جاھان ئاگېنتلىقى 11-ماي خەۋىرى؛ لەگلەك تورى تەرجىمىسى: روسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرجىي لاۋروف، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جون كېررىي بىلەن سەيشەنبە كۈنى سوچىدا ئۇچرىشىدۇ، ئۇچرىشىشنىڭ باش تىمىسى سۇرىيە، يەمەن ، ئىران ۋە ئۇكرائىنىيە مەسىلىسى. روسىيە رىيا نوۋوستى خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، روسىيە ۋە ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى سەيشەنبە كۈنى روسىيەنىڭ قارا دېڭىز ساھىلىدىكى سوچى شەھىرىدە ئۇچرىشىدۇ. خەۋەردە ئېيتىلشىچە، ئىككى دۆلەت تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى ئۇچرىشىشىدا يەمەن، ئىران ۋە سۇرىيە مەسىلىلىرى بىلەن بىرگە ئۇكرائىنىيە مەسىلىسى ھەققىدە سۆھبەتتە بولىدۇ. روسىيەلىك بىر دىپلوماتىيە خادىمى، كېررىينىڭ ئۇكرائىنىيە مەسىلىسى ھەققىدە يېڭى قاراش بىلەن كېلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئېيتىپ، كېررىينىڭ زىيارىتى ئىنتايىن مۇھىم بولسىمۇ موسكىۋا بۇنىڭدىن مۇھىم بىر ئىلگىرلەش كۈتمەيدۇ دېدى.
يەمەندە سەئۇدى ئەرەبىستان باشچىلىقىدىكى بىرلەشمە ئارمىيە قىسىملىرى ئىراننىڭ قوللىشى ئاستىدىكى ھۇسىي قۇراللىقلىرىغا قارشى ھەرىكەت ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ.
سۇرىيەدە ئۆكتىچى گۇرۇپپىلار يېقىندا شىمالى ۋە جەنۇبى قىسمدا ھۆكۈمەت ئارمىيسىگە قارشى ئىلگىرلىمەكتە. روسىيە ئىران بىلەن بىرلىكتە سۇرىيەدە بەششار ئەسەد ھۆكۈمىتىنى قوللىماقتا.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved