چاغاندا بۇ جايلاردىن گاز سېتىۋېلىڭ

چاغاندا گاز سېتىۋالىدىغان، تەبىئىي گاز كارتىسىنى تولۇقلاپ بېجىرىدىغان، سۇيۇقلاندۇرۇلغان گاز تۇڭى ئالماشتۇرىدىغان، ئاپتوموبىلغا گاز قاچىلىتىدىغان شەھەر ئاھالىلىرى تۆۋەندىكى ۋاقىت بويىچە ئالاقىدار ئىشلارنى پۈتكۈزسە بولىدۇ.


تەبىئىي گاز ئىشلەتكۈچىلەر: ھەر كۈنى سائەت 09:30 دىن 14:00 كىچە شىنجاڭ تەبىئىي گاز گۇرۇھىنىڭ گاز ئىشلەتكۈچىلەر مۇلازىمەت زالىغا بېرىپ بېجىرسە بولىدۇ. گاز ئىشلەتكۈچىلەر 18-، 20-، 22-، 24-فېۋرال يۇقىرىغا ئوخشاش ۋاقىتتا تەۋەلىكتىكى تەبىئىي گاز باشقۇرۇش پونكىتلىرىدا يۇقىرىقى كەسىپلەرنى بېجىرسە بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، سودا بانكىسىنىڭ ھەر قايسى تور نۇقتىلىرىدا تەبىئىي گاز سېتىۋالالايدۇ.


مىچۇەن-كۆكتاغ رايونى: ھەر كۈنى سائەت 09:00 دىن 13:00 گىچە ‹‹شىنتەي›› يېقىلغۇ شىركىتى گاز ئىشلەتكۈچىلەر مۇلازىمەت مەركىزىدە ئالاقىدار رەسمىيەتلەرنى بېجىرسە بولىدۇ.


سۇيۇقلاندۇرۇلغان گاز ئىشلەتكۈچىلەر: ھەر كۈنى سائەت 08:00 دىن 16:00 گىچە شىنجاڭ تەبىئىي گاز گۇرۇھى قاراشلىق ‹‹ياشلار›› يولى، ‹‹خۇاڭخې›› يولى، ‹‹دوستلۇق›› يولى، ‹‹بەخت››يولى، ‹‹داپىڭ›› گاز ئالماشتۇرۇش پونكىتى، ساي يولى گاز ئالماشتۇرۇش پونكىتى، ‹‹تىيەنجىن›› يولىدىكى ‹‹ئامانلىق›› پونكىتى ۋە لامپۇچكا زاۋۇتى گاز ئالماشتۇرۇش پونكىتىدىن ئىبارەت سەككىز پونكىتتا گاز ئالماشتۇرۇلىدۇ. يەنە ھەر كۈنى سائەت 07:30 دىن 18:00 گىچە ‹‹قارا-قۇرۇم›› تەبىئىي گاز شىركىتى ‹‹يىنىلياڭ›› گاز ئالماشتۇرۇش پونكىتى، ‹‹ئېگىز چوققا›› گاز ئالماشتۇرۇش پونكىتى، ‹‹خۇڭخەي›› گاز ئالماشتۇرش پونكىتى، ‹‹يۇڭخۇڭ شۇاڭشىن›› گاز ئالماشتۇرش پونكىتى، ‹‹گېڭخۇا›› گاز ئالماشتۇرش پونكىتى، ‹‹تىنچلىق›› گاز ئالماشتۇرش پونكىتىدا گاز ئالماشتۇرسا بولىدۇ.


ئاپتوموبىلغا گاز قاچىلايدىغانلار: ئاپتوموبىل ئىگىلىرى شىنجاڭ تەبىئىي گاز گۇرۇھى، ‹‹شىنجيې›› شىركىتى ۋە ‹‹شىنتەي›› تەبىئىي گاز شىركىتى قاتارلىقلارغا قاراشلىق گاز پونكىتلىرىدا بېجىرسە بولىدۇ.


ئەسكەرتىش: گاز ئىشلەتكۈچىلەر تەبىئىي گاز قېچىش قاتارلىق بىنورمال ئەھۋالنى بايقىسا، شىنجاڭ تەبىئىي گاز گۇرۇھى مۇلازىمەت قىزىق لىنىيەسى 96517، ‹‹شىنتەي›› يېقىلغۇ گاز شىركىتىنىڭ تېلېفونى 3353714 ياكى شەھەرلىك يېقىلغۇ يېقىلغۇ گاز ئىشخانىسىنىڭ ئەرز قوبۇل قىلىش، نازارەت قىلىش تېلېفونى 4600779 غا ۋاقتىدا ئىنكاس قىلسا بولىدۇ.



خەتكۈچلەر:
18-02-2015
يازغۇچى: كاككۇك
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
01-02-2016
       ئادەتتە، ماغدۇرسىزلىنىش، كۆڭلى ئېلىشىش، تۇيۇقسىز باش قېيىش، كۆز تورلىشىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلگەندە، بەزىلەر بۇ قان ئازلىقنىڭ بېشارىتى، دەپ قارايدۇ. بۇ سوزۇلما خاراكتېرلىك بۆرەك زەئىپلىشىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىقق...
01-02-2016
      چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بىر قېتىملىق ئەلرايى تەكشۈرۈشى ۋە ھۆكۈمەت سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، گەرچە ئەرزان ماي باھاسى ئامېرىكا خەلقىنىڭ خېلى كۆپ پۇلىنى تېجەپ قالغان بولسىمۇ، ئەمما ئامېرىكا ئىستىمال...
01-02-2016
2015-يىلى ئېلىمىزدە ئىستېمالنىڭ خەلق ئىگىلىكىنىڭ ئېشىشىغا قوشقان تۆھپە نىسبىتى %66.4 كە يېتىپ، 15 يىلدىن بۇيان ئەڭ يۇقۇرى سەۋىيەگە يەتتى. ئىستېمال ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا تۈرتكە بولۇشتىكى بىرىنچى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ بولۇش بىلەن بىر ۋاقىتت...
01-02-2016
         تاراتقۇلارنىڭ ئەڭ يېڭى خەۋىرىگە قارىغاندا، 2- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ رۇسىيە نېفىت ئېكىسپورت تاموژنا بېجىنى ئەسلىدىكى ھەر توننىسىغا 73.3 دوللاردىن 52 دوللارغا تۆۋەنلەتكەن، تۆۋەنلىتىش چاستۇتىسى %29 كە يە...
01-02-2016
1- ئاينىڭ 29-كۈنى جۇڭگو نېفىتلىكى ئېلان قىلغان دوكلاتتا دېيىلىشىچە، شىركەت مالىيە بۆلۈمىنىڭ دەسلەپكى قەدەمدە ھېسابلىشىچە، 2015-يىلى بازارغا سېلىنغان پايدىن كەلگەن پايدا ئالدىنقى يىلدىكى ئوخشاش مەزگىلدىكىگە سېلىشتۇرغاندا %60-%70 كىچە تۆۋە...
26-01-2016
ھەر لىتىر #90 نومۇرلۇق بېنزىن باھاسى: 5.40  يۈەن. ھەر لىتىر #93 نومۇرلۇق بېنزىن باھاسى: 5.30 يۈەن. ھەر لىتىر #97 نومۇرلۇق بېنزىن باھاسى: 5.74 يۈەن. ھەر لىتىر #0 نومۇرلۇق دىزېل باھاسى: 4.86 يۈەن. نۇرغۇن...
26-01-2016
      ئۇدا ئىككى سودا كۈنى ئۆسكەندىن كىيىن، ماي باھاسى بۈگۈن يەنە تۇيۇقسىز چۈشۈپ كەتتى. WTI خام نېفىت باھاسى ئىككى سائەت ئىچىدىلا ھەر تۇڭى 32.74 ئامېرىكا دوللىرىدىن 30.88 ئامېرىكا دوللىرىغا چۈشۈپ %6 كە يېقىن چۈشۈپ كەتتى. ...
23-01-2016
ھەر لىتىر #90 نومۇرلۇق بېنزىن باھاسى: 5.40  يۈەن. ھەر لىتىر #93 نومۇرلۇق بېنزىن باھاسى: 5.30 يۈەن. ھەر لىتىر #97 نومۇرلۇق بېنزىن باھاسى: 5.74 يۈەن. ھەر لىتىر #0 نومۇرلۇق دىزېل باھاسى: 4.86 يۈەن. نۇرغۇن...
21-01-2016
    خەلقئارا نېفىت باھاسى 20-يانۋار شىددەت بىلەن %7كە يېقىن چۈشتى، بۇ يىل كىرگەن دىن بۇيان خەلقئارا نېفىت باھاسى تۈز سىزىق بىلەن تۆتتىن بىرىچىلىك چۈشتى. 20-يانۋار نيۇيورك خەلقئارا خام نېفىت قەرەللىك مال باھاسى ھەر باكى 27 ئامېر...
20-01-2016
     بازار تەمىنلەش ئېھتىياجدىن يۇقىرى بولۇشتىن ئەندىشە قىلغانلىقتىن، نيۇيورك نېفىت باھاسى 19-يانۋار داۋاملىق تۆۋەنلىدى.       19-يانۋار بازار يېپىلغاندا، نيۇيورك تاۋار بېرژىسىنىڭ 2016-يىلى 2-ئايدا مال...
Powered by Leglek