دىئابىت كېسىلى كەلتۈرۈپ چىقارغان تېرە كىسىلى تۆۋەندىكىدەك بەش خىل تۈرگە بۆلىنىدۇ.
1. يىرىڭلىق تىرە ياللۇغى . بويۇن ۋە ساغرا قىسىمدىكى قىززىرىپ ئىششىق، ئالاھىدىلىكى قايتا – قايتا قوزغىلىدۇ، داۋالاش بىر قەدەر قىيىن.
2. ياغسىمان تەنچىنىڭ تەدرىجى نىكروزلىنىشى. ئادەتتە پۇت تەرەپتە بولۇپمۇ پاقالچاق قىسىمدا كۆپرەك ئۇچرايدۇ. شەكلى قاتقان سېرىق رەڭلىك داغ شەكىلدە، ئەتراپى قىزىل ياكى كۆكىرىپ قالغان ھالەتتە، داغ يىگىلەپ ئولتۇرۇشۇپ قالغان ھالەتتە بولىدۇ.
3. تەسۋىسسىمان باكتىرىيە كىسىلى . ئىپادىلىنىش شەكلى ئاياللار سىرتقى جىنسى ئەزا ياللۇغى، غىلاپ ياللۇغى ، پۈرۈك ،قولتۇق ،كۆكرەك قىسىملىرىنىڭ شەلۋەرەپ قېلىشى قاتارلىقلار. بۇ خىل كىسەللىك بولسا قان ۋە سۈيدۈكتىكى قەنت ماددىسىنىڭ ئېشىپ كېتىپ تىرىنىڭ قارشىلىق كۈچىنى تۆۋەنلەشتۈرۋەتكەنلەكتىن كېلىپ چىقىدۇ.
4.دىئابىت خارەكتىرلىك يارا ۋە گانگرېنا . ئادەتتە سىرتقى جاراھەت ۋە ياللۇغلىنىشتىن تەرەققىي قىلىدۇ،ئاز بىر قىسمى ئالاھىدە ئەھۋال ئاستىدا پەيدا بولىدۇ.ئادەتتە بىر تەرەپتە سۆسۈن-كۆك رەڭلىك سۇلۇق قاپارتما، بىر تەرەپتە يارا پەيدا بولىدۇ،ئاستا-ئاستا چوڭىيىپ بارىدۇ. ئارىلاپ ئاغرىيدىغان ،ئاقساپ ماڭىدىغان ئەھۋاللار كۆرىلىدۇ.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved