەتلەرنى زىيارەت قىلمىغانلىقىمىزنى بىلىسىلەر. ئەكسىچە بولغاندا ئامېرىكىغا قايتمايمىز» دېدى.
ئامېرىكا دۆلەتلىك ئاخبارات ئىدارىسى باشلىقى جامېس كلاپىر، ئامېرىكا بەش بۈرجەكلىك بىنادا قاتناشقان بىر يىغىندا، «isis بىلەن بولغان كۈرەشتە تۈركىيەنىڭ ئامېرىكا بىلەن تېخىمۇ كۆپ ھەمكارلىق ئورنىتىشى ھەققىدە ئىجابى ياكى سەلبى قاراشتا ئىكەنلىكى» سورالغان بىر سۇئالغا، «ياق، ئىجابىي قاراشتا ئەمەسمەن» دەپ جاۋاب بەرگەن ئىدى. كلاپىر، تۈركىيەنىڭ بۇنىڭدىن باشقا مۇھىم ئىشلىرى بارلىقىنى تىلغا ئېلىپ، «تۈركىيەنىڭ باشقا مۇھىم ئىشلىرى ۋە مەنپەئەتلىرى بار، ئۇلار زور تەھدىت دەپ قاراۋاتقان كۈرت قارشىلىق ھەرىكىتىگە مەركەزلەشكەن. خەلقئارادىكى بەزى ئەھۋاللار تۈركىيەنىڭ isis نى بىرىنجى تەھدىت دەپ قارىمايدىغانلىقى ئاشكارىلىماقتا. ئۇلار ئىقتىسادى خىزمەتلەر ۋە مۇشۇ خىلدىكى ئىشلارغا بەكرەك دىققىتىنى قاراتماقتا» دېدى.



28-02-2015
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
11-06-2016
جۇڭگو خەۋەر تورىنىڭ 6-ئاينىڭ 10-كۈنىدىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى،     ئامېرىكىنىڭ قاتاردا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى دانا سىچېل (Dana Schell) شۇ جاي ۋاقتى 9-چىسلا ئامېرىكا ئەسكىرىنىڭ قاتارنى ھاقارەتلەش قى...
11-06-2016
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 10-ئىيۇن بېيجىڭ خەۋىرى:    ئارگېنتىنا دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى 9-ئىيۇن ئاخبارات ئېلان قىلىپ، مالۋىناس تاقىم ئاراللىرىغا بولغان ئىگىلىك ھوقۇقىنى قايتا تەكىتلىدى ھەمدە ئەنگلىيەنىڭ بۇ ئارالنىڭ تەۋە...
11-06-2016
   شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئامېرىكا تېكساس شىتاتى، ئامېرىكا ساقچىلىرى داللاستىكى love field ئايرودرومىدا قولىدا تاش كۆتۈرۈۋالغان ئەرگە كەينى-كەينىدىن توققۇز پاي ئوق ئېتىپ يەرگە يېقىتىپ، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ...
11-06-2016
   شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئامېرىكا تېكساس شىتاتى، ئامېرىكا ساقچىلىرى داللاستىكى love field ئايرودرومىدا قولىدا تاش كۆتۈرۈۋالغان ئەرگە كەينى-كەينىدىن توققۇز پاي ئوق ئېتىپ يەرگە يېقىتىپ، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ...
11-06-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، پاكىستان ھەيدەرئاباد، شۇ كۈنى پاكىستاننىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا ئامېرىكىغا قارشى كۈچ كۆرسىتىش نامايىشى پارتلىغان بولۇپ، پاكىستان پۇقرالىرى ئامېرىكا دۆلەت بايرىقىنى كۆيدۈرۈپ، ئامېرىكىنىڭ پاكىستاندا ...
11-06-2016
شىنخۇا تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     شۇ جاي ۋاقتى 6- ئاينىڭ 10- كۈنى پاكىستاننىڭ سېند ئۆلكىسىنىڭ كاراچى شەھىرىدىكى بىر مەسچىتنىڭ چوڭ سايۋىنى ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ، بەش ئادەمنىڭ قازا قىلىشى ۋە ...
11-06-2016
پايدىلىنىش ئۇچۇرلىرى تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ يىللاردا مېكسىكا ئارقىلىق ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيە شىتاتىغا كىرىدىغان جۇڭگولۇق قانۇنسىز كۆچمەنلەر شىد...
11-06-2016
شىنخۇا تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى زاخاروۋا شۇ جاي ۋاقتى 10- ئىيۇن مۇنداق دېگەن: رۇسىيە ئۈچىنچى بىر تەرەپنىڭ جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىگە قول تىقىشىنىڭ ۋەزىي...
10-06-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 9-كۈنى، كامبودژا فنوم پېن، شۇ جايدىكى كەنت ئاھالىلىرى يۈزىگە چىرايلىق ھەم قېنىق پەرداز قىلىپ، جىن-شاياتۇنلارنى قوغلاش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم ئاغرىق-سىلاقتىن يىراق تۇرۇشىنى شۇنداقلا مول-ھوسۇل...
30-05-2016
شىنخۇا تورى 23- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     سەئۇدى ئەرەبىستان دۆلەتلىك نېفىت شىركىتى نەچچە كۈن ئىلگىرى يىللىق دوكلات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېگەن: 2015- يىلى سەئۇدى ئەرەبسىتان ئاسىيا قىتئەسىدىكى دۆلەتلە...
Powered by Leglek