ئەنگىلىيە ‹‹ كۈندىلىك پوچتا گېزىتى ›› نىڭ 29-ئىيۇلدىكى ئۇچۇرىغا قارىغاندا ، ئەنگىلىيە سەھىيە تارماقلىرىنىڭ مەسئۇللىرى ئەنگىلىيە دوختۇرلىرىنى دۇنيادىكى ئەڭ يامان كېسەللىك ۋىرۇسى ـــــ ئېبولا ۋىرۇسىغا قارىتا ھوشيارلىقىنى ئاشۇرۇشقا دەۋەت قىلغان ، بۇ ۋىرۇس غەربىي ئافرىقىدا يامرىغان بولۇپ ، نۆۋەتتە ئەنگىلىيەدە تارقىلىشى مۇمكىنكەن .
ئېبولا ۋىرۇسى بۇ يىل 2-ئايدا تۇنجى قېتىم بايقالغاندىن بۇيان ، 1200 ئادەم بۇ خىل ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان . گۋىنىيە ، لىبېرىيە ۋە سېررالېئوندا 672 ئادەم قازا قىلغان . بۇ ، ئېبولا ۋىرۇسىنىڭ تارقىلىش دائىرىسىنىڭ تۇنجى قېتىم غەربىي ئافرىقا ئورمان ، كەنتلىرىدىن ھالقىپ ئۆتۈپ ، چوڭ شەھەرلەردىكى ئاھالىلەر زىچ رايونلارغا كېڭىيىشى ئىكەن .
بۇ خىل ۋىرۇسنىڭ تارقىلىش مەنبەسى خەلقئارا نۆۋەتچى ئايروپىلانلار ئۆتۈشىدىغان ھەر قايسى جايلار بولۇپ ، مۇتەخەسسىسلەر بۇ خىل ۋىرۇسنىڭ ئافرىقا قۇرۇقلۇقىدىن غەربكە قاراپ تارقىلىشىدىن ئەنسىرىگەن ، لېكىن بۇ خىل ۋىرۇس دۇنيادىكى 5 / 1 دۆلەتكە كېڭىيىشى مۇمكىنكەن . ئامېرىكا سەھىيە دائىرلىرى ۋىرۇسنىڭ ئورمان ئوت ئاپىتىدەك يامرايدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان . مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە ، ئېنىق دىئاگنوز قويۇلغان كېسەللىكلەرنىڭ يېڭى بىر دائىرىدە كۆپىيىشى ۋە كېڭىيىشى كىشىنى ئەندىشىگە سالىدىكەن ، چۈنكى بۇ ، يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ تېخى كونترول قىلىنمىغانلىقىنى بىلدۈرىدىكەن .
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 6-كۈنى، گىرېتسىيە ئافىنا، شۇ كۈنى گىرېتسىيە پۇقرالىرى 48 سائەت ئىش تاشلاپ پېنسىيە مائاشى ئىسلاھاتىغا قارشى ئېتىراز بىلدۈردى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved