سەمرىشىڭىزنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئامىللار

ئۆزىڭىز ھازىر ھېس قىلىۋاتامسىز ، ئىلگىرىكى يامان ئادەتلىرىڭىزنىڭ ھازىر ئاستا- ئاستا چىقۋاتقانلىقىنى ، تۆۋەندىكىلەرنى كۆرۈپ ئۆزىڭىزنىڭ ھازىر سەمىرىش ھالىتىدە ئىكەنلىكى ياكى ئەمەسلىكىنى بىلەلەيسىز ،،

1. پەقەت بىرلا ئىشتىنىڭىزنىڭ كىلىدىغانلىقىنى ھېس قىلىسىز.

ئەگەر بەدەن ئېغىرلىقىڭىز ئېشىپ بارسا ،ئۇ چاغدا باشقا كىيىملىرىڭىزنى قايتا كىيەلمەيسىز، شۇ چاغدا ئىشتان ياكى كەڭرەك كۆينەك كىيسىڭىز ئۆزىڭىزنىڭ ھەقىقى ھەمىرۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىسىز،

2. چېچىلاڭغۇ، تەرتىپسىز ھېس قىلىسىز.

گۈزەللىك ۋە ھاياتىي كۈچ نەگە كەتتى، ئەگەردە تۇيۇقسىز نەچچە كىلوگىرام سەمىرىپ كەتسىڭىز ، سىزنىڭ تۇرمۇش ۋە پىسخىكىڭىزغا زور تەسىر كۆرسىتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن سىز بۇرۇنقى ئۆزىڭىزگە ئىشىنىدىغان ، زىلۋا ھالىتىڭىزنى قايتا ئەسلەيسىز ، شۇچاغدىكى ھالىتىڭىزگە قايىتقۇڭىز كىلىدۇ، بىراق قانداق قىلغاندا ئاشۇ چاغدىكى ھېس تۇيغۇڭىزنى قايتۇرۇپ ئەكەلگىلى بۇلىدۇ،؟

3.قورساق ۋە ئاشقازان قىسىمىڭىزدا ماي كۆپىيىش.

چوڭ بىلىكىڭىز چوڭىيىپ، يوتىلىرىڭىز توملىشىپ بەل ،ئاشقازانلىرىڭىز كىيىم كىيسىڭىز يۇشۇرۇپمۇ يۇشۇرۇپ بۇلالمايسىز، شۇڭا سىز ھازىردىن باشلاپ بەدەن مەشىقىنى داۋاملاشتۇرۇڭ، ئىسسىقلىق مىقدارى ئاز يىمەكلىكلەرنى كۆپرەك يەڭ.بولمىسا كىيىن ئۈلگىرەلمەي قالىسىز.

4. تېلۋۇزۇر كۆرگەندە ئۇششاق- چۈششەك يىمەكلىكلەرنى يىيىش.

سىز كومپىيوتىر ئالدىدا تورغا چىققاندا، خىزمەن قىلغاندا، كىنو كۆرگەندە بىر نەرسە يىيىشكە ئامراقمۇ،؟ بۇ چاغدا سىزنىڭ دېققىتىڭىز باشقا نەرسىلەردە بۇلۇپ يىۋاتقان يىمەكلىكىڭىزنىڭ ئاز كۆپلىكىنى ئەسلا ئويلاشمايسىز، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ يىمەكلىكلەرنىڭ ئېنىرگىيەسى ئىنتايىن يۇقىرى، مەسىلەن؛ پىرەنىك، كەمپۈت، ياڭيو قەلەمچىسى، گازىر قاتارلىقلار. ئۇلاردا كىرىدىغان كالورىيەمۇ ئىنتايىن يۇقىرى، شۇڭىلاشقا بۇ ئادىتىڭىز نى ئۆزگەرىتمىسىڭىز ھەرگىزمۇ ئورۇقلاش مەقسىتىگە يىتەلمەيسىز، بۇنىڭ ئورنىغا باشقا ئىش قىلىڭ. مەسىلەن؛ ناخشا ئاڭلاڭ، كىنو كۈرۈڭ، چاي ئىچىڭ ، ئورنىڭىزدىن تۇرۇپ ھەرىكەت قىلىڭ.

5.ئىككى ھەپتىگىچە ئازراقمۇ ھەرىكەت قىلىشنى خالىماسلىق.

تەكشۈرۈشلەرگە قارىغاندا ، مۇۋاپىقىيەتلىك ئورۇقلىغانلارنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى بولسا ھەرىكەتتىن كىلىدىكەن، ئەلۋەتتە ، سىزنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىڭىز مۇ بىر ھەرىكەت ، مەسىلەن؛ ئۆي ئىشلىرىنى قىلىش ، .خىزمەتكە بېرىش كىلىش يولى، ئىشخانىدا ھەرىكەت قىلىش قاتارلىقلار، پەقەت سىزلا ھەرىكەت قىلىشنى خالىسىڭىزلا ، ئازىراق ۋاقىت چىقارسىڭىزلا ئورۇىلاش مەقسىدىگە يىتەلەيسىز، ئىسىڭىزدە بولسۇن ئورۇقلاش بىلەن چېنىقىش ھامان بىللە مەۋجۈت بۇلۇپ تۇرىدۇ.

6.دائىم ئېغىزىڭىز قۇرۇش.

ئادەتتە بەك ئۇسساپ بۇلالمىغاندا سۇ ئىچمەي ئادەتتىكى ۋاقىتتىمۇ ئىچسىڭىز بۇلىدۇ، ئاساسلىق ئاق قايناقسۇ، مىنىرال سۇ ئىچسىڭىز ياخشى. ھەر كۈنى 1000-2500 مىللىلىتىرغىچە سۇ ئىچىپ يەنە ھەرىكەتنىمۇ بىرلەشتۈرۈپ بەرسىڭىز ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى، بۇ سالامەتلىككە پايدىلىق بۇلۇپلا قالماي يەنە ، ئۇششاق- چۈششەك يىمەكلىكلەردىن ئۆزىڭىزنى چەكلىشىڭىزگە پايدىلىق .

7. قەۋزىيەت.

سىزنىڭ قەۋزىيەت بۇلىشىڭىزنىڭ سەۋەبى بولسا ، سىز ئۇزاق ۋاقىت بولدى مېۋە، سەي كۆكتاتنى يىمىدىڭىز ياكى بەك ئاز يىدىڭىز. تالا ماددىسى بولسا قورساقنى بىرخىل توق ھالەتتە ساقلاپ تۇرىدۇ، بەدەننىڭ ماي ماددىسىنى سۈمۈرۈشنىمۇ ئازايتىدۇ، شۇڭا ئورۇقلاش ئارزۇسى بارلارنىڭ چۇقۇم يىيىشكە تىگىشلىك يىمەكلىكى. ئادەتتە چوڭلار ھەر كۈنى 40-50 گىرامغىچە تالا ماددىسىغا ئېھتىياجلىق، بىراق كۆپىنچە كىشىلەر قىلىپ بۇلالمايدۇ، ئورۇقلاشمۇ تەسكە توختايدۇ، ئاسان قورساق ئاچىدۇ، ئاسانلا قەۋزىيەەت بۇلۇپ قالىدۇ، شۇڭا كۈندىلىك يىمەكلىكتە چۇقۇم تالا ماددىسى كۆپ يىمەكلىكنى كۆپرەك يىيىش كېرەك.

ئادەم ياش چوڭىيىپ قالغاندا بەدەندە مېتابولىزىم ئاستىلايدۇ، بەدەندە ئايلىنىدىغان ئىسسىقلىقمۇ ئازىيىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ئاياللار كىلىماكتېرىيە دەۋرىدە سەمىرىپ قالسا، بۇ قورساققا ياغ يىغىلىپ قالغانلىقنىڭ ئىپادىسى بولىدۇ. بۇنداق چاغدا چېنىقىش ئۇسۇلى توغرا بولمىسا، يەنى يۈگۈرۈش، ۋېلىسىپىت مىنىش قاتارلىق ئوكسىگېنلىق ھەرىكەت قىلىنسا، ئادەم قورساقنى ئورۇقلىتىش مەقسىتىگە يېتەلمەيدۇ، پەقەت ھەپتىدە 250 مىنۇتلۇق ئوتتىرا دەرىجىلىك يۈگۈرەش ياكى 125 مىنۇتلۇق سالمىقى يۇقىرى چېنىقىش ئۇسۇلىنى قوللانغاندا قورساقنى ئورۇقلىتىش روياپقا چىقىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، قورساقنى قاتلاپ كىچىكلەتمەكچى بولغانلار ئەڭ ياخشىسى بۇ ھەرىكەتنى توختاتقىنى ياخشى، ياغنى كۆيدۈرۈش مەقسىتى مەركىزىي مۇسكۇلنى چېنىقتۇرۇش ئارقىلىقلا ۋۇجۇتقا چىقىدۇ.ئۇنىڭدىن باشقا، بولكا، پىچىنە ۋە ئىچىملىككە ئوخشاش پىششىقلانغان نەرسىلەرنى بەك كۆپ يېيىش بەدەندە ياللۇغ پەيدا قىلىپ ئاجىزلاشتۇرۇۋېتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن قۇرساققا يېغىلىۋالغان ياغ ئازايماستىن بارغانسىرى كۆپىيىپ كېتىدۇ. چۈنكى گۆش ۋە پىچىنە-پىرەنىكتىكى تويۇنمىغان ياغ قورساقتىكى ياغنى كۆپەيتىۋېتىدۇ. زەيتۇن يېغى، قاتتىق پوستلۇق مېۋە ۋە سالمون بېلىقى قاتارلىقلارنى مۇۋاپىق يەپ بەرسە، ياللۇغقا قارشى تۇرۇش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ.

تىلغا ئېلىشقا تىگىشلىك يەنە بىر ئامىل بېسىم، ۋاقىتنى بەك زىچ ئورۇنلاشتۇرۇش، مالىيە مەسىلىلىرى، بالىلارغا كۆڭۈل بۆلۈش... قاتارلىق ئامىللار پەيدا قىلغان بېسىم بەدەندىكى، بولۇپمۇ قورساقتىكى ئارتۇق ياغنى ئازايتىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، كېچىدە بەش سائەت ياكى ئۇنىڭدىن ئاز ئۇخلىغانلارنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى 13.6 كىلوگرام ئاشىدۇ ياكى يەتتە سائەت ئۇخلىغانلارنىڭكىدىن 30% يۇقىرى بولىدۇ. شۇڭا ئەڭ ياخشىسى بىر سوتكىدا يەتتە سائەتتىن سەككىز سائەتكىچە ئۇخلاشقا كاپالەتلىك قىلغان تۈزۈك.



خەتكۈچلەر:
13-01-2015
يازغۇچى: كاككۇك
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
26-04-2016
يەتتە سائەتتىن توققۇز سائەتكىچە ئۇخلايدىغانلارغا قارىغاندا يۈرەك كېسىلى، دىيابېت كېسىلى بولۇش نىسبىتى يۇقىرى بولىدىكەن. ئۇخلاش ۋاقتى بەك ئۇزۇن بولۇپ كەتسىمۇ ئۇيقۇ سۈپىتىگە تەسىر يەتكۈزىدىكەن، سۈپەتلىك ئۇيقۇ ساغلاملىقنىڭ ئەڭ مۇھىم كاپالىت...
26-04-2016
    سىنگاپور بىرلەشمە ئەتىگەنلىك گېزىتىنىڭ 4- ئاينىڭ 26- كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، پاكىستاننىڭ پۇنجاپ ئۆلكىسىدە بىر ئەر نەۋرىسىنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلەش ئۈچۈن، ئۇنىڭ يېقىن دوستلىرىغا قەندالەت تارقىتىپ بەرگەن، ئەمما ...
26-04-2016
   فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، شۇ جاي ۋاقتى 25-ئاپرېل، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن، كېيىنكى بىر نەچچە ئاي ئىچىدە، زىكا ۋىرۇسى بىمارلىرىنىڭ سانى «كۆرۈنەرلىك كۆپىيىپ»، زىكا ۋىرۇسى دۇنيادىكى ...
26-04-2016
ناتوغرا تۇرمۇش ئادىتى سالامەتلىككە زىيانلىق. كىشىلەر ئادەتتە تاماقتىن كېيىنكى بىر قىسىم ئادەتلىرىگە سەل قارايدۇ، ئەمەلىيەتتە ناتوغرا ئادەتلەر ئاشقازان ۋە ئۈچەينىڭ ساغلاملىقىغا زور تەسىر يەتكۈزىدۇ. تاماقتىن كېيىنلا مېۋە يېمەسلىك ...
26-04-2016
يۇقىرى قان بېسىمىنىڭ پەيدا بولۇشى تۇزنى كۆپ ئىستېمال قىلىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغاندىن باشقا، يەنە يۈرەك كېسىلى، مېڭە سەكتىسى قاتارلىق كېسەللىكلەرنىڭ قوزغىلىشىمۇ تۇزنى بەك كۆپ ئىستېمال قىلىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك. بىراق، ئامېرىكىنىڭ 17 دۆل...
25-04-2016
گېرمانىيەلىك ئادەم بەدىنىگە رەسىم سىزغۇچى سەنئەتكار لىئونى ۋە جورىگ فوتوگراف لايىلا، ئۇۋى بىلەن ھەمكارلىشىپ، 2008-يىلدىن ھازىرغىچە ئادەم ۋە تەبىئەتنىڭ مۇكەممەل بىرىككىشىنى نامايەن قىلىپ بەرگەن نادىر ئەسەرلەرنى كىشىلەرنىڭ ھوزۇرىغا سۇ ...
25-04-2016
    چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئالدىنقى ھەپتىدىكى ياۋروپا ئىتتىپاقى يىغىنىدا، پارلامېنت ئەزالىرى يېڭى سانلىق مەلۇمات قوغداش قانۇن لايىھەسىدە بىردەكلىك ھاسىل قىلدى، 2018-يىلى كۈچكە ئىگە بولۇش بېكىتىلدى. &nb...
24-04-2016
مېڭىنى ساغلاملاشتۇرىدىغان ھەرىكەت — سەكرەش، بىنالارنىڭ پەلەمپىيىدىن چىقىپ –چۈشۈشكە ئادەتلىنىش. ئادەمنىڭ قېرىشىنى كېچىكتۈرىدىغان، خىلىتلارنى ياشارتىدىغان ھەرىكەت — تېز مېڭىش، يۈگۈرۈش، تانسا، ئۇسسۇل ئويناش، ئات چاپتۇرۇش. كۆزنىڭ...
24-04-2016
    سىز تاڭ سەھەردە تاتلىق ئۇخلاۋاتقاندا، تۇيۇقسىز يان تېلېفونغا تەڭشەپ قۇيۇلغان قوڭغۇراقنىڭ ئاۋازىدىن ئويغىنىپ كەتسىڭىز تولىمۇ بىئاراملىق ھېس قىلامسىز؟ بۇنداق بىئاراملىقنى ئازايتىش ئۈچۈن، سىز يان تېلېفوننىڭ قوڭغۇرىقىنى مۇ...
24-04-2016
ئائىلە دوختۇرخانىسى لىنىيەسى: بۆرەك ئاجىزلىق ئەرلەر ئەڭ قورقىدىغان سۆز دېيىشكە بولىدۇ، تۇرمۇشتا نۇرغۇن ئەرلەر بۆرەك ئاجىزلىقنىڭ ئازابىغا ئۇچرىماقتا، بۆرەك ئاجىزلىق ئەرلەر ساغلاملىقىغا ئۈزلۈكسىز تەھدىت سالماقتا. ئۇنداقتا، قايسى ئەرلەر ئەڭ...
Powered by Leglek