شىنخۇا تورى 23-ئىيۇل تېلگىراممىسى ۋە «شىنخۇا تورى» ئابۇنتلار تېرمىنالىغا ئاساسلانغاندا ، 22-ئىيۇل ياپۇنىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى تور بېتى جوڭگۇنىڭ شەرقى دېڭىزدا تەبىئې گاز ئېتىزى ئېچىشىغا ئالاقىدار ھاۋادىن تارتىلغان رەسىم ۋە خەرىتىلەرنى ئاشكارلىدى ۋە جوڭگۇ تەرەپنى ئۆتكەن ئىككى يىل مابەينىدە ئاتالمىش «جوڭگۇ-ياپۇنىيە شەرقى دېڭىز پاسىل سىزىقى» نىڭ جوڭگۇ تەرىپىدە يېڭىدىن ئون نەچچە دېڭىز-ئوكيان بۇرغىلاش سۇپىسى قۇرۇۋالدى ، ئۆز ئالدىغا بايلىق ئاچتى دېدى ھەمدە دەرھال توختىتىشنى تەلەپ قىلدى .
جوڭگۇنىڭ ئېچىش پائالىيىتى پۈتۈنلەي يوللۇق ، قانۇنلۇق ،مۇۋاپپىق بولدى.
2008يىلى ئىيۇندا جوڭگۇ ياپۇنىيە شەرقى دېڭىز مەسلىسىدە 3 تۈرلۈك ئورتاق تونۇشقا كەلگەن .ئالدى بىلەن شەرقى دېڭىزنى ئېناق ،دوستانە دېڭىزغا ئايلاندۇرۇش ؛ئاندىن ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ قانۇنى مەيدانىغا دەخلى قىلماسلىق شەرتى ئاستىدا ، شەرقى دېڭىزدا دائېرە تاللاپ ئورتاق ئېچىش ؛ ئاخېرىدا ياپۇنىيە كارخانىلىرى جوڭگۇ قانۇنىغا ئاساسەن «چۈن شىياۋ تەبىئي گاز ئېتىزى» نى بىرلىشىپ ئېچىش ھەمكارلىق تۈرىگە قاتىشىدۇ .
لېكىن ، شىنخۇا ئاگېنتلىقى ئابۇنتلار سۇپىسىنىڭ ياپۇنىيە تەرەپ 22-ئىيۇل تەمىنلىگەن رەسىمدىن بايقىشىچە ، جوڭگۇ تەرپ دىڭىز-ئوكيان ۋەزىپە سۇپىسى ئۆتكەن ئىككى يىل داۋامىدا قۇرغان چۈن شىياۋ «تەبىئي گاز ئېتىزى» غا دەخلى قىلمىغان ، ئىككى دۆلەت بۇرۇن ئورتاق ئېچىشنى تاللىغان لۇڭ جىڭ «تەبىئي گاز ئېتىزى» غا تېخىمۇ چېقىلمىغان . ياپۇنىيە ھۆكۈمىتىنىڭ جوڭگۇ تەرەپنى «بېتىمنى بۇزۇش»،«ئۆز ئالدىغا ئېچىش» تەك ناملار بىلەن ئەيىپلىشى ئاق-قارىنى پەرق ئەتمىگەنلىك ، ھەق ناھەقنى ئاستىن ئۈستۈن قىلغانلىق .
دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكى باياناتچىسى لۇكاڭ 22-ئىيۇل ئىپادە بىلدۈرۈپ مۇنۇلارنى بىلدۈردى :
جوڭگۇ تەرەپنىڭ شەرقى دېڭىز مەسلىسىدىكى ئورتاق 3 قاراشقا نىسبەتەن مەيدانى ئۆزگەرمەيدۇ، شەرقى دېڭزىغا ئالاقىدار مەسلىلەردە ياپۇنىيە تەرەپ بىلەن ئالاقىنى ساقلايدۇ ، ئاچقۇچلۇق مەسلە بولسا ياپۇنىيە ھۆكۈمىتى ئورتاق 3 قاراشقا نىسبەتەن ساغلام ئاتموسفىرا ۋە شارائىت يارىتىشى كېرەك . ھالبۇكى ، ياپۇنىيە تەرەپنىڭ قىلمىشى قەستەن زىددىيەت تۇغدۇرۇش بولۇپ شەرقى دېڭىز ۋەزىيىتىنى كونترول قىلىش ۋە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاشتا ھىچقانداق ئەھمىيىتى يوق .
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved