ئامېرىكىدا: تېخنىكا مائارىپى بالىلاردىن باشلىنىدۇ.
ئامېرىكا بالىلىرى بالىلار باغچىسى ۋە باشلانغۇچ مەكتەپتىن باشلاپلا دەسلەپكى ئاددىي تېخنىكا تەربىيەسىنى قوبۇل قىلىشقا باشلايدۇ، ئوتتۇرا مەكتەپكە چىققاندا كەسپىي ئىقتىدارغا مۇناسىۋەتلىك مەشىقلەر تەدرىجىي كۈچەيتىلىدۇ. تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن بالىلار ئۇنىۋېرسال تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرگە كىرسىمۇ ياكى كەسپىي تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرگە كىرسىمۇ بولىدۇ.
ئەنگلىيەدە: كەسپىي مائارىپ بىلەن ئوقۇش تارىخى مائارىپىغا تەڭ ئېتىبار بېرىلىدۇ.
ئەنگلىيە دۇنيادا كەسپىي مائارىپ سىستېمىسىنى ئەڭ بالدۇر بارلىققا كەلتۈرگەن دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، 19 – ئەسىرنىڭ 20 – يىللىرىدىلا مەخسۇس پىشقان تېخنىك ئىشچىلارنى تەربىيەلەشنى باشلىۋەتكەنىدى. بۈگۈنكى كۈندە مۇكەممەل كەسپىي مائارىپ سىستېمىسى، ئىلمىيلاشقان كەسپىي مائارىپنى باھالاش ئۆلچىمى ۋە كەسپىي مائارىپنىڭ يۇقىرى ئورنى، ئەنگلىيەنى دۇنيادىكى كەسپىي مائارىپ سىستېمىسى ئەڭ تەرەققىي قىلغان دۆلەتكە ئايلاندۇردى.
ياپونىيەدە: كەسپىي مائارىپنىڭ ئاساسىي گەۋدىسى پۇقرالار ئاچقان مەكتەپلەردىن ئىبارەت.
بۇ مەكتەپلەرنىڭ كۆلىمى ئادەتتە ئانچە چوڭ بولمايدۇ، ئوقۇغۇچىلار نەچچە يۈز ئەتراپىدا بولۇپ، ئەڭ كۆپ بولغاندىمۇ 1000دىن ئېشىپ كەتمەيدۇ، ئەمما پۈتۈن مەملىكەت بويىچە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى ياپونىيەدىكى ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار ئومۇمىي سانىنىڭ ئۈچتىن بىرىگە توغرا كېلىدۇ. ئوقۇغۇچىلار كەسپىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، مەدەنىيەت – مائارىپ نازارىتى تارقاتقان باكالاۋىرغا ئوخشىشىپ كېتىدىغان ئۇنۋانغا ئېرىشەلەيدۇ، ئۆرلەپ ئوقۇغان ۋە دۆلەت مەمۇرلۇقىغا تەكلىپ قىلىنغان چاغلاردا تەڭ دەرىجىدىكى تەمىناتتىن بەھرىمەن بولالايدۇ.
فىرانسىيەدە: ئۇزاق ۋە قىسقا مۇددەتلىك كەسپىي مائارىپ مۇكەممەل بىرلەشتۈرۈلگەن.
فىرانسىيە ھۆكۈمىتى كەسپىي مائارىپقا ناھايىتى ئەھمىيەت بېرىدۇ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر دەرىجىلىك ۋە ھەر تۈرلۈك كەسپىي تېخنىكا مائارىپى دەرسلىكلىرىنىڭ ھەممىسى دۆلەت بېكىتكەن پىروگرامما ۋە تەربىيەلەش نىشانى بويىچە تۈزۈلگەن بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا فىرانسىيە يەنە كەسپىي مائارىپنىڭ ئۇزاق ۋە قىسقا مۇددەتلىك تەربىيەلەشلىرىنى بىرلەشتۈرۈش ۋە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش جەھەتتە ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىككە ئىگە.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved