ئادەتتە خىزمەت جەريانىدا، ھەرۋاقىت پۈتۈن دىققىتىمىز بىلەن خىزمەت ھالىتىدە تۇرالىشىمىز ناتايىن. بەزىدە دىققىتى چېچىلىشتىن ساقلانغىلى بولمايدۇ، لېكىن ئەگەر خىزمەتتە دائىم ئاسانلا دىققەت چېچىلسا، ئۇنداقتا بۇنى ھەل قىلىش ئۈستىدە ئىزدىنىپ بېقىش كېرەك. خىزمەت جەريانىدا ئاسان دىققەت چېچىلسا قانداق قىلىش كېرەك ؟ تۆۋەندىكى بىرقانچە خىل ئامال بەلكىم سىزگە ياردەم قىلالىشى مۇمكىن.
خىزمەت ۋاقتىدا ئاسان دىققەت چېچىلسا قانداق قىلىش كېرەك ؟
1.خىزمەتلەرنى مۇھىملىق دەرىجىسى بويىچە بىر تەرەپ قىلىش
سىز ئاۋۋال چوڭ ۋەزىپىنى، ئاندىن كىچىك ۋەزىپىنى ئورۇندش ئۇسۇلى ئارقىلىق دىققەتنى مەركەزلەشتۈرسىڭىز بولىدۇ. مۇھىم خىزمەتلەر تىزىملىكىنى تۈزۈپ چىقىپ ھەمدە ئىشنىڭ جىددىيلىك ۋە مۇھىملىق دەرىجىسى بويىچە تۈرلەرگە ئايرىسا بولىدۇ.
2. مەخسۇس ۋاقىت بەلگىلەپ ئېلخەتلەرنى بىر تەرەپ قىلىش
ئەگەر سىز دىققىتىڭىزنى تولۇق يىغالايدىغان ئادەم بولسىڭىزمۇ، بەلكىم ئارقا –ئارقىدىن كېلىدىغان ئېلخەتلەر دىققىتىڭىزنى بۆلۈۋېتىشى مۇمكىن. ئەگەر ئەسلىدىلا ئانچە دىققىتىنى مەركەزلەشتۈرەلمەيدىغان ئادەم بولسا، بەلكىم بۇ ئېلخەت ئۇنى پۈتۈن بىر كۈن ئاۋارە قىلىشى مۇمكىن. شۇڭا زېھنىنى چېچىپ، توختىماي ئېلخەتكە قارىغۇچە، مەخسۇس ۋاقىت بەلگىلەپ ئېلخەتلەرنى بىر تەرەپ قىلىش تېخىمۇ ئاقىلانىلىىك ھىسابلىنىدۇ.
3.خىزمەتلەرنى تەقسىملەش
ئەگەر يۈكىڭىزنى ئېغىر ھېس قىلسىڭىز، ئېھتىمال سىزنىڭ ئوخشاش ۋاقىت ئىچىدە ئورۇندايدىغان ۋەزىپىڭىز بەك كۆپ بۇلىشى مۇمكىن. ئۇنداقتا، ئاۋۋال قايسى ۋەزىپىنىڭ ئۆزىڭىزگە ئېغىر كىلىدىغانلىقىنى ئايدىڭلاشتۇرىۋېلىڭ. ئاندىن ئۇنى كىچىك ۋەزىپىلەرگە پارچىلاپ، كۈندە ياكى سائىتىگە پەقەت بىر كىچىك ۋەزىپىنى ئورۇنداڭ، ئىشنى بۇنداق بىر تەرەپ قىلغاندا، تېخىمۇ ئاسان دىققەتنى مەركەزلەشتۈرۈش ئۈنۈمىگە يەتكىلى بولىدۇ.
4. ئوخشاش بىر خىزمەت مۇھىتىدا خىزمەتنى تۈگىتىش
ئەگەر سىز بۈگۈنى قەھۋەخانىدا، ئەتىسى كۈتۈپخانىدا، ئۆگۈنىسى ئۆيدە خىزمەت قىلسىڭىز، ئوڭايلا تاشقى مۇھىتنىڭ دەخلىسىگە ئۇچراپ دىققىتىڭىز چىچىلىپ كىتىدۇ. ئەمما، ئەگەر سىز ئوخشاش بىر مۇھىتتا خىزمەت قىلىپ ئادەتلەنسىڭىز، سىزنىڭ تەپەككۇرىڭىز بۇ مۇھىتقا ماسلاشسا، خىزمەت ئۈنىمىڭىزنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ.
5.تىنىچ مۇھىتتا خىزمەت قىلىش
ئەڭ كۆڭۈلدىكىدەك خىزمەت مۇھىتى بولسا ئۆزىنىڭ خۇسۇسىي ئىشخانىسى بولۇش، ئەمما بۇخىل ئارزۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش بىر قەدەر قىيىن. ئەگەر سىز چوقۇم باشقىلار بىلەن بىر ئىشخانىنى ئورتاق ئىشلەتسىڭىز، ئۇنداقتا سىز ئىمكانقەدەر كۆپ تىلفۇن ئۇرىدىغانلارنىڭ قېشىدا ئولتۇرماي، كومپىيوتىرنى كۆپ ئىشلىتىدىغان خىزمەتدىشىڭىزنىڭ قېشىدا ئولتۇرۇڭ. ئەگەر ئۇلار يىغىن ئاچسا، ئۇلارنىڭ ئىمكانقەدەر يېپىق مۇھىتتا ئېلىپ بېرىشىنى ئېيىتسىڭىز بۇلىدۇ.
6.ئۆزىنى ئازادە قويۇۋىتىش
بېسىم بەك ئېغىر بۇلۇپ كەتسە، تېخىمۇ ئوڭاي دىققەت چېچىلىپ كىتىدۇ.شۇڭا دەم ئېلىش ئىنتايىن مۇھىم. سىز نەپەسنى تەڭشەش، چوڭقۇر خىيال سۈرۈش ۋە تەسەۋۋۇر قىلىش ئارقىلىق ئۆزىڭىزنى ئازادە قويۇۋەتسىڭىز بولىدۇ. بۇۋاقىتتا ئۇنچىۋالا جىددىيلەشمەيسىز، قايتىدىن تەپەككۈر قىلىپ، ئۆزىڭىزگە بىر تەڭشەش پۇرسىتى يارىتىپ بېرەلەيسىز.
7. بەلگە قويۇشنى ئۆگىنىۋېلىش
يىغىندا ياكى تىلفۇندا بەلگە قىلىۋالسىڭىز، سىزنىڭ قىلىدىغان ئىشلارنى ئەسكە ئېلىشىڭىزغا ياردىمى بولىدۇ. شۇنداقلا سىز ھەرخىل تىزىملىكلەردە بەلگە قىلىش ئارقىلىق، مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرسىڭىزمۇ بۇلىدۇ. بەلگە قويۇشنىڭ يەنە بىر پايدىسى شۇكى، ئەگەر يىغىن ۋاقتىدا ئاڭلىغۇڭىز كەلمىسە ياكى دىققىتىڭىز چېچىلىپ كەتسە، مەزمۇنلاردا بەلگە قىلىش ئارقىلىق دىققىتىڭىزنى يىغالايسىز.
8.تەشكىللەش ئىقتىدارى كۈچلۈك ئادەملەر بىلەن ھەمكارلىشىڭ
نۇرغۇن دىققىتىنى يىغالمايدىغان، ئەمما يەنىلا مۇۋەپپىقىيەت قازانغان كىشىلەرنىڭ بىر ئورتاق ئالاھىدىلىكى بار، ئۇلار توغرا بولغان قوللاشقا ئېرىشكەن، ئۆزىگە ھەقىقىي ياردەم قىلالايدىغان دوستنى تاپقان. ئەگەر سىز بىر سودىگەر بولسىڭىز،سىز چوقۇم ئەتراپىڭىزدىكى كىشىلەرنىڭ مۇتلەق تەشكىللەش ئىقتىدارى بارلىقىغا، بىركۈنلۈك خىزمەتلەرنى پىلانلىيالايدىغانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىشىڭىز كېرەك. توغرا دوست باھاسىز گۆھەردۇر.
دەرس ۋاقتىدا دىققىتىڭىز چېچىلىپ كەتسە، بەلكىم مۇئەللىمىدىن بىرنەچچە ئېغىز تەنبىھ ئاڭلىشىڭىز ياكى مۇنداقلا ئەسكەرتىش بېرىپ قويۇشى مۇمكىن. ئەمما خىزمەت ۋاقتىدا دىققىتىڭىز چېچىلىپ كەتسە، بەلكىم خوجايىنىڭىز سىزگە تاپشۇرغان ۋەزىپىنى ئورۇندىيالماسلىقىڭىز، ھەتتا خوجايىنىڭىزنىڭ سودىسىنى بۇزۇپ قويۇشىڭىز مۇمكىن. ئۇنداقتا بۇ بەلكىم بىر نەچچە ئېغىز تەنبىھ ئاڭلاش بىلەن تۈگىمەسلىكى، ھەتتا تاماق قاچىڭىزدىن ئايرىلىپ قېلىشىڭىز مۇمكىن. شۇڭا خىزمەت ۋاقتىدا يىنىكلىك قىلىشقا بولمايدۇ، چوقۇم دىققەتنى مەركەزلەشتۈرۈشنى ئۆگىنىۋېلىش كېرەك.
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئۇكرائىنا كىيىۋ، شۇ كۈنى ئوقۇغۇچىلار كىيىۋ شەھەر مەركىزىدىكى مۇستەقىللىق مەيدانىغا جايلاشقان فونتاندا سۇ چېچىشىپ ئويناپ، ئوقۇش مەۋسۈمىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى تەبرىكلىدى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved