شېكەرنىڭ ساغلاملىققا كەلتۈرگەن زىيىنى تۇزغا قارىغاندا ئېغىر بولۇپ، تۇزغا قارىغاندا ناھايىتى ئاسان يۇقىرى قان بېسىم، سەكتە، يۈرەك كېسىلىنى پەيدا قىلىدۇ.
ئوتتۇرا ئامېرىكا يۈرەك كېسەللىرى ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ بىر تەتقىقاتچىسى «يۈرەك كېسىلىگە نەزەر» ناملىق ژۇرنالدا ئېلان قىلغان ئىلمىي ماقالىسىدا مۇنداق دەپ كۆرسەتكەن: «شېكەرنىڭ ساغلاملىققا كەلتۈرگەن زىيىنى تۇزغا قارىغاندا ئېغىر، تۇزغا قارىغاندا ناھايىتى ئاسان يۇقىرى قان بېسىم، سەكتە، يۈرەك كېسىلىنى پەيدا قىلىدۇ».
تەتقىقاتچىلارنىڭ بايقىشىچە، ئىستېمال قىلىنغان شېكەر مىقدارى پۈتۈن ئېنېرگىيە مىقدارىنىڭ تۆتتىن بىرىنى تەشكىل قىلىدىغان كىشىلەرنىڭ يۈرەك، قان تومۇر كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەتىرى ئىستېمال قىلىنغان شېكەر مىقدارى پۈتۈن ئېنېرگىيە مىقدارىنىڭ %10 ىگە يەتمەيدىغان كىشىلەرگە قارىغاندا ئۈچ ھەسسە يۇقىرى بولىدىكەن. كۈندىلىك قوبۇل قىلىنغان قان شېكىرى مىقدارى 74 گىرامدىن ئېشىپ كەتكەن كىشىلەرنىڭ قان بېسىمىنىڭ 90\ 140 دىن ئېشىپ كېتىش خەتىرى نورمال ئادەملەردىن %30 يۇقىرى بولىدىكەن. تەتقىقاتچىلار يەنە تۇزنىڭ قوبۇل قىلىنىش مىقدارىنى ئازايتىشنىڭ قان بېسىمىنى تۆۋەنلىتىشتە مۇئەييەن رول ئوينايدىغانلىقىنى بايقىغان.
تەتقىقاتچىلار مۇنداق دېگەن: «بۇنىڭدىن 300 يىل ئىلگىرى شېكەرنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان يىللىق قوبۇل قىلىنىش مىقدارى نەچچە كېلوگرام كېلەتتى؛ بىراق بۈگۈنكى كۈندە ئامېرىكىلىقلار بىر يىلدا ئىستېمال قىلىدىغان شېكەر ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 35 كىلوگرامدىن 69 كىلوگرامغىچە كېلىدۇ. يەنە كېلىپ بۇلارنىڭ ھەممىسى پىششىقلاپ ئىشلەنگەن يېمەكلىكلەر بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
شۇنىڭ ئۈچۈن تەتقىقاتچىلار كىشىلەرگە كۈندىلىك يېمەك–ئىچمەكتە تۇزنى ئازراق ئىستېمال قىلىشنى، شېكەرنىڭ زىيىنىغا سەل قارىماسلىقنى مۇراجىئەت قىلىدۇ.
![]() |
بالىلار نېمە سەۋەبتىن ‹‹ياغاچ قۇلاق›› بولۇپ قالىدۇ
مەريەمگۈل ئىمىت
بىر قىسىم ئاتا–ئانىلار بالىلىرىنى ‹‹گەپ ئاڭلىمايدىغان›› بولۇپ قالدى دەپ قاقشاپلا يۈرىدۇ. بەزى ئاتا–ئانىلار ئەتىدى...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved