2015-يىلى ئۈرۈمچىدە 11 مىڭ 500 يۈرۈش كاپالەت خاراكتېرلىك تۇرالغۇ ئۆي سېلىنىدىغان بولۇپ، 5-ئايدا ئىش باشلىنىدىكەن، ئەگەر شەرتكە ئۇيغۇن كەلسىڭىز ئۆزىڭىز تۇرۇشلۇق مەھەللە كومىتېتىغا بېرىپ ئىلتىماس قىلسىڭىز بولىدۇ.
2015-يىلى ئۈرۈمچىدە 9500 يۈرۈش ئاممىۋى ئىجارىلىك ئۆي، 2000 يۈرۈش ئەرزان قولايلىق ئۆي بولۇپ جەمئىي 11 مىڭ 500 يۈرۈش ئۆي سېلىش پىلانغان بولۇپ، 5-ئايدا ئىش باشلىنىدىغان بۇ ئۆيلەر ئاساسلىقى سايباغ رايونى تۈشۈكتام بۆلەك رايونى، مىچۈەن-كۆكتاغ رايونى بۆلەك رايونى ۋە ئىقتىسادىي-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى خېنەن يولى بۆلەك رايونىغا سېلىنىدىكەن.
نۆۋەتتە ئۈرۈمچىدە ئەرزان ئىجارىلىك ئۆي ۋە ئاممىۋى ئىجارىلىك ئۆيلەرگە مەبلەغ جۇغلاش، ئىلتىماس قىلىش، تەقسىملەش، باشقۇرۇش قاتارلىقلار بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەن. كاپالەت خاراكتېرلىك ئائىلىلەر كاپالەت ئوبيېكتىنىڭ كونكرېت ئەھۋالىغا ئاساسەن بېكىتىلىدىكەن.
ئۈرۈمچى شەھىرى 2007-يىلى كاپالەت خاراكتېرلىك ئۆي خىزمىتىنى ئىشقا كىرىشتۈرگەندىن باشلاپ، ھازىرغىچە 71 مىڭ 400 يۈرۈش كاپالەت خاراكتېرلىك ئۆي سېلىنىپ، 24 مىڭ 57 ئائىلىلىك كۆچۈپ كىرگەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved