ئافغانىستان يېڭى زۇڭتۇڭىنىڭ ۋەزىپىسى ئېغىر ھەم مۈشكۈل

چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 2014-يىلى 5-ئاپرېل ئافغانىستاندا زۇڭتۇڭ سايلىمى ئۆتكۈزۈلگەن، لېكىن ھەر قايسى نامزاتلارغا بېرىلگەن ئاۋاز يېرىمدىن ئاشمىغاچقا، 14-ئىيۇن ئىككىنچى قېتىملىق سايلام ئۆتكۈزۈلگەن. ئافغانىستان «مۇستەقىل سايلام كومىتېتى» ئىككىنچى نۆۋەتلىك ئاۋاز بېرىشنىڭ نەتىجىسىنى 7-ئىيۇل ئېلان قىلغان، دەسلەپكى سايلامدا ئوتتۇرھال ئورۇندا تۇرغان سابىق مالىيە مىنىستىرى ئەشرەپ غەنى بىراقلا ئالدىنقى قاتاردا تۇرغان، دەسلەپكى سايلامدا ئالدىنقى قاتارغا ئۆتكەن سابىق دېپلوماتىيە مىنىستىرى ئابدۇللا ئىككىنچى ئورۇننى ئىگىلىگەن. ئابدۇللا بۇ قېتىملىق سايلامدا ساختىلىق مەۋجۇت دەپ قاراپ، سايلام نەتىجىسىنى ئىنكار قىلىپ، ئافغانىستاننى سىياسىي كىرزىسكە پاتۇرۇپ قويدى. خەلقئارا جەمىيەتنىڭ كېلىشتۈرىشى نەتىجىسىدە ئەشرەپ غەنى بىلەن ئابدۇللا 21- سېنتەبىر ھوقۇقتىن ئورتاق بەھرىمان بولۇش كېلىشىمى تۈزۈپ، نەھھە ئايغا سوزۇلغان سىياسىي كىرزىسنى ئاخىرلاشتۇردى. ئافغانىستان «مۇستەقىل سايلام كومېتىتى» شۇ كۈنى ئەشرەپ غەنىنىڭ سايلامدا ئۇتۇپ ئافغانىستاننىڭ يېڭى زۇڭتۇڭى بولغانلىقىنى جاكارلىدى دېيىلگەن.


قانداق قىلغاندا ئىتتىپاق، كەڭ قورساق، نۇقسانسىز ھۆكۈمەت قۇرغىلى بولىدۇ؟ 2004-يىلىدىكى ئافغانىستان ئاساسىي قانۇنىغا ئاساسەن، ئافغانىستان زۇڭتۇڭلۇق تۈزۈمىدە، زۇڭتۇڭ مەمۇرىي، ھەربىي ۋە قانۇن تۇرغۇزۇش جەھەتلەردىكى ھوقۇققا ئىگە بولۇش بىلەن بىللە، ئىككى مۇئاۋىن زۇڭتۇڭ ئۇنىڭغا ياردەملىشىدىكەن. بۇ ھوقۇق رامكىسى ئافغانىستاننىڭ قايتا قۇرۇلۇشىغا مەركەزلەشكەن بولۇپ، ھۆكۈمەت باش مەمۇرنىڭ زۇڭتۇڭ ھوقۇقىغا تەھدىت ئېلىپ كېلىشىدىن ساقلايدىكەن. تاراتقۇلار ئاشكارلىغان ھوقۇق كېلىشىمىگە ئاساسلانغاندا، ئەشرەپ غەنى زۇڭتۇڭ بولغاندىن كېيىن ئافغانىستان «ئاساسىي قانۇنى» دا بەلگىلەنگەن بارلىق ھوقۇقتىن بەھرىمان بولىدىكەن. بۇنىڭدىن قارىغاندا، بۇ ھوقۇق كېلىشىمىدە زىددىيەت كۆرۈلگەن. زۇڭتۇڭ ھەم دۆلەت رەھبىرى، شۇنداقلا ھۆكۈمەت باشلىقى، «ئاسادىي قانۇن» دا بەلگىلەنگەن رەھبەرلىك ھوقۇقىدىن پايدىلىنالايدۇ، ئېنىقكى، ئۇ دۆلەتنىڭ ئالىي رەھبەرلىق ئورنىغا چىقتى، دېيىشكە بولىدۇ. ئەمما «ھۆكۈمەت باش مەمۇرى»نىڭ مىنىستىر يىغىنىغا رەھبەرلىك قىلىشى، ھۆكۈمەتنىڭ كۈندىلىك ئىشلىرىنى باشقۇرىشى، ئەمەلىيەتتە زۇڭلىنىڭ قىلىشقا تېگىشلىك ئىشى ھېسابلىنىدۇ. ئافغانىستاندىكى ئىرق تۈسىنىڭ قۇيۇقلىقىنى كۆزگگ تۇتقاندا، جەنۇب-شىمال ئىككى سىياسىي لاگېرنىڭ قارشىلىشىشى ئافغانىستاننىڭ مۇقىملىقىغا يۇشۇرۇن خەۋىپ ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن ئىكەن.


كەلگۈسىدىكى يېڭى ھۆكۈمەت يەنە بىر قىسىم ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىشقا موھتاج. ئالدى بىلەن چەتئەل كاپىتالىنىڭ ئافغانىستانغا بولغان ئىشەنچىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرىشى كېرەك؛ ئىككىنچىدىن، ئامېرىكا ئافغانىستان بىلەن «ئىككى تەرەپ خەۋپسىزلىك كېلىشىمى» ئىمزالىشى كېرەك. ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما 28-ماي ئەسكەر چېكىندۈرىدىغان ئەي يېڭى ۋاقىت جەدۋىلىنى ئېلان قىلغان. بۇ ئورۇنلاشتۇرۇش ئافغانىستانغا نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم، شۇڭا ئامېرىكا ھۆكۈمىتى 2014-يىلىدىن كېيىن بىر قىسىم ئەسكەرلىرىنى قالدۇرىشىنى ئالدىنقى شەرت قىلىپ، «ئىككى تەرەپ خەۋپسىزلىك كېلىشىمى»نى ئىمزالىماقچى بولغان.



خەتكۈچلەر:
05-10-2014
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
11-06-2016
جۇڭگو خەۋەر تورىنىڭ 6-ئاينىڭ 10-كۈنىدىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى،     ئامېرىكىنىڭ قاتاردا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى دانا سىچېل (Dana Schell) شۇ جاي ۋاقتى 9-چىسلا ئامېرىكا ئەسكىرىنىڭ قاتارنى ھاقارەتلەش قى...
11-06-2016
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 10-ئىيۇن بېيجىڭ خەۋىرى:    ئارگېنتىنا دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى 9-ئىيۇن ئاخبارات ئېلان قىلىپ، مالۋىناس تاقىم ئاراللىرىغا بولغان ئىگىلىك ھوقۇقىنى قايتا تەكىتلىدى ھەمدە ئەنگلىيەنىڭ بۇ ئارالنىڭ تەۋە...
11-06-2016
   شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئامېرىكا تېكساس شىتاتى، ئامېرىكا ساقچىلىرى داللاستىكى love field ئايرودرومىدا قولىدا تاش كۆتۈرۈۋالغان ئەرگە كەينى-كەينىدىن توققۇز پاي ئوق ئېتىپ يەرگە يېقىتىپ، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ...
11-06-2016
   شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئامېرىكا تېكساس شىتاتى، ئامېرىكا ساقچىلىرى داللاستىكى love field ئايرودرومىدا قولىدا تاش كۆتۈرۈۋالغان ئەرگە كەينى-كەينىدىن توققۇز پاي ئوق ئېتىپ يەرگە يېقىتىپ، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ...
11-06-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، پاكىستان ھەيدەرئاباد، شۇ كۈنى پاكىستاننىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا ئامېرىكىغا قارشى كۈچ كۆرسىتىش نامايىشى پارتلىغان بولۇپ، پاكىستان پۇقرالىرى ئامېرىكا دۆلەت بايرىقىنى كۆيدۈرۈپ، ئامېرىكىنىڭ پاكىستاندا ...
11-06-2016
شىنخۇا تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     شۇ جاي ۋاقتى 6- ئاينىڭ 10- كۈنى پاكىستاننىڭ سېند ئۆلكىسىنىڭ كاراچى شەھىرىدىكى بىر مەسچىتنىڭ چوڭ سايۋىنى ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ، بەش ئادەمنىڭ قازا قىلىشى ۋە ...
11-06-2016
پايدىلىنىش ئۇچۇرلىرى تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ يىللاردا مېكسىكا ئارقىلىق ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيە شىتاتىغا كىرىدىغان جۇڭگولۇق قانۇنسىز كۆچمەنلەر شىد...
11-06-2016
شىنخۇا تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى زاخاروۋا شۇ جاي ۋاقتى 10- ئىيۇن مۇنداق دېگەن: رۇسىيە ئۈچىنچى بىر تەرەپنىڭ جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىگە قول تىقىشىنىڭ ۋەزىي...
10-06-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 9-كۈنى، كامبودژا فنوم پېن، شۇ جايدىكى كەنت ئاھالىلىرى يۈزىگە چىرايلىق ھەم قېنىق پەرداز قىلىپ، جىن-شاياتۇنلارنى قوغلاش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم ئاغرىق-سىلاقتىن يىراق تۇرۇشىنى شۇنداقلا مول-ھوسۇل...
30-05-2016
شىنخۇا تورى 23- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     سەئۇدى ئەرەبىستان دۆلەتلىك نېفىت شىركىتى نەچچە كۈن ئىلگىرى يىللىق دوكلات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېگەن: 2015- يىلى سەئۇدى ئەرەبسىتان ئاسىيا قىتئەسىدىكى دۆلەتلە...
Powered by Leglek