جاھان ئاگېنتلىقى 18-ئاپرېل خەۋىرى؛ لەگلەك تورى تەرجىمىسى: ئۇكرائىنىيە قۇراللىق قىسىملىرىنى تەربىيلەش ۋە ئۇكرائىنيە-ئامېرىكا ھەربىي مانىۋېرىغا قاتنىشىش ئۈچۈن 300 نەپەر ئامېرىكا ئەسكىرى ئۇكرائىنىيەگە كەلدى. شەرقى قىسىمدىكى مۇستەقىللىق تەلەپ قىلغۇچىلارغا قارشى قارشى كۈرەش قىسمى باياناتچىسى ئاندرىي لىسىنكوۋ، بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا ئارمىيسنىڭ 173. ھەربىي قىسمىغا قاراشلىق 300 ئەسكەرنىڭ ئۇكرائىنىيە ئەسكەرلىرىنى تەربىيلەش ۋە ئۇكرائىنىيە-ئامېرىكا ھەربىي مەشىقى ۋە مانىۋېرىغا قاتنىشىش ئۈچۈن ئۇكرائىنىيەنىڭ لىۋىۋ رايۇنىغا كەلگەنلىكنى بىلدۈردى.
ئامېرىكىلىق ئەسكەرلەر كىلەر ھەپتىدىن باشلاپ ئۇكرائىنىيەنىڭ جەنۇبىدىكى لىۋىۋ رايۇنى ئەتراپىدىكى ھەربىي بازىدا 900 نەپەر ئۇكرائىنىيە ئەسكىرىنى تەربىيلەپ مەشىقلەندۈرىدۇ. بۇ قېتىملىق تەربىيلەش-مەشىقلەندۈرۈش 3 باسقۇچلۇق بولۇپ ھەر بىر باسقۇچى 8 ھەپتە داۋاملىشىدۇ. ھەربىي تەربىيلەش خىزمىتى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ئامېرىكا-ئۇكرائىنىيە ئەسكەرلىرى ئارىىسدا بىرلەشمە مانىۋېر ئۆتكۈزىلىدۇ.
بۇنىڭدىن بۇرۇن ئۇكرائىنىيە پرېزىدېنتى پىترو پوروشىنكوۋ بىلەن ئامېرىكا پرېزىدېنت ياردەمچىسى بىدىن ئارىسىدا، ئامېرىكىلىق ئەسكەرلەر تەرىپىدىن ئۇكرائىنىيە قۇراللىق قىسىملىرىنىڭ تەربىيلىنىشى ۋە ئىككى دۆلەت ئارىىسدا بىرلەشمە مانىۋېر ئۆتكۈزۈلىشىگە دائىر كېلىشىم ئىمزالانغان ئىدى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved