ئەپلاتون مىلادىيىدىن ئىلگىركى 427-يىلى يۇناننىڭ ئافېنا شەھىرىدىكى بىر ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن . ئۇنىڭ ئاتا جەمەتىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى ھۆكۈمەتتە مۇھىم ۋەزىپە ئۆتىگەن بۇلۇپ ،ئۇلار ئەپلاتوننى شۇ دەۋردە ئەڭ كۆڭۈلدىكىدەك تەربىيىلىنىش شارائىت بىلەن تەمىنلىگەن .مول بايلىق ۋە يېتەرلىك ۋاقىت ئۇنىڭغا بىر ئۆمۈر ھەمراھ بولدى . ئائىلىسىنىڭ تەربىيىسى تەسىرىدىن ئەپلاتون ياش مەزگىلىدىلا سىياسىغا قىزىقىپ قالغان ،يۇنناندىكى زەھەر دۆلەتلىرى ۋەزىيىتىنىڭ تەرەققىياتى ئۇ كۆڭۈل بۆلىدىغان ئوبىكىتقا ئايلانغان . ئەپلاتون تۇغۇلۇشتىن بۇرۇن يۇناندا پلوپوننېسوس ئۇرۇشى پارتلىغان .بۇ ئۇرۇش 30يىلچە داۋاملىشىپ ئافېنا ئىتتىپاقىنىڭ مەغلۇبىيىتى بىلەن ئاياغلاشقان ئىدى .
بۇ نەتىجە ئافېنا دېموكراتىك سىياسىسىنىڭ نۇقسانلىرىنى ئاشكارىلىدى ،شۇنداقلا ئەپلاتوننى ئۈمىدسىزلەندۈردى ،شۇڭا ئەپلاتون ئافىنادا سىپارتاكنىڭكىگە ئوخشاپ كېتىدىغان سىياسىي تۈزۈمنىڭ يولغا قويۇلۇشىنى ،دۆلەتنىڭ چوڭ ھوقۇقىنىڭ ئاز ساندىكى پاراسەتلىك ئىستېداتلىق ئەخلاقلىق كىشىلەرنىڭ ئىلكىدە بۇلىشىنى ئۈمىد قىلدى .ئۇرۇشتىن كېيىن كۆپ ئۆتمەي ئافىنادا دېموكراتىك تۈزۈم ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى . يېڭى ھاكىمىيەتنى سىياسىي تەۋەككۈلچىلەر ،قايمۇقتۇرغۇچىلار ۋە ئۆز نەپسىگە چوغ تارتىدىغانلار كونترول قىلىۋالدى .ئۇلار ئىلاھىي نەرسىلەرنى كۆزگە ئىلماسلىق جىنايىتى دېگەندەك كۈلكىلىك جىنايەت بىلەن سوقراتنى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلدى . بۇ ئىش ئەپلاتوننىڭ دېموكراتىك سىياسىي تۈزۈمگە بولغان ئاداۋىتىنى كۈچەيتىۋەتتى .
ئەپلاتون 20 ياشتىن باشلاپ سوقراتنى ئۇستاز تۇتۇپ پەلسەپە ئۆگەندى ۋە تەتقىق قىلدى .ئەپلاتوننىڭ ئۇستازى ۋە دوستى بولغان سوقرات روھ ئۆلمەيدۇ دېگەن قاراشنى تەشەببۇس قىلاتتى .ئاق كۆڭۈل ئادەم يامانلىق قىلمايدۇ دەپ قارايتتى ،بۇ ئىدىيلەر ئەپلاتونغا چوڭقۇر تەسىر قىلدى .ئەپلاتون سوقراتنى ئۇلۇغلاپ ئۇنى ئۆز دەۋردىكى ئەڭ دۇرۇس ئەڭ پاراسەتلىك ئادەم دەپ قارىدى .ئەپلاتوننىڭ ئەسەرلىرى دىئالوگ خاتىرىسى ئۇسلۇبىدا يېزىلغان بۇلۇپ ئۇنىڭ كۆپ قىسمىغا سوقرات ئاساسىي سۆھبەتلەشكۈچى تەرەپ قىلىنغان ئىدى .سوقرات ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن ئەپلاتون ئافېنادىن ئايرىلىپ باشقا جايلاردا 12 يىل ساياھەت قىلدى ،ئىلگىرى كېيىن بۇلۇپ كىچىك ئاسىيانىڭ دېڭىز ياقىسى مىسىر ،شىمالىي ئافرىقا ،ئىتالىيىنىڭ جەنۇبىغا بېرىپ جايلارنىڭ تۈزۈم ئۆرۈپ ئادەتلىرىنى تەكشۈردى ،ھەر قايسى يۇرت ئالىملىرى بىلەن ئۇچراشتى ،ئۇ ناھايىتى تېزلا داڭلىق پەيلاسوپقا ئايلاندى .
ئەپلاتوننىڭ ئىدراك نەزىرىيىسى ۋە غايىۋى دۆلەت
ئەپلاتون پەلسەپىسى چىنلىق بىلەن ھادىسىنىڭ ئۈستىگە قۇرۇلغان .ئەپلاتوننىڭ قارىشىچە دۇنيا ئىككى قىسىمدىن تەركىب تاپىدۇ .بىرى ئىدىيىدىن تەشكىل تاپقان ئەقلى دۇنيا يەنە بىرى ئايرىم ھادىسىلەردىن تەشكىل تاپقان ھېسسىي دۇنيا .ئالدىنقىسى چىن مۇكەممەل مەڭگۈلۈك كېيىنكىسى ساختا كەمتۈك ۋە ئۆزگىرىشچان بولىدۇ .ئەپلاتوننىڭ قارىشىچە ،ئىدىيە ماددىدىن بۇرۇن مەۋجۇت بولىدۇ ،بىلىم ئادەمدە تۇغما بار بولىدۇ .كىشىلەرنىڭ ئۆگىنىش جەريانى ئەسلەش جەريانىدىن ئىبارەت خالاس . شۈبھىسىزكى ،بۇ باش -ئايىغى ئاستىن ئۈستۈن قىلىۋېتىلگەن ئىدېئالىزمدۇر .
دۆلەت ئەپلاتوننىڭ غايىۋى دۆلەت توغرىسىدىكى قىياسى مەركەزلىك ئەكىس ئەتكەن . ئەپلاتوننىڭ قەلبىدىكى غايىۋى دۆلەت ئۈچ سىنىپقا تەۋە ئادەملەردىن ،يەنى دۆلەتنى باشقۇرغۇچىلار دۆلەتنى قوغدىغۇچىلار ۋە ئىشلەپ چىقارغۇچىلاردىن تەركىبلەنگەن .
دۆلەتنى باشقۇرغۇچىلار دۆلەتنى ئىدارە قىلىشقا مەسئۇل بولىدۇ ،شۇڭا ئۇلاردا ئەقىل پاراسەت بۇلىشى لازىم ،دۆلەتنى قوغدىغۇچىلار تاشقى جەھەتتىن دۈشمەندىن مۇداپىئەلىنىش ئىچكى جەھەتتىن خەلقنى قوغداشقا مەسئۇل بولىدۇ . شۇڭا ئۇلاردا باتۇرلۇق پەزىلەت بۇلۇ ش لازىم .ئىشلەپ چىقارغۇچىلار ئىشلەپچىقىرىش بىلەن شۇغۇللىنىدۇ ،قۇللار پەقەت سۆزلىيەلەيدىغان قورال خالاس .بۇ ئۈچ سىنىپ ئۆز پەزىلىتىنى ساقلاپ ،مەسئۇلىيىتىنى ياخشى ئادا قىلالىسىلا دۆلەت ئىناق بولىدۇ .ئىناقلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن ،ئەپلاتون پەيلاسوپ -ئاتالمىش پەلسەپە پىرىلىرنىڭ دۆلەت ھۆكۈمرانى بولۇشنى تەشەببۇس قىلدى . چۈنكى ئۇ پەلسەپە پىرى ئەقىل پاراسەت ،ھەققانىيەت تۇيغۇسى ۋە ئاقىلانىلىككە ھەممىدىن باي كېلىدۇ دەپ قارايتى ،
ئەپلاتون ئۆمرىدە سراكۇزنى ئۈچ قېتىم ساياھەت قىلغان .ئەپلاتون 1-قېتىملىق ساياھىتىدە ئارچتا بىلەن تونۇشتى ،ئارچتا داھىيلىق بىلەن پەيلاسۇپلۇقنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەنىدى ،ئەپلاتون ئۇنىڭ جىسىمدىن پەلسەپە پىرىنىڭ پروتوتىپىنى بايقىدى . ئەپلاتوننىڭ نەزىرىدكى غايىۋى دۆلەت نۇقۇل خام خىيال بولماستىن بەلكى يۇناننىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى تۈرلۈك ھاكىمىيەت تۈزۈلمىسىنىڭ نۇقسانلىرىنى كۆزدە تۇتۇپ ئوتتۇرىغا قۇيۇلغان ئىدى .بەزى جەھەتلەردە سىپارتانىڭ ئىجتىمائىي تۈزۈمى ۋە تۇرمۇش ئۇسۇلى ئۈلگەقىلىنغان ئىدى .گەرچە پەلسەپە پىرىنىڭ غايىۋى دۆلىتى ئاخىرقى ھېسابتا ئوتوپىيىگە بولسىمۇ لېكىن كىشىلەر ئۇنىڭ بايانلىرىدىن يەنە ئاز تولا ئىلھام ئالدى .
ئەپلاتون ئاكادېمىيىسى
ئەپلاتون سراكۇزنى تۇنجى قېتىم ساياھەت قىلىپ قايتىپ كەلگەندىنكېيىن ئاكادېمىيە بىلىم يۇرتى قۇردى ۋە شۇنىڭدىن كېيىنكى 40 يىلنى ئاساسىي جەھەتتىن مۇشۇ بىلىم يۇرتىدا ئۆتكۈزدى .بىلىم يۇرتىنىڭ قۇرلىشى ئەپلاتوننىڭ ھاياتىدىكى بۇرۇلۇش نۇقتىسى شۇنداقلا ياۋروپا ئىلىم پەن تارىخىدا خاتىرىلەشكە تېگىشلىك ۋەقە ئىدى .كېيىنچە غەربتىكى ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئىلمىي تەتقىقات ئورنى ئۇنىڭ نامى بىلەن ئاكادېمىيە دەپ ئاتالدى . ئەپلاتون ئاكادېمىيىسى ياۋروپا تارىخىدىكى تۇنجى ئۇنۋېرسال مەكتەپ بۇلۇپ ،ئۇنىڭدا بىلىم بېرىش ئىلمىي تەتقىقات ،سىياسىي مەسلىھەت بېرىش ئالىم -ئۆلىمالار ۋە سىياسىي ئىختىساسلىقلارنى تەربىيىلەش بىر گەۋدىلەشكەن ئىدى .ئاكادېمىينىڭ ئوقۇغۇچىلىرى ئۇقۇش ھەققى تاپشۇرمايتى .لېكىن ئۇلارنىڭ تۆۋەن دەرىجىلىك ماتېماتىكا بىلىملىرىنى بىلىشى شەرت ئىدى .ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ كۆپ قىسمى يۇناندىكى شەھەر دۆلەتلىرىنىڭ يۇقىرى تەبىقىسىدىن كەلگەن ئىدى .ئوغۇل ئوقۇغۇچىلار بىلەن قىز ئوقۇغۇچىلارغا باراۋەر مۇئامىلە قىلىناتتى .
ئاكادېمىيە ھېساب ،گېئومېترىيە ،ئاسترونومىيە دەرسلىرى تەسىس قىلىنغان ئىدى . ئەپلاتون :ئاكادېمىيە ئوقۇغۇچىلىرى گىئومېتىرينى ياخشى ئۆگىنىش كېرەك ،بولمىسا ئۇلار سىرلىق پەلسەپە قەسرىگە قەدەم باسالمايدۇ دېگەننى كۆپ تەكىتلەيتتى .ئاكادېمىيە نۇرغۇن داڭلىق ئالىم ئۆلىمالارنى يېتىشتۈردى ،كاتا شۆھرەت قازانغان ئارىستوتېل ئۇلارنىڭ ۋەكىلى ئىدى .ئەپلاتون دەۋرىدىكى ئاكادېمىيە ئەينى ۋاقىتتىكى بىلىمگە تەشنا ياشلار تەلپۈنىدىغان جايغا ئايلانغان ئىدى .
ئۆمۈر بويى تەنھا ياشىغان 80 ياشلىق بۇ پەيلاسوپ بىر قېتىملىق توي زىياپىتىدە ساپ -ساق پېتى جان ئۈزدى .ئەپلاتون سوقراتنىڭ ۋارىسى ئاكادېمىينىڭ قۇرغۇچىسى بۇلۇش سۈپىتى بىلەن كىشىلەرنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشتى .ئىدىيە تارىخى ،پەلسەپە تارىخى سىياسەتشۇناسلىق ،جەمئىيەتشۇناسلىق شۇنداقلا تەبئىي پەن تارىخىنى تەتقىق قىلىشتا ئەپلاتوندىن ئەگىپ ئۆتكىلى بولمايدۇ .گەرچە ئۇنىڭ ئىدىيىسى ئۈستىدە بەس مۇنازىرە قىلىنىۋاتقان بولسىمۇ ،لېكىن .ئۇنىڭ سىياسىي تارىخى ۋە مەدەنىيەت تارىخىغا كۆرسەتكەن تەسىرىنى ھەممە ئورتاق ئېتىراپ قىلىدۇ .
لەگلەك تورى تەرجىمە قىلىپ تەييارلىدى.
لەگلەك تورى ئۈندىار سالونىنى قۇشىۋېلىڭ ئىزدەش نومۇرى :LEGLEK
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved